2℃
2012-يىلى04-ئاينىڭ07-كۈنى
/ شېئىرلىرىم
/; كۆرۈلۈشى : 55 قېتىم+
خەستە بولغان ھاياتتىن كۆڭلۈم ،
رىئاللىقتىن كەتتى يىراقلاپ .
مەن قايىتقۇچە ئاداقى ئۈمىد ،
بەلكى تۇرار يولۇمدا ساقلاپ .
چەكسىز ساما ، ئۇمىتسىز سۆيگۈ ،
يۇلتۇز بولۇپ يانار چاراقلاپ .
ئاپپاق قالغان ھايات بېتىنى ،
ئۆرۈپ بارار يىللار ۋاراقلاپ .
خىيالىمدا سۆيگەن نۇر لالەم ،
چۈشلۈرۈمگە كىرەر قۇچاقلاپ .
ئەپ كېتىدۇ رىئاللىق يەنە ،
قوللىرىمدىن يۇلۇپ-تارتقۇشلاپ .
خىياللىرىم چەكسىز يىپلىرى ،
ئۈمىتدلەرنى بارىدۇ ئۇلاپ .
ئېستەكلىرىم يۈرىدۇ سەرسان ،
بىر نامەلۇم ئادرسنى سوراپ .
ئاداقى ئۈمىدداۋامىنى ئوقۇش
5℃
2012-يىلى04-ئاينىڭ02-كۈنى
/ يازمىلىرىم
/; كۆرۈلۈشى : 89 قېتىم+
مۇھەببەت
ھەققىدە
ئىگىز-پەس
گەپلەر
مۇھەببەت نەزىرىيىسى
Aبولسا Bنى ياخشى كۆرىدۇ ، Bنىڭ ئارتۇقچىلىقى ئۇنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلغان.ئوخشاشلا Bنىڭ بەزى ئاجىزلىقلىرى ئۇنىڭ ياخشى كۆڭلىنى سوۋۇتىدۇ . ئەگەر Bدىكى بارلىق ئارتۇقچىلىقلار تېپىلىدىغان ، B دىكى كەمچىللىكلەر بولمىغان C پەيدا بولدى ۋە C نى A غا مەپتۇن بولدى دەپ قىياس قىلساق ، ئېنىقكى ، Aچوقۇم C نى تاللايدۇ . شۇڭا نەزىرىيە جەھەتتىن ئېيىتقاندا ...
مۇھەببەت ھەققىدەداۋامىنى ئوقۇش
6℃
2012-يىلى03-ئاينىڭ25-كۈنى
/ شېئىرلىرىم
/; كۆرۈلۈشى : 147 قېتىم+
ئۇچۇرىشىپ قالارمىز كۈنلەردىن بىرى ،
سالامدىن بىنىشان كېتەرمىز ئۆتۈپ .
ۋە ياكى قارارمىز ئارقىغا يېنىش ،
قەدەملەر قەدەمدىن توختاشنى كۈتۈپ .
ئۇچۇرىشىپ قالارمىز كۈنلەردىن بىرى ،
يېنىڭدا قولتۇقلاپ كېلەر بىر سايە .
ئۆتۈشۈپ كېتەرمىز ، مەن ئاچچىق كۈلۈپ ،
سەن بوينى باغلانغان بولۇپ بىچارە .
ئۇچۇرىشىپ قالارمىز كۈنلەردىن بىرى ،
تاشلانساڭ باغرىمغا ئاچارمەن قۇچاق .
ياتسىرار لىۋىڭدىن قورۇنۇپ لىۋىم .
سوۋۇغان تېنىڭنى باسساممەن چىڭراق .
ئۇچۇرىشىپ قالارمىز كۈنلەردىن بىرى ،
ياق ! ئەمەس بۇ دۇن...
ئۇچۇرىشىپ ، قالارمىز ، كۈنلەرداۋامىنى ئوقۇش
4℃
2012-يىلى03-ئاينىڭ24-كۈنى
/ تەرمىلەر
/; كۆرۈلۈشى : 114 قېتىم+
بىر كىشى بولغان ئىكەن ، بىر كۈنى ئۇ ئۆلۈۋالماقچى بوپتۇ . ياشانغان بىر كىشى ئۇنى توسۇپ نىمىشقا ئۆلىۋالماقچى بولىسەن دەپ سوراپتۇ .
ئۆيۈمدە ئېغىر قىيىنچىلىق بار شۇڭا ئۆلىۋالماقچىمەن .
ھەل قىلغىلى بولمايدىغان قىيىنچىلىق يوق ، قېنى دىگىنە قانداق قىيىنچىلىق ؟
مەن بىر تۇل خوتۇننى ئالغان ، ئۇنىڭ بىر قىزى بارتى .
دادام ئايالىمنىڭ قىزىنى كۆرۈپ ئالىمەن دەپ تۇرىۋالدى .
شۇنىڭ بىلەن دادام قىزىمنىڭ ئىرى بولۇپ قالدى .
مەن بولسام دادامنىڭ قېيىن ئاتىسى بولۇپ قالدىم . ئايالىم بىر بالا تۇغدى ...
داۋامىنى ئوقۇش
1℃
2012-يىلى03-ئاينىڭ24-كۈنى
/ يازمىلىرىم
/; كۆرۈلۈشى : 84 قېتىم+
لۇباۋنىڭ "ھايات"نامىلىق رومانىدا مۇنداق بىر ۋەقەلىك تەسۋىرلىنىدۇ : تولۇق ئوتتۇرنى پۈتتۈرۈپ يۇرتىغا قايىتقان ياش گاۋجىيالىن تەقدىرنىڭ دېھقان بولۇشتىن ئىبارەت پۈتمۈشىگە تەن بېرىپ ، ئۆزىگە مەجنۇنلارچە كۆيۈپ يۈرگەن چىرايلىق ۋە ساپ نىيەت يېزا قىزى لىيۇ چىياۋ بىلەن مۇھەببەت باغلايدۇ .كېيىن گاۋجىيالىن تاسادىپى بىر پۇرسەتتە ناھىيىگە كېرىپ خىزمەتكە ئورۇنلىشىپ قالىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇردىغان تالانتىنى كۆرسۈتۈپ ، ھەممىگە ياراپ كېتىدۇ .شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۇنىڭ قىممەت قارىشى ،...
ياخشىسىنى تاللاشداۋامىنى ئوقۇش
0℃
2012-يىلى03-ئاينىڭ23-كۈنى
/ شېئىرلىرىم
/; كۆرۈلۈشى : 57 قېتىم+
نامراتقىنە كۈلبەم بەك غىرىپ ،
تور قاپلىغان قەلبىمنى چەكسىز .
ھەسرەتلەرگە بولۇپ قۇل تۇتقۇن ،
ئارمان بىلەن ئۆلىمەن شەكسىز .
بەلكىم
نامىزىممۇ چۈشۈرلەر ئاددى ،
جىنازامغا يېپىلماس يوپۇق .
گاداي روھىم بارسا باقىغا ،
دوزاقنىڭمۇ ئاسمىنى تۇتۇق .
بەلكىم
ياد ئەتمەيدۇ ھىچكىشى مېنى ،
كەلمەس ھەتتا قەبرەمنى يوقلاپ .
تۇرار پەقەت قۇمۇش قاپلىغان ،
ئاخىرقى ئۆي تېنىمنى قوغداپ .
بەلكىم
سىغىنارغا ئادىمىمۇ يوق ،
قەلىبلەردىن تۇتمىغاچ ماكان .
ئىكەك ئىكەن ئىككى دۇنيادا ،
ئەزىز جانغا غىرىپلىق ھامان ..
بەلكىمداۋامىنى ئوقۇش
3℃
2012-يىلى03-ئاينىڭ22-كۈنى
/ شېئىرلىرىم
/; كۆرۈلۈشى : 126 قېتىم+
يۈتۈپ كەتتى قۇياشنى بىنا،
كەشىسىنى سۆرەپ زىرىكىش
شىپىلداقلاپ چىقتى ئاستىلا.
قەيەردىدۇر ئۈنلەيدۇ گىتار ،
ئۇھسىنىدۇ قىرى مەجنۇنتال .
كۆز قىسماقتا چاقچاقچى يۇلتۇز ،
دەرىزەمدە ئولتۇرىدۇ ئاي .
ياتاقتىكى قۇرۇق كارۋات ،
قۇچۇقۇمدا كەتمەكتە يۇمشاپ ،
خىياللىرىم توقۇماقتا تور ،
يىراقلاردىن-يىراققا ئۇلاپ .
مەكتەپتكى كەچداۋامىنى ئوقۇش
6℃
2012-يىلى03-ئاينىڭ18-كۈنى
/ تەرمىلەر
/; كۆرۈلۈشى : 1 قېتىم+
مۇھەببەتنىڭ ئۆزى بىر سوۋغا ، بۇ سوۋغىنى سىز سېتىۋالالمايسىز ، پەقەت قوبۇل قىلالايسىز.
سۆيۈش مۇھەببەتنىڭ ، مۇھەببەت تۇرمۇشنىڭ ، تۇرمۇش ياراتقۇچىنىڭ سوۋغىسىدۇر .
ئاياللارنىڭ گۈزەللىكى ئەرلەرگە بېرىلگەن سوۋغا ئەمەس ، بەلكى پارىدۇر .
سىرداش دوسىت سىزنىڭ ئۆزىڭىزگە بەرگەن ئەڭ چوڭ سوۋغىڭىزدۇر .....
مۇھەببەتداۋامىنى ئوقۇش
0℃
2012-يىلى03-ئاينىڭ08-كۈنى
/ يازمىلىرىم
/; كۆرۈلۈشى : 1 قېتىم+
بىلوگباسنى ئىشلىتىشكە بىرەر يىل بولار بولماي wordperssئاساسىدىكى بىلوگ سۇپىلىرى مېنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىشقا باشلىدى . PHPدا بولسا مەن قارا ساۋات ، ئانچە-مۇنچە رەسىم تەھرىرلەپ ئۆز ھاجىتىمدىن چىقالىغىنىم بىلەن ، ئەمما كود تەھرىرلەشنى ئەسلا ئۇقمايمەن ، پەقەت ئۇقىدىغىم : كودلارنى بەيدۇ تورىنىڭ تەرجىمە بېتىگە چاپلاپ ، خەنزۇچە تەرجىمىسى بويىچە مەنىسىنى ئۇققاندىن كېيىن ، ئۇيان-بۇيان ئۆزگەرتىپ ، ئۆزگىرىشلەرنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ، ئۇنۇمىنى سېناپ بىقىشتىن ئىبارەت .
مۇشۇنداق كېتىپ بار...
سىناداۋامىنى ئوقۇش
0℃
2012-يىلى02-ئاينىڭ28-كۈنى
/ يازمىلىرىم
/; كۆرۈلۈشى : 1 قېتىم+
يىڭىچە ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى، يىڭىچە رىقابەت، يىڭى دەۋرنىڭ ئىھتىياجى، تەلىپى، ھەيدەكچىلىگى بىلەن مائارىپ سىپىمىزدە بولۇپمۇ ئوقۇتۇش خىزمىتىدە يىڭى - يىڭى ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كىلىپ، بۇرۇنقى مائارىپىمىزنىڭ بوشلۇقىنى تولدۇرۇپ، يىتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاپ، جەمئىيەت ۋە بالىلار ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان تەربىيلەش ئۇسۇلىلىرىنى بەرپا قىلىپ، بىزنى ئاجايىپ خۇشاللاندۇردى، شۇنداقلا ئوقۇتۇشنىڭ باشلامچىلىرى بولغان بىز ئوقۇتقۇچىلارنى ھەم ئالدىرىتىپ ، ھەم گاڭگىرىتىپ قويدى.
جۈملىدىن مەنمۇ بىر ئوقۇت...
ئوقۇتۇشداۋامىنى ئوقۇش
ئوقۇش پۇلىنى ب
بىزدەك يېڭى ئۆ
ئوقۇغۇچى قۇبۇل
ئەمدى ئۇسلۇبنى
تاپشۇرۇپ ئالدى
ئىسپات تور شە
مۇئەللىم گوگىل
ئۇقۇتقۇچى دېگە