ئىمتاھاندىن قانداقمۇ ئۈتەي …؟
ئەمىلىيەتتە ، ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەسلىكىمنى مەندىنلا كۆرۈشكە بولمايدۇ ، گەپ بىر يىلىنىڭ ئاران 365 كۈن بولغانلىقىدا !!! قاراڭ بۇ تەھلىلگە :
1 . يەكشەنبە – بىر يىلدا 104 يەكشەنبە بار ، بۇ كۈنلەرنى چىقىرىۋەتكەندە بىر يىلدىن ئاران 261 كۈنلا قالىدۇ .
2 . يازلىق تەتىل – بىر يىلدا تەخمىنەن 50 كۈن ھاۋا بەك ئىسسىق بولىدۇ ، بۇ ئىسسىقتا كىتاب كۆرۈشكە قىلچە ئىمكانىيەت يوق . شۇڭا 261 كۈندىن 211 كۈن قالىدۇ .
3 . بۇنىڭدىن سىرت ، يېڭى يىل ، قاتارلىق بايرام ، دەم ئېلىشلارغا تەخمىنەن 50 كۈن كېتىدۇ . ئۇنداقتا 211 كۈندىن 161 كۈن قالىدۇ .
4 . 161 كۈننىڭ ئىچىدە ، ھەر كۈنى ئۇخلاشقا 8 سائەت ، ئۈچ ۋاخ تاماققا 3 سائەت كېتىدۇ . بۇلارنى قوشقىنىمىزدا يەنە 74 كۈننى ئىگەللەيدۇ . ئۇنداقتا بىر يىلدىن پەقەت 87 كۈنلا قالىدۇ .
5 . ئىمتىھان ۋە سىناقلارغا 50 كۈن كېتىدۇ . ئۇنداقتا بىر يىلدىن پەقەت 37 كۈن قالىدۇ .
6 . بىر يىلدا كىنو كۆرۈش ۋە مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرگە ئاز دېگەندىمۇ 20 كۈن كېتىدۇ . شۇنداق بولغاندا 17 كۈنلا قالىدۇ .
7 . بۇ 17 كۈننىڭ ھەر كۈنى ئېلىكترونلۇق ئويۇن ئويناشقا 1 سائەت ، پاراڭلىشىشقا 2 سائەت ، نەرسە كېرەك سېتىۋېلىشقا يېرىم سائەت ، ھاجەتخانىغا يېرىم سائەت ، شەخسى تازىلىققا يېرىم سائەت ، ئۇششاق چۈششەك نەرسە يېيىشكە يېرىم سائەت … تەخمىنەن 4 كۈننى ئېگىلەيدۇ . ئۇنداقتا بىر يىلدىن 13 كۈنلا قالىدۇ .
8 . بىر يىلدا تەخمىنەن ئاغرىپ قېلىشقا 7 كۈن كېتىدۇ . پەقەت 6 كۈنلا قالدى دېگەن گەپ .
9 . ئوقۇتقۇچى ۋە ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ بىزنى جازالىشىغا تەخمىنەن 5 كۈن كېتىدۇ . ئۇنداقتا بىر يىلدىن پەقەت 1 كۈنلا قالىدۇ .
10 . ئېشىپ قالغان بۇ بىر كۈن دەل بىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىمىز .
قېنى ئويلاپ بېقىڭ بىر يىلدا كىتاب ئوقۇغىلى ۋاقىت چىقمىسا ، ئوقوغۇچىلار ئىنتىھاندىن قانداقمۇ ئۆتەلىسۇن ؟
قوللاش شەكلى
تاۋباۋ چىقىمدانى ئارقىلىق پۇل تاپشۇرۇڭ
ئۈندېدار ھەميانى ئارقىلىق پۇل تاپشۇرۇڭ