ئوقۇتقۇچى بولماسلىقنىڭ 17باھانىسى

ئېلانلىرىمىز سەرخىل

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇئەللىم بىلوگىغا كىرگەن ئەزىز ئوقۇرمەن ، يازمىلىرىمىزنىڭ سىزگە ئەمەلىي نەپ يەتكۈزۈشىنى تولىمۇ ئۇمىد قىلىمىز . ئەگەر يازمىلىرىمىزدىن ئازراق بولسىمۇ ئەمەلىي نەپكە ئىرىشكەن بولسىڭىز، ئۇنداقتا بىزگە ئىلھام بېرىدىغان قەلىب سۆزلىرىڭىز بولغان ئىنكاسلىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز ، رەھمەت !!!


ئوقۇتقۇچى بولماسلىقنىڭ 17باھانىسى

 1-باھانە : دۆلەتنىڭ مائارىپ سىياسەتلىرى يەرلىكتىكى مەكتەپلەردە ئۇزاق مەزگىل ئىغىر دەرىجىدە بۇرمىلانغان . مەكتەپ رەھبەرلىرى ،يەرلىك ھۆكىمەت تەپ تارتماي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق -مەنپەئەتىگە قول تەككۇزەلەيدۇ ،لىكىن كەڭ ئوقۇتقۇچىلار شۇنچە قىيىنچىلىق تارتسىمۇ ئۈن چىقىرالمايدۇ .

2-باھانە :مائارىپ ئەسلىدە پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى ئىدى ،بىراق ئەمەلىيەتتە بۇ پەقەت مەكتەپنىڭلا ئشى بولوپ قالغان ،ھەتتا نۇرغۇن كىشلەرنىڭ تونۇشىدا مائارىپ دېگەن ئۇقۇم بىلەن ئوقۇتقۇچى دېگەن ئۇقۇم بىرگەپ .

3-باھانە :ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئورنىنى يۇقىرى كۆتۇرۇش دېگەپ گەپ تولا تەكرارلىنىپ سەپسەتە بولوپ قالدى . ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مۇئاشىنى ئازراق ئۆسىدىغانلىقى ھەققدىكى خەۋەر دائىم تارقىلىدۇ بىراق رەھبەرلىك قاتلمىدىكىلەرنىڭ دائىم ئۇنتۇپ قالىدىغىمۇ مۇشۇ ئىش .

4-باھانە :مائارىپ ئاللاقاچان پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ «كۆڭۆل بۆلىدىغان نۇقتا»سى بولوپ قالدى ،گويا ھەرقانداق ئادەم ،ھەرقانداق ئورۇن ئۇنىڭغا خالىغانچە قول شىلتىپ ،پەشۋا ئاتسا بولىۋىرىدىغاندەك ؟ مائارىپ پەيدىن -پەي يەرلىك ھاكىمدارلارنىڭ قۇرالىغا ئايلىنىپ، ئۆز ئاۋازىنى ئۆزىمۇ ئاڭلىماس بولوپ قالماقتا .

5-باھانە :ھەممەيلەن ئوقۇغۇچىلارغىلا كۆڭۆل بۆلىدۇ ،پەقەت ئازساندىكى بىرقىسم كىىشلەرلا ئوقۇتقۇچىلارغا كۆڭۆل بۆلىدۇ . ئوقۇتقۇچىلار پەيدىن -پەي بىر ئاجىز توپقا ئايلانماقتا ،تۈرلۈك-تۈمەن سەۋەبلەر ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدا قىيىنچىلىق پەيدا قىلماقتا .

6- باھانە : ھەممە جىنىنىڭ بارىچە ماددى مەدەنىيەت قوغىلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئوقۇتقۇچىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيىتى كەڭ دائىرىدە چۆلدەرىمەكتە . ماتېرىيال كۆرۇشتىن باشقا يەنە نېمە بار ؟ ئوقۇتقچۇى رېستۇراندا غىزالىنىپ قويسا چوڭ يەپ -چوڭ ئىچكەنلىك بولىدۇ ،بىرقانچىسى كۆڭۆل خۇشلۇقى ئۈچۈن قەرت ئوينىسا كۆللىكتىپ قېمار بولىدۇ ، ئوقۇتقۇچى ياخشىراق مۇنچىغا چۈشسە ئىستىلى بۇزۇق بولىدۇ ،ئوقۇتقۇچى مودا مۇزىكىلارنى ئاڭلاپ قويسا ناچار ھەۋەس بولىدۇ .

7-باھانە :مائارىپنىڭ پاكىزە تۇپرىقى ئەمدى ئۇنداق بولماي قالدى . قالايمىقان ھەق يىغىش ،قالايمىقان سىلىق سىلىش بەك ئىغىر ،مەكتەپنىڭ مالىيىسى رەھبەر ۋە يەرلىك ھۆكۇمەتنىڭ كىچىك خەزىنىسى بولوپ قالدى .

8-باھانە :ھازىرقى ئەھۋالدا ئوقۇغۇچى مەڭگۈ بىرىنچى ، ئائىلە باشلىقى تەڭرى .ئوقۇتقۇچى بىلەن ئائىلە باشلىقى ياكى ئوقۇغۇچى ئارىسىدا زىددىيەت تۇغۇلسا گۇناھنىڭ يېلتىزى ئەلۋەتتە ئوقۇتقۇچىدا بولىدۇ .

9-باھانە :بىرياقتىن ساپا مائارىپى دەپ توۋلاپ ،يەنە بىرياقتىن ئىمتىھان مائارىپى دەپ ۋاقىراپ ،ئۇزۇندىن بۇيان ئوقۇتقۇچىلار بۇ ئىككىسنىڭ قىسىلچىقىدا ئاران-ئاران نەپەس ئالماقتا .

10-باھانە :ئوقۇغۇچىنى تەربىيىلەشتە ئەسلى تەنقىدلەش توغرا كەلسە تەنقىدلەش ،قاتتىق تۇتۇش توغرا كەلسە قاتتىق تۇتۇش كېرەك ئىدى ،بىراق ھازىر ئوقۇغۇچىلارنى رىغبەتلەندۈرۈشكە ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا ئۇلارغا خۇشامەت قىلىشقىلا بولىدۇ .

11-باھانە :ساپا مائارىپى شۇئارى ۋە ئىمتىھان مائارىپى بايرىقى ئاستىدا ئاخىرقى ھېسابدا بار بولىدىغىنى يەنىلا «ناچار ئوقۇغۇچى »،«ناچار سىنىپ » ۋە «ناچار ئوقۇتقۇچى» ۋاھاكازالاردۇر .

12-باھانە : ئوقۇتقۇچىنىڭ خىزمىتى راستىنلا سەككىز سائەتلىك تۈۈزمدىمۇ ؟ ئەمەلىيەتتە ئوقۇتقۇچى كۈندىلىك ئارام ۋاقتى ياكى ھەپتە ئاخىرىدىكى ئارام ۋاقلىرىدا بولسۇن غەيرى رەسمي خىزمەت قىلىدۇ ،بۇئىشلارنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ.

13-باھانە : مۇئاشنىڭ قەرزدىن ئاشقىنى ئاش -تۇزنىڭ ،داۋالىنشتىن قىسنىپ زۇكامنىمۇ ئىغىر كىسەلگە ئايلاندۇرۇۋىلىش ئاددى ئىش ،ئۆي ياردەم پۇلى دېگەن خام خىيال ،قىرىغاندا كۇتۇنۇش دېگەن ئاق قەغەز .

14-باھانە : «ناچار ئوقۇغۇچى يوق ،پەقەت ناچار ئوقۇتقۇچى بار » مانا مۇشۇنداق دانا گەپلەر باشقىلارنى ئوقۇتقۇچىلار ئەپلەپ-سەپلەپ كۈن ئۆتكۇزىدۇ دېگەن قاراشقا كەلتۈرۈپ بولدى .

15-باھانە : تەكلىپ قىلىش تۈزۈمى ، شىتات ئوشۇقلىقىدىن كېلىپ چىققان شاللاش تۈزىمى قاتارلىقلارنىڭ سەھنىگە چىقىشى مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنى يۇۋاشلىتىدىغان «ئەنگۈشتەر»ى بولوپ قالدى .

16-باھانە: كەسىپنىڭ مۇقەددەس تۇيغۇسى ئوبىكتىپ جەھەتتە ئوقۇتقۇچىلارنى ئادەمدە بولىدىغان شادلىنش ۋە غەەزبلىنىشتەك نۇرمال كەيپىياتىنىمۇ نىقابلاپ ياشاشقا مەجبۇر قىلغان ،ئۇنىڭ ئۈستىگە جەمئىيەتنىڭ ئۇلاردىن كۈتكەن زور ئۈمىدلىرى قوشۇلۇپ ئۇلار نۇرمال ئادەملەرچە ياشاشتىن بارغانسىرى يىراقلاشماقتا .

17-باھانە :ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىنىڭ خاسلىقى تۇپەيلىدىن ئوقۇتقۇچى نۇرغۇن روللارنى ئوينىشى كېرەك ؛ بىلىم تارقاتقۇچى ، تۇرمۇشتىكى باشقۇرغۇچى ، ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ ۋاكالەتچى خادىمى ، ئوقۇغۇچىلار پىسخىكىسىنىڭ ئەمچىسى ، كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى ئالاقىچى دېگەندەك ... بىراق بۇنچە كۆپ رولنى ئىلىش جەريانىدا ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىچكى دۇنياسىدا ئاسانلا زىددىيەت -توقۇنۇشى كېلىپ چىقىپ ،ئۇلاردا تۈرلۈك پىسخىكلىق مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا .

راست گەپنى قىلغاندا مائارىپنى بوغۇش كۆپ ، مائارىپنىڭ قوشۇمچە ۋەزىپىسى كۆپ . مائارىپ ساھەسىنىڭ ئىچىدە مائارىپنى كۆپتۇرۇپ كۆرسەتكۈچىلەر كۆپ ، مائارىپنىڭ سىرتىدا مائارىپقا قىزىققانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغانلار كۆپ .

مائارىپ شۇناس جۇ يوڭشىن ئەپەندى ئوقۇتقۇچىلىق ھەققىدە مۇنداق دېگەن : « ئوقۇتقۇچىلىق -تەۋەككۇلچىلىكتۇر ، ھەتتا بۇ خىيىم -خەتەرگە تولغان بىر كەسىپ . ئۇلۇغ ئادەملەر بىلەن ئىنسانىيەت دۈشمەنلىرى ئوخشاشلا ئوقۇتقۇچىنىڭ مەھسۇلىدۇر ».


ئېلانلىرىمىز سەرخىل

خالىغان بىر شەكىلدە بېكىتىمىزنى قوللىيالايسىز

    ئاپتور « مۇئەللىم» ھەققىدە

    مۇئەللىم
  • بىلوگچىلىققا بولغان قىزىقىشىم تۈپەيلى ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىمنىڭ نامىغا ماس ھالدا «مۇئەللىم بىلوگى»نى قۇرۋالدىم . مېنى نۇرغۇنلىغان بىلوگ ۋە مۇنبەرلەردە «مۇئەللىم»ياكى «ئىقبال»نامىدا ئۇچىرىتالايسىز . بۇ بىلوگ مېنىڭ شەخسى دۇنيارىم ، بۇ يەردە ۋوردپرېس توغرىسىدىكى ئىزدىنىشلىرىمدىن ، كەچمىشلىرىمنى خاتىرلەش يۈزىسىدىن يازغان شېئىر ۋە يازمىلىرىمدىن ، كەسىپىمگە ئائىت ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولالايسىز ......

  • يازما ئۇچۇرلىرى

ئېلانلىرىمىز سەرخىل

نۆۋەتتە :3   باھا بار ؛ بۇنىڭ ئىچىدە زىيارەتچى قالدۇرغىنى   2   پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى   1 پارچە

  1. قاسىمجان 4

    چىداڭ ئاغا، يەنە بىر قانچە يىل ئىشلىسىڭىز دەم ئېلىشقا چىقىرىۋالىمىز سىزنى. ]4[

    • مۇئەللىم مۇئەللىم

      @قاسىمجان نۆۋەتتە ‘ «ئوقۇتقۇچىلىق قىلغىنىغا 10يىلدىن ئاشقان ئوقۇتقۇچىلارنى سوتتا گۇۋاھلىق بىرىشكە تەكلىپ قىلىشقا بولمايدۇ»دېگەن بەلگىلىمە چىقىپتۇ ، دېگەن گەپلەرنى ئاڭلاشقا باشلىدىم ، سۈرۈشتۈرۈپ باقسام ، ئوقۇتقۇچى 10يىلدىلا كاللىسىدىن كىتەرمىش ……بۇ گەپلەرگە نېمە دېگۈلۈك ئەمدى ؟! ]3[

      • تەشنايى 4

        @مۇئەللىم توۋا دېسىلە، ماندا ئىشمۇ بارمىكەن تېخى؟! ئۆزلىرىنى كۆپ ئاۋايلىسىلا مۇئەللىم، چارچىغاندا بىز بىلەن كۆپرەك پاراڭلىشىپ بەرسىلە، بەزىدە ئوقۇغۇچىلارنى تەكىرارغا سېلىپ قويۇپ كىنو كۆرسىلە ]11[ ، كۆپ – كۆپ ئۇخلاپ بەرسىلە… ئىشقىلىپ سىلى كاللىلىرىدىن كەتسىلە قەتئىي بولمايدۇ ]20[ !

باھا يوللىنىۋاتىدۇ ......

بىر باھا بىر كۆڭۈل !

:?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen: