مۇئەللىم ئارام ئېلىۋاتىدۇ…

ئېلانلىرىمىز سەرخىل

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇئەللىم بلوگىنىڭ ئەزىز ئىشتىراكچىلىرى، كەمىنە دوغاپ مۇئەللىمنىڭ بلوگىدا يېقىندىن بۇيان يېڭىلاشنىڭ ئاز بولۇپ قالغانلىقى ۋە مۇئەللىمنىڭ تورغا جىق چىقالمىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى سۆزلەپ ئۆتمەكچىمەن... مۇئەللىم نېمە بولدى دەمسىلە؟ مۇئەللىم تۈرلۈك تۈمەن ئىشلارنىڭ ھەلەكچىلىكىدە يۈرگەچ ھاردۇق يېتىپ قالدى. دېمىسىمۇ مەكتەپنىڭ تور ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇپ، بالىلارغا دەرس ئۆتۈپ، ۋاقىت چىققاندا بىز كۆپچىلىك بىلەن پاراڭلىشىپ، ئىشلىرىمىزغا خالىس ياردەم قىلىپ، ئۆيىگە قايتقاندا ئائىلىدە ئائىلە باشلىقلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ ، ئىللىقلىق مېھرىنى ئاتا قىلىپ ھېلىھەم ھاردىم-چارچىدىم دېمەي، كۆپ ئىشلارنى ئۆزى قىلىپ ئۈلگۈردى. ئەمما مۇئەللىممۇ بىزگە ئوخشاشلا ئادەمدە! ئۇنىڭغا ھاردۇق راۋۇرۇس يەتتى، ئەمدى ئۇ ئازراق ئارام ئېلىشقا، كاللىسىنى بىر سەگىتىپ، يېنىكلەپ كېلىشكە مۇھتاج بولدى. شۇڭا ئۇنى 15-20 كۈنلۈك دەم ئېلىشقا چىقىرىپ قويدۇم. بلوگنىڭ ئىشلىرىنى ۋە مۇڭداشقۇ توپىنىڭ ئىشىنى ۋاقىتلىق مەن ۋە بىر قانچە كونا بۇرادەرلەر باشقۇرۇپ تۇرىمىز، بلوگنىڭ مۇئەللىمسىز ئاقساپ قېلىشىنى مەن ۋە مۇئەللىم، يەنە بارلىق قېرىنداشلارمۇ خالىمايدۇ، شۇڭا بلوگگىر دوستلارنىڭ مۇئەللىم بلوگىنى داۋاملىق قوللاپ بېرىشىنى سورايمەن. ھەمدە بلوگنىڭ يېڭىلىنىشىغا ئاكتىپلىق بىلەن ئەسەر ئەۋەتىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەسەر ئەۋەتىش مەنزىلى: مانا بۇ يەردە...
گەپ مۇشۇ يەردە تۈگىدى، ۋاقتىنچە مۇئەللمنىڭ ياخشى ئارام ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلايلى، مۇئەللنمنىڭ قۇتلۇق قەدەملىرىنى سېغىنىپ بلوگىنى يوقلاپ تۇرايلى!

قوللاش شەكلى

تاۋباۋ چىقىمدانى ئارقىلىق پۇل تاپشۇرۇڭ

ئۈندېدار ھەميانى ئارقىلىق پۇل تاپشۇرۇڭ

    ئاپتور « دوغاپ» ھەققىدە

  • كەمىنە مۇشۇ ۋوردپرەسكە ئاجايىپ ئىشتىياق باغلىغان بالىمەن، ئۆزۈمنىڭ قىززىقمايدىغان نىمەم يوق،ھەممە نەرسە بىلەن ھەپىلىشىپ باققۇم كېلىدۇ...شۇ سەۋەپتىنمۇ خېلى جىق ئىشلاردىن ساۋادلىق بولۇپ قالدىم....بۇ بلوگمۇ ئۆز قىزىقىشىم ئاساسىدا قۇرۇلدى... گۈدۈك مىكرو بلوگى | شىنلاڭ مىكروبلوگى | QQ مىكروبلوگى | ئالاقىلىشىڭ

  • يازما ئۇچۇرلىرى

ئېلانلىرىمىز سەرخىل

نۆۋەتتە :2   باھا بار ؛ بۇنىڭ ئىچىدە زىيارەتچى قالدۇرغىنى   2   پارچە | باشقۇرغۇچى قالدۇرغىنى   0 پارچە

  1. ۋەھىمە 5

    مۇئەللىمكامۇ ئاز جاپا تارتمىدى ، بىر تەرەپ تىن خىزمەت ، يەنە بىر تەرەپتىن ئائىلە ۋە بىزدەك بىلوگىرلار ئۇچۇن مۇ قىلغان ياردىمى ئاز ئەمەس ، ئۆزىنى چارچىتىپ قويماي ئارمنى راۋۇس ئالسۇن ،

  2. تەشنايى تەشنايى 2

    مۇئەللىم خاتىرجەم ئارام ئېلىۋالسۇن… ئىشلار ئىزىغا چۈشكىچە بىزلەر بلوگىنى باققاچ تۇرارمىز… ھەممە ئىشلارغا ئاللاھتىن ئاسايىشلىق تىلەيمەن.

باھا يوللىنىۋاتىدۇ ......

بىر باھا بىر كۆڭۈل !

:?: :razz: :sad: :evil: :!: :smile: :oops: :grin: :eek: :shock: :???: :cool: :lol: :mad: :twisted: :roll: :wink: :idea: :arrow: :neutral: :cry: :mrgreen: