مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4788|ئىنكاس: 24

NASA: كېيىنكى 10 يىللىق ئاي كالېندارى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82221
يازما سانى: 581
نادىر تېمىسى: 12
مۇنبەر پۇلى : 39084
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2200 سائەت
تىزىم: 2012-6-28
ئاخىرقى: 2015-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-11 10:19:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

NASA: كېيىنكى 10 يىللىق ئاي كالېندارى

بىلىمنىڭ زاكىتىنى بېرىش، ئۆزىنى «ئۇيغۇر زىيالىسى» دەپ ھېسابلايدىغان ھەر بىر كىشىنىڭ مىللىي مەجبۇرىيىتى.
---بىلىمخۇمار


رامىزان ئېيىنىڭ باشلىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن بىر قېرىندىشىمىز مەندىن يېڭى ئاينىڭ قايسى كۈنى چىقىدىغانلىقىنى سوراپ ئۇچۇر يوللاپتۇ.  شۇنىڭ بىلەن مەن توردا ئىزدىنىش جەريانىدا، ھەممەيلەن ئۈچۈن لازىم بولىدىغان بىر تور بېتىنى ئۇچرىتىپ قالدىم.  بۇ تور بېتى ئارقىلىق ھازىردىن باشلاپ بۇنىڭدىن كېيىنكى 10 يىل ئىچىدىكى ھەر قانداق بىر ئاي ئىچىدە ئاينىڭ چىقىش ئەھۋالى قانداق بولىدىغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدىكەن.  بۇ تور بېتىنىڭ ئادرېسى:

http://www.moonconnection.com/moon_phases_calendar.phtml  
بۇ تور بېتىدە ئاي سانلىق رەقەم بىلەن ئەمەس، ئىنگلىزچە يېزىلىشى بويىچە ئېلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە مەنىسى مۇنداق:
1.January – يانىۋار
2.February – فەۋرال
3.March – مارت
4.April – ئاپرەل
5.May – ماي
6.June – ئىيۇن
7.July – ئىيۇل
8.August – ئاۋغۇست
9.September – سىنتەبىر
10.October – ئۆكتەبىر
11.November – نويابىر
12.December -- دىكابىر

بولسا بۇ تور بېتىنى ئېچىپ بېقىپ، ئۇنىڭ ۋەتەندە ئېچىلىدىغان-ئېچىلمايدىغانلىقى توغرىسىدا مۇشۇ يازمىنىڭ ئاستىغا بىر ئۇچۇر يوللاپ قويغان بولساڭلار.  ئەگەر بۇ تور بېتى ئېچىلمىسا، مەن يەنە باشقىلىرىنى ئىزدەپ باقاي.

قۇياش سىستېمىسىدىكى پلانېتىلار ۋە ئۇلارنىڭ ھەمراھلىرى بىر ئىنتايىن ئېنىق تەرتىپ ۋە ئاسترونومىيىلىك قانۇنىيەت بويىچە ھەرىكەت قىلىدىغان بولغاچقا، ناسا بۈگۈندىن باشلاپ مىڭ يىل ئۆتكەندىن كېيىنكى بىر ئاي ئىچىدە، يەنى، 3013-يىلى ئىيۇل ئېيىدا، ئاي چىقىش ئەھۋالىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنىمۇ ھېسابلاپ چىقالايدۇ.  تۆۋەندىكى رەسىمدە بۇ يىل (يەنى 2013-يىلى) ئىيۇن، ئىيۇل ۋە ئاۋغۇست ئايلىرىدا ئاي چىقىش ئەھۋالىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.  ئۇنىڭغا قارىساق، بۇ قېتىمقى يېڭى ئاي 9-ئىيۇل كۈنى چىقىپتۇ.  ئاۋغۇستتىكى يېڭى ئاي 8-ئاۋغۇست كۈنى چىقىدىكەن.  مەن بۇ 3 پارچە رەسىمنى يۇقىرىدىكى تور بېتىدىن ئالدىم.  ئاشۇ تور بېتىدە سىز بۇنىڭدىن كېيىنكى 10 يىل ئىچىدىكى خالىغان بىر يىلنىڭ خالىغان بىر ئېيىدىكى ئاي چىقىش ئەھۋالىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى كۆرەلەيسىز.  

مېنىڭ بىلىشىمچە، بىرەر ھېيت نامىزىنى ئوقۇشتا، سەھۇدى ئەرەبىستاندىكى ۋە دۇنيانىڭ باشقا يەرلىرىدىكى مۇسۇلمانلار يېڭى ئاينى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرىشى شەرت ئىكەن.  ئەگەر يېڭى ئاي چىقىدىغان كۈنى ھاۋا بولۇتلۇق بولۇپ قالىدىكەن، مەن تۇرىۋاتقان يەردىكى مۇسۇلمانلار سەھۇدى ئەرەبىستاندىن يوليۇرۇق سوراپ، ئاندىن ھېيت نامىزىنى قايسى كۈنى ئوقۇشنى قارار قىلىدىكەن.  كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا، بىز تۇرىۋاتقان يەردىكى مۇسۇلمانلار ھېيت نامىزىنى ئىككى كۈن ئوقۇيدۇ.  بۇ شىئاي بىلەن سۈننىي مۇسۇلمانلىرىنىڭ پەرقىمۇ، ياكى ئوخشىمىغان مىللەتلەر گۇرۇپپىسى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقمۇ، ئۇنى مەن تازا بىلىپ كېتەلمىدىم.

ئاينىڭ بىز بىلەن بولغان ئارىلىقى بىر ئاز ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان بولۇپ، ئاينىڭ مەركىزى بىلەن يەر شارىنىڭ مەركىزىنىڭ ئەڭ يېقىن ئارىلىقى 363 مىڭ كىلومېتىر، ئەڭ يىراق ئارىلىقى بولسا 407 مىڭ كىلومېتىر، ئوتتۇرىچە ئارلىقى 384،403 كىلومېتىر كېلىدۇ.  يەر شارى بىلەن ئاينىڭ ئارىلىقى يەر شارى دىيامېتىرىنىڭ 30 ھەسسىسىگە تەڭ.  ئەمما، بۇلۇتلارنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئىگىزلىكى ئاران 11 كىلومېتىر كېلىدۇ.  يەنى، يەر يۈزىدىن يۇقىرىغا قاراپ مېڭىپ، 11 كىلومېتىردىن ئېشىپ كەتسەك، بىز بۇلۇتلارنىڭ ئۈستىگە چىقىپ كېتىمىزدە، ئاينى بۇلۇت توسىۋالىدىغان ئىش بولمايدۇ.

نۇر ھەر سېكونتىغا 300 مىڭ كىلومېتىر ئارىلىققا ماڭىدۇ.  ئاينىڭ ئۆزىدىن نۇر چىقمايدىغان بولۇپ، ئۇ خۇددى كۈننىڭ نۇرىنى قايتۇرىدىغان بىر پارچە ئىنتايىن قاسماق بولۇپ كەتكەن ئەينەككە ئوخشاش (ئاينىڭ يۈزى ھەر خىل تاشلاردىن تۈزۈلگەن)، ئۆزىگە كۈندىن كەلگەن نۇرنى سرىتقا چېچىپ قايتۇرىدۇ.  بىز ئاخشىمى ئەنە ئاشۇنداق نۇرنى كۆرۈپ، «ئاينى كۆردۈق» دەپ يۈرۈيمىز.  ئايدىن قايتقان نۇر بىزگە بىر سېكونتتىن سەل ئۇزۇنراق ۋاقىتتا يېتىپ كېلىدۇ.  قۇياشتىن چىققان نۇر بىزگە 8 مىنۇت 20 سېكونتتا يېتىپ كېلىدۇ.


= ============================================= =

كائىنات توغرىسىدىكى بۇرۇنقى تېمىلىرىم (ئەڭ يۇقىرىسىدىكىسى ئەڭ كونىسى):

ناسا: ئايغا ساياھەت قىلىش ئىشلىرىنىڭ ھازىرقى تەرەققىيات ئەھۋالى
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-106495-1-1.html

ناسا: ئەڭ چوڭ كائىنات ئۇچار تېشى يەر شارىنى زىيارەت قىلدى
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-106754-1-1.html

NASA: يەنە بىر ئالەم ئۇچار تېشى يەر شارىنىڭ يېنىدىن ئۆتتى
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-107132-1-1.html

NASA : كائىنات ھازىرمۇ توختىماي كېڭىيىۋاتىدۇ
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-106758-1-1.html

NASA: يەنە بىر ئالەم ئۇچار تېشى يەر شارىنىڭ يېنىدىن ئۆتتى
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-107132-1-1.html

NASA: كائىناتتىكى ئادەتتىكى ماددا %4، قاراڭغۇ ماددا% 22، قاراڭغۇ ئېنېرگىيە % 74
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-107190-1-1.html

NASA: مارستا قۇرۇق مۇزنىڭ ئىزى بايقالدى
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-107297-1-1.html

NASA: بىر ئالەم ئۇشقۇرى قۇياش سىستېمىسى چېگرىسىغا يېتىپ باردى
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-107626-1-1.html

NASA: كېيىنكى 2 كۈندە ئاي ئىنتايىن چوڭ كۆرىنىدۇ
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-107660-1-1.html

NASA: مارسنىڭ ئەڭ يېڭى كۆرۈنىشى
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-107802-1-1.html

NASA كائىنات ئۇچار تاشلىرىنىڭ 10000ئىنچىسىنى بايقىدى
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-108115-1-1.html

NASA: بىزگە خوشنا گالاكسىنىڭ ئەڭ يېڭى رەسىمى
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-108116-1-1.html

NASA: پلۇتوننىڭ ئىككى ھەمراھىغا ئىسىم قويۇلدى
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-108204-1-1.html

NASA: مارس بەزىدە تەتۈر ماڭامدۇ؟
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-108241-1-1.html




20130709_moon03.jpg


20130709_moon01.jpg


20130709_moon02.jpg


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zvmrat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-11 02:15 PM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
TILSIMAT + 500
nawa + 300 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 800   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92091
يازما سانى: 787
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3261
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2186 سائەت
تىزىم: 2013-2-22
ئاخىرقى: 2015-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-11 02:19:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت ئەركىن ئاكا،

سىز تەمىنلىگەن توربەت ئېچلىدى.

يىيىش ئۈچۈن ياشىمايمەن،ياشاش ئۈچۈن يەيمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82221
يازما سانى: 581
نادىر تېمىسى: 12
مۇنبەر پۇلى : 39084
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2200 سائەت
تىزىم: 2012-6-28
ئاخىرقى: 2015-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-11 02:23:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قۇمباغ79 يوللىغان ۋاقتى  2013-7-11 02:19 PM
رەھمەت ئەركىن ئاكا،

سىز تەمىنلىگەن توربەت ئېچلىدى.

رەخمەت ۇكام

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92091
يازما سانى: 787
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3261
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2186 سائەت
تىزىم: 2013-2-22
ئاخىرقى: 2015-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-11 02:48:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bilimxumar يوللىغان ۋاقتى  2013-7-11 02:23 PM
رەخمەت ۇكام

QQ截图20130711144419.png


ئەركىن ئاكا بۇيىل 7-ئايدا 10-چىسلا يېڭى ئاي چىقىپتۇھە؟مەن تەكشۈرەلمىدىممۇيا؟سىزنىڭكىدە9-چىسلا دەپ باركەن.
يىيىش ئۈچۈن ياشىمايمەن،ياشاش ئۈچۈن يەيمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82221
يازما سانى: 581
نادىر تېمىسى: 12
مۇنبەر پۇلى : 39084
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2200 سائەت
تىزىم: 2012-6-28
ئاخىرقى: 2015-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-11 03:09:50 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قۇمباغ79 يوللىغان ۋاقتى  2013-7-11 02:48 PM
ئەركىن ئاكا بۇيىل 7-ئايدا 10-چىسلا يېڭى ئاي چىقىپتۇھە؟ ...

بۇ يەردە 9-چىسلا ۋاقتىدا ۋەتەندە 10-چىسلا بولۇپ بولىدۇ. ۇ تور بېتى غەرپنىڭ ۋاچتى بويىچە وخشايدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80963
يازما سانى: 195
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 161
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 395 سائەت
تىزىم: 2012-6-2
ئاخىرقى: 2014-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-11 03:19:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
7-ئاينىڭ 9-كۈنى بىر دوستۇم (ئۇ دوستۇم بىر مەن تۇرغان بۇ شەھەردىكى مەسچىتنىڭ ھەيئىتى) دىن :«ئىنشا ئاللاھ رامىزان ئەتە، يەنى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى باشلىنىدىغان بولدى.» دەپ ئۇچۇر كەلگەن ئىدى. بىزمۇ شۇ بويىچە 10- چىسلادىن باشلاپ روزا تۇتقان ئىدۇق.
بىلىمخۇمار ئاكىمىز تەمىنلىگەن تور بەتتىمۇ 7-ئاينىڭ 10-كۈنى يېڭى ئاي چىققانلىقىنى كۆرسىتىپتۇ.
بىلىمخۇمار ئاكىمىزدىن ئاللاھ رازى بولسۇن. بىزگە بىلمىگەن نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلدۈرىۋاتىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80963
يازما سانى: 195
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 161
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 395 سائەت
تىزىم: 2012-6-2
ئاخىرقى: 2014-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-11 03:21:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قۇمباغ79 يوللىغان ۋاقتى  2013-7-11 02:48 PM
ئەركىن ئاكا بۇيىل 7-ئايدا 10-چىسلا يېڭى ئاي چىقىپتۇھە؟ ...

ئەركىن ئاكىمىزنىڭ چاپلاپ قويغىنى 6-ئاينىڭ ئىكەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92091
يازما سانى: 787
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3261
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2186 سائەت
تىزىم: 2013-2-22
ئاخىرقى: 2015-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-11 03:33:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەشتەر22 يوللىغان ۋاقتى  2013-7-11 03:21 PM
ئەركىن ئاكىمىزنىڭ چاپلاپ قويغىنى 6-ئاينىڭ ئىكەن.

6-.7-.8-ئايلارنىڭ بار،ئەركىن ئاكمىزنىڭ چاپلىغىنىدا.

يىيىش ئۈچۈن ياشىمايمەن،ياشاش ئۈچۈن يەيمەن.
زارى بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-11 03:52:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92091
يازما سانى: 787
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3261
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2186 سائەت
تىزىم: 2013-2-22
ئاخىرقى: 2015-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-11 04:07:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bilimxumar يوللىغان ۋاقتى  2013-7-11 03:19 PM
بۇ يەردە 9-چىسلا ۋاقتىدا ۋەتەندە 10-چىسلا بولۇپ بولىدۇ. ۇ ...


شۇنداقكەن،ئۇيەردە 9-چىسلا كەچ ئاي كۆرگەن ۋاقىتتا بۇيەردە 10-چىسلا بوپ بولدىكەن،
رەھمەت سى‍زگە سىزنى ئاۋارە قىلدىم. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قۇمباغ79 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-11 04:11 PM  


يىيىش ئۈچۈن ياشىمايمەن،ياشاش ئۈچۈن يەيمەن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش