玛干音乐制作

دۇنيا مالى نەقەدەر توپلانسا تۈگەيدۇ،يوق بولىدۇ.سۆز يىزىلسا قالىدۇ،دۇنيانى كىزىدۇ.

دۇنيا مالى نەقەدەر توپلانسا تۈگەيدۇ،يوق بولىدۇ.سۆز يىزىلسا قالىدۇ،دۇنيانى كىزىدۇ.

6860 ئەسكەرتىش:رەسىم تېما بىلەن مۇناسىۋەتسىز كەسىپداشلار ياخشىمۇسىلەر. Cubase 8 غا KORG pa900 نى چېتىپ ، ئ

مەن كومپىيوتېرىمغا CUBASE قاچىلىغانتىم ھەم NUENDO مۇ قاچىلاپ باقتىم

مەن بۇرۇن sonar 8 نى ئىشلىتەتتىم ...يېق

بۇگۇن مەن Sonar نىڭ تارىختىكى ئەڭ يىڭى نۇسخىسىSonar.X

ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم دوسلار ، كەمىنە ۋىروستىن ھەممىڭلارغا ئ

fl studio دا تەڭكەش مۇزىكىنى قانداق كىرگۈزۈپ ناخشا ئۈنگە ئالغىلى بولدۇ .....

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۇ تۇر بەت بەكلام جىمڭپ كەتتى جۇمۇ.KORG PA600نىڭ پاسلىرى بۇلسا ئەۋەتىپ

ھەرقانداق vst مەندە بار لازىم بولسا بۇ ئۈندىدار توپىغا كىرىڭ 6839 6838 6837 6836 6835 6834 6833 6832 6831 6830 6829 6828 6827 6826 6825 6824 6823 6822 6

ئەسسالام ئەزىز قېرىنداشلار مەن ئائىلىدە ئىشلەتكىلى بىر دانە ئ

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بارلىق كەسىپداشلار ئۇستازلار ماڭا CUBASE5 ي

ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوست

Adobe Auditionدا مىدى سىم ئارقىلىق رويالدىكى چالغان مۇزىكىنى قانداق ئاۋازغا ئالىمىز ؟Adobe Auditionدىكى مەشغۇلات

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بارچە ئەزىز قېرىنداشلار ، كەسىپداشلار ، مەندىن ھەمىمىڭلارغا ئوتتلۇق سال

ئەسسىلام ئەلەيكۇم ئۇستازلا ماڭا vst نى ئشلىتىش

6639 http://player.youku.com/player.php/sid/XMTI1NjIwNTUyMA==/v.swf ئانا پىشتىدا مەمەت پىچاق ئاخسا ئىشىكتىن كىرگەندە چ

ئۆزۈم ئاككوردلاشتۇرغان بىرقانچە مۇزىكا. كەسىپداش.تورداشلار باھا... مۇزىكىلارنى ئاككوردلاشتۇرۇشقا ئىشلەتكەن ئۈسكىنىلەر:- كومپىيوتې

نەچچە كۈندىن بۇيان كەچ تەرەپلەردە زىرىكىپ ماۋۇ ناخشىنى ئو

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار يىقىندا ئۆزۈم قازاقچە ناخشىدىن ئۆزلەشتۈرگەن ئەس

دۇسلار مۇزىكا ئىشلەشكە AMD FX-8300 CPU بۇلامدۇ ؟ . بەزەنلەر intel i3 intel

دوسلار خاپا بولماي ماڭا waves9 نىڭ تۇللۇق چۈشۈرۈش ئادىرسىنى ي

بۇ نەشىرى بىلەن تەمىنلىگەن توردىشىمىز ‹نەپرىتم› گە رەھمىتىمىز

6644 http://player.youku.com/player.php/sid/XMTI1NjIwNTUyMA==/v.swf ‹ھوقوقنىڭ ئويۇنى› دىگەن كىنونىڭ ئاساسى مۇزىك

Glance – Sexy Girl قۇرلۇش ھۆججىتى دوسلارغا روس ناخشىچى Glanc

دوسلار ياخشىمىۇ سىلەر يەنە بۈگۈن كەچ ئۇقۇم كەلمەي تور ئارلاۋېتىپ بىر خۇشا

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ماكان مۇبىرىدىكى بارلىق جاپاكەش ئۇستازلار ،دوسلار ياخشىمۇ سېلەر ؟مەن باشقىلاردىن MAC سېس

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا جۈمەجان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-24 13:19 ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ماكاندا

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ماڭا يۇللۇغۇم دىگەن ناخشىنىڭ تەڭكەشنۇسىسى جىددى كىرەكتى 3437535841چچىرىم.

http://player.youku.com/player.php/sid/XMjk2MDQzNzk2/v.swf پىئانىنودا دەششەت چەپ قويۇپتىغۇ ئىش قى

ئالدى بىلەن بەرباب بىلەن تونۇشۇپ چىقىلى بەرباب ئەجدادلىرىمىز ئەڭ بۇرۇن ك

6573 ئۈندىدار توپىدا بىر توردىشىمىز بۇ فىلىمنى يوللاپتىكەن،شۇنىڭ

6497 ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن بۈگۈندىن 16 يىل ئىلگىرى يەنى 2000 – يىلى باھاردا لوندوندا كىشى ئۇنتۇلغ

يېقىندا ناخشىچى ۋە مۇزىكانتىمىز شۆھرەرت تۇرسۇننىڭ بۇ فىلىمنى كۆرۈپ قالدىم،ئ

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! ئەزىز مۆھتىرەملەر ! مەندە KORG PA500 با

6856 Korg pa 300 پاسلىرى ئېھتىياجى با باللا چۈشۈرۈپ ئىشلىتەسىلە پاسلارنى ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورىنىڭ خاسلىغ

rolan gr-55 boss rc-300 پايدىلىنىپ چالنغان. تۇنجى قىتىم loop ئېشلىتىشىم http://player.youku.com/player.php/sid/XMTc4MTA4MTY3Ng==/v.swf

http://player.youku.com/player.php/sid/XMTc5MDY4NjA1Mg==/v.swf

ئۈندىدار 14799476715 ئورنى قەشقەر قاغىلىق KORG 80 ياكى KORG 60 بولسىمۇ بولدۇ

]ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەن غۇلجىدىن بۇلىمە ، ماڭا ئەرز

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بارلىق مۇنبەر ئەھلى كەمىنە ئوسمانجان تەمكىدىن ھەممىڭلارغا يالقۇنلۇق سالام سىلەرگە شىئېريەت سالوندا يى

قالدىم ئەلەمدە ھەسەنجان تىلۋالدى ئەجەپ تارىتتىم سۆيگۈ

بۇ مۇزىكىنى -كۈسەن ناخشا -ئۇسۇل ئۆمىكى مۇزىكانىتلىرى ئۇرۇنل

107.4 سەنئەت رادىئوسى،شاتلىق مىنوتلىرىنى ئاڭلىغان بولىشىڭىز مۇمكىن.بۇ پىر

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم مۇنبەردىكى قەۋۇم-قى

PARUK213 ئسملېك بىر دوستىمىز، MIDI مۇزىكىلار توپلىمىنى چۇشۇرىۋ

ھەر قىتىم ئىنكاس يازاي دەپ تورنى ئاچسام ئاز دىگەندىمۇ 1 مىنۇت كىتىدۇ . تىما يوللاي دەپ يىڭى تىما يوللاشنى با

تۆنۆگۈن ساما بىلەن مەسلىھەتلەشكەن مۇنداق بىر ئىش بارتى.

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان دىيارىمىزدا بەيدۇ دېسكىسدىن ھۆججەت چۈشۈرۈشت

ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئەزى

جەمئىي مىكروبلوگ 1930 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • MARS 5 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،

  • xah 2017-1-31 18:23 [ئىنكاس(0)] [...]

    تېپىپ  بولدۇم   . رەھمەت

  • letip 2017-1-21 13:56 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار! مۇنبەردە ئىلگىركىدەك ئاۋاتلىق يوققۇ؟

  • halastan 2016-12-5 00:35 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەردىكى  قىرىنداشلار ھەممىڭلارغا مەندىن ئوتلۇق سا...

  • مۇغەننى 2016-12-3 17:56 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم،قېرىنداشلار ياخشىمۇ-سىلەر.

  • m-k-music 2016-9-22 18:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالام دوستلار،ئۇزۇندىن بىرى مۇنبەرگە كىرىپ بولالمىدىم.ھەممىڭلارياخ.....

  • ساددا 2016-8-13 17:58 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەردىكى  قىرىنداشلار ھەممىڭلارغا مەندىن ئوتلۇق سا...

  • 1309513900 2017-2-10 13:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    مەندە بىر دانە 99%  يىڭى  KORG  PA300  ئىلىكتىرونلۇق رويال با سىتىلىدۇ ئۆيدە چالغان

  • xah 2017-1-31 11:29 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ ئاكىمىزنىڭ ئالاقىلىشىش نومۇرىنى تېپىشىپ بەسەڭلار

  • ئەخمەت 2016-12-13 11:13 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھەممىڭلارغا مەندىن ئوتلۇق سالاملار بولسۇن قىرىنداشلار

  • halastan 2016-12-5 00:35 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم،قېرىنداشلار ياخشىمۇ-سىلەر.

  • باغاق 2016-10-20 15:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    سالام  كەسىپداشلار..fl studio 12 نىڭ ئۇيغۇرچە تۇلۇق دەرسى بولسا  سېتىۋالاي دېگەن..

  • ياڭراق 2016-9-2 19:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇستازلار ناخشىللىرىڭلارنى ياڭراق تورىغا يوللايلى . تېخىمۇ كۆپ ئادەم ئاڭ...

  • ئۇدۇن 2016-7-24 02:37 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھەممىڭلارغا مەندىن ئوتلۇق سالاملار بولسۇن

كۆرۈش: 2508|ئىنكاس: 20

دۇنياۋېي شۆھرەتلىك گىتارچى – ئەرمىك

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]


دۇنياۋېي شۆھرەتلىك گىتارچى – ئەرمىك

   
5688890754299214414.jpg

غېنى سەمەت


ئەرمىك زامانىمىزدا ئىخلاسمەنلىرى  ئەڭ كۆپ بولغان دۇنياۋېي گىتارچى بولۇپ تۇرماقتا.  خەلقىمىزدىمۇ ئۇنىڭ گىتار كۈيلىرىگە مەستانە بولغان گىتار ھەۋەسكارلىرى ۋە كۈي زوقمەنلىرى ئاز ئەمەس.
بۈگۈنكى زامان مۇزىكا دۇنياسىدىكى ‹‹ يېڭى فىلەمېنكو گىتار ئېقىمى ›› نىڭ ئەڭ مەشھۇر ۋەكىلى ئەرمىك ئىراندا ئەرمىنىيەلىك كۆچمەن ئائىلىسىدە  تۇغۇلغان . دادىسى ساز دوكىنىنىڭ خۇجايىنى ئىدى. بالىلىق دەۋرىدىلا مۇزىكا تالانتى بايقالغان، گىتارغا چۇڭقۇر مۇھەببەت باغلىغان  ئەرمىك يەتتە يېشىدا ئەتىۋارلىق قول سائىتىنى قىلچە ئىككىلەنمەي گىتارغا تېگىشىپ، قازناقتا يۇشۇرۇن گىتار مەشق قىلىشقا كىرىشىدۇ. دادىسىنىڭ قىزغىن رىغبەتلەندۈرىشى ۋە قوللىشى بىلەن مۇنتىزىم ھالدا گىتار دەرسىگە قاتنىشىپ، ئىككى يىلدا گىتارنىڭ ئاساسىي بىلىملىرى ۋە ماھارەتلىرىنى دېگۈدەك ئىگىلەپ بولىدۇ. ئۇنىڭ دەسلەپتە ئىخلاس قويغىنى جاز مۇزىكىلىرى بولۇپ ،12 يېشىدا گىتارنى كىشىنىڭ مەستلىكى كەلگۈدەك دەرىجىدە ماھارەتلىك چېلىش سەۋىيىسىگە يەتكەندىن باشقا، مۇزىكا ئىجاد قىلىپ، باشقىلارنى تاڭ قالدۇرىدۇ.
ئۇ 1970-يىللارنىڭ دەسلىپىدە گىتارنىڭ مۇقەددەس ماكانى ئىسپانىيەگە سايەھەت ۋە ئۆگىنىشكە كېلىپ، ئىسپانىيەنىڭ فىلەمېنكو مۇزىكىلىرىدىن زىلزىلىگە كېلىدۇ. بولۇپمۇ، ئىسپانىيەلىك مەشھۇر گىتار ئۇستازى پېكودولوكىيانىڭ ئۇسلۇبى ۋە ماھارەتلىرىدىن چۇڭقۇر ئىلھام ئېلىپ، فىلەمېنكو گىتار كۈيلىرىنى ئۆگىنىشكە كىرىشىدۇ، زور ئىجتىھات ۋە جاپالىق مەشق  گىتار ئاساسى ۋە بىلىمى پۇختا بولغان ئەرمىكنى ئۇزۇنغا قالماي، بۇ ئۇسلۇبتىكى يېتۈك ئىجراچى ۋە ئىجادىيەتچىگە ئايلاندۇرىدۇ.گىتار ئۇستىلىرى توپلاشقان ئىسپانىيەدە ناھايىتى تېزلا كۆزگە كۆرۈنىدۇ. بۇ ئۇنىڭ كەسپىي ھاياتىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قالىدۇ.1975-يىلى تۇنجى پىلاستىنكىسى《Faramarz Aslani》 نەشىردىن چىقىپ، ئۆزىنىڭ فىلەمېنكو ئۇسلۇبىدىكى ئىستىداتىنى دەسلەپكى قەدەمدە نامايەن قىلىپ، مۇئەييەن ئېتىراپقا ئېرىشىدۇ. 1981-يىلى ئامېرىكىغا بېرىپ، كەسپىدە تېخىمۇ  تەرەققى قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ.بۇ مەزگىلدە  بىر تەرەپتىن ئامېرىكىدا كەڭ تارقالغان زامانىۋېي مۇزىكا ۋە گىتار ماھارەتلىرىنى پىششىق ئۆگەنگەچ،يەنە بىر تەرەپتىن  كىلاسسىك ،جاز ، فىلەمېنكو ، سىگان ئۇسلۇبىدىكى كۈيلەرنى بىرلەشتۈرۈپ يېڭى ئۇسلۇب يارىتىش ئۈسىتىدە چۇڭقۇر ئىزدىنىدۇ، بۇ ئۇسلۇبتا مۇزىكا ئىجاد قىلىدۇ ۋە گىتارغا دادىل بىرلەشتۈرىدۇ. ئۇزۇن مەزگىللىك جاپالىق مەشق،ئەستايىدىل ئۆگىنىش، چۇڭقۇر ئىزدىنىش،سىناق،ئەتىراپلىق تەتقىقات، قىزغىن ئىجادىيەت ئۇنى قاتتىق تاۋلايدۇ.ئۇ ئاخىرى پارتلاپ، 1994-يىلى ئامېرىكىدا تۇنجى مۇنتىزىم  پىلاستىنكىسى - ‹‹ يامغۇردىكى ئۇسسۇلچى ›› نەشردىن چىقىشى بىلەن گىتار ساھەسىنى تىترىتىۋىتىدۇ. 1995-يىلى ‹‹سىگانغا مۇھەببەت ›› ، 1997-يىلى ‹‹ مالاگا ›› ناملىق پىلاستىنكىلىرى  ئېلان قىلىنىپ، تېخىمۇ زور ئالقىشقا سازاۋەر بولىدۇ ۋە دۇنيا فىلەمېنكو ساھەسىدە ئورتاق ئېتىراپ قىلىنغان گىتارچىغا ئايلىنىدۇ. 2002-يىلى ‹‹ جەننەتتىكى ئېزىقىش ›› ناملىق پىلاستىنكىسى تارقىتىلىپ، دۇنيا گىتار ساھەسىدە سىلكىنىش خاراكتېرلىك تەسىر قوزغايدۇ.ئاجايىپ تېز سۈرئەتتە دۇنياغا تاراپ كېتىدۇ. بۇ پىلاستىنكا ئىجادىيەت ۋە ئۇرۇنلاش جەھەتتىن يىپيېڭى بىر ئۇسلۇبنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى سۈپىتىدە ، ئۇنىڭغا ئالەمشۇمۇل شۆھرەت ئېلىپ كېلىپ، گىتار ساھەسىدىكى تەۋرىمەس ئورنىنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالىدۇ. دەرۋەقە ، ئەرمىك بۇ پىلاستىنكىسى بىلەن ‹‹ جاز، سىگان، فىلەمېنكو ئاھاڭلىرى ›› نىڭ گىتاردىكى ھەقىقىي جىپىسلىشىشى بولغان ‹‹ يېڭى فىلەمېنكو  گىتار ئېقىمى›› نىڭ دۇنياۋېي ۋەكىلى ئىكەنلىكىنى دۇنياغا جاكارلايدۇ. ئۇنىڭ پىلاستىنكىلىرى كەينى-كەينىدىن ئېلان قىلىنىپ ،ئاجايىپ كەڭ تارقىلىدۇ.
ئۇ ئۇرۇنلىغان ‹‹ ئالتۇن – كۆمۈش ئارىلى ››، ‹‹ يامغۇردىكى ئۇسسۇلچى ››، ‹‹ يامغۇرلۇق يەكشەنبە ››، ‹‹ روسسېنىڭ يېڭى يۇلتۇزى ››، ‹‹ سېنىڭ تەپەككۇرۇڭ ›› ، ‹‹ چۆچەكلەردەك ئاي نۇرى ›› ، ‹‹ يالقۇنلۇق ھېسسىيات ››، ‹‹ كېلەنتې ›› ،‹‹ مالاگا ››،‹‹ جەننەتتىكى ئېزىقىش ›› ، ‹‹ قىزىل ئەتىرگۈل ›› ، ‹‹ پىيانىنو كېچىسى ›› ، ‹‹ خىيال ›› ،‹‹ رۇمانتىك چۈش ››، ‹‹ رۇمانتىك قەھۋە ›› ، ‹‹ ئەتىرگۈلدەك يار ››..قاتارلىق گىتار مۇزىكىلىرى دۇنيادىكى ، كۈي سۈيەرلەر تولىمۇ سۆيۈپ ئاڭلايدىغان، ئاڭلىغانسېرى قانمايدىغان ، گىتار ئەھلى ئۈلگە قىلىدىغان كۈيلەرگە ئايلىنىپ كېتىدۇ.ئەرمىك قىزغىنلىقى  پەيدا قىلىپ، گىتارنىڭ سېھرى كۈچىنى قايتىدىن تونۇتىدۇ. ئۇنىڭ ھازىرغىچە ‹‹ رۇمانتىك چۈش ›› ( 2004)، ‹‹ بىرازىلىيەدىكى بىر كۈن ›› ( 2007)، ‹‹ بارسېلونا ›› ( 2008 )، ‹‹ قايناق سېرېنادا ›› ( 2009)، ‹‹ سۆيۈش ›› ( 2010 )، ‹‹ ئەرمىك كۈيلىرىدىن تاللانما ›› ( 2008 )، ، ‹‹ يېڭى فىلامېنكو كۈيلىرىدىن جەۋھەرلەر ›› ( 2008 )، ‹‹ گىتار قەھرىمانى ›› ( 2007 )، ‹‹ مېنىڭ قىزغىنلىقىم ›› ( 2006)، ‹‹ دېڭىزنىڭ چۈشى ›› (2005 ) ، ‹‹ گۆھەر ›› ( 2004 )، ‹‹ پىيانىنو كېچىسى ›› ( 2004)، ‹‹ گىتارغا مۇھەببەت ›› ( 2003 )، ‹‹ جەننەتتىكى ئېزىقىش ›› ( 2003 )،‹‹ يامغۇردىكى ئۇسسۇلچى ›› ( 1994)، ‹‹ سىگان يالقۇنى ›› ( 1995)، ‹‹ رۇبىيە ›› (1996 )، ‹‹ مالاگا ›› ( 1997 )، ‹‹ قۇياش ئارىلى ›› (1999 )، ‹‹ ئەتىرگۈلدەك يار ›› ( 2001 )، ‹‹ رۇژدېستۋولىق تىلەك ›› (2006 )، ‹‹ رۇمانتىك قەھۋە ››( 2004 )...قاتارلىق مەخسۇس پىلاستىنكىلىرى نەشىر قىلىنغان بولۇپ،ھەر بىرسى دېگۈدەك ئابىدە خاراكتېرلىك پىلاستىنكا بولۇپ قالىدۇ.

th.jpg

     فىلەمېنكو –ئىسپانىيەنىڭ ئىككى دۆلەت مەدەنىيەت گۆھىرى ( يەنە بىرى  تەنھەرىكەت تۈرى – كالا سوقۇشتۇرۇش ) نىڭ بىرى . فىلەمېنكو ناخشا، مۇزىكا ، ئۇسسۇل بىرلەشتۈرۈلگەن ئۆزگىچە سەنئەت شەكلى بولۇپ، 15-ئەسىرلەردە ئىسپانىيەنىڭ جەنۇپ تەرىپىدىكى سىگانلار ئارىسىدا پەيدا بولۇپ راۋاجلانغان. 19-ئەسىرلەرگە كەلگەندە، لاتىن ئامېرىكىسىغا كىرگەن.كېيىن دۇنياۋېي خاراكتېرلىك مۇزىكا ئېقىمىغا ئايلىنىپ، دۇنياغا كەڭ تارالغان. فىلەمېنكونىڭ مۇزىكا تۈرى ئاساسەن گىتار بىلەن ئورۇنلىنىدىغان مۇزىكىلارنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ ، ئىسپانچە ئالاھىدىلىكى قويۇق بولغان بۇ مۇزىكا ئۇسلۇبى ھازىرقى دۇنيادىمۇ گىتارچىلارنىڭ سەۋىيە ۋە ماھارىتىنى دەرىجىلەيدىغان ئاساسلىق ئۆلچەم بولۇپ قالدى.بۇ ئۇسلۇپ 7 ئەسىرلىك تەرەققىيات جەرىيانىدا ، شەكىللىنىش ۋە كىلاسسىك دەۋرىنى بېسىپ ئۆتتى. بۈگۈنكى كۈندە يېڭى فىلەمېنكو ئېقىمى ھاياتىي كۈچىنى نامايەن قىلىپ، دۇنيادىكى ئەڭ جەلىپكار مۇزىكا ئېقىملىرىنىڭ بىرى بولۇپ تۇرماقتا.
‹‹ يېڭى فىلەمېنكو مۇزىكا ئېقىمى ››  كىلاسسىك فىلەمېنكو كۈيلىرى بىلەن جاز ۋە سىگان كۈيلىرى ئاجايىپ جىپىسلىشىشىتىن خاراكتېرلەنگەن مۇزىكا ئېقىمىدۇر. ئەرمىك دۇنيا مۇزىكا ساھەسىدە ، گىتار ئورۇنلاشتا ‹‹ يېڭى فىلەمېنكو مۇزىكا ئېقىمى ›› نىڭ ئەڭ مەشھۇر ۋەكىلى ھېسابلىنىدۇ.ئۇنىڭ گىتار كۈيلىرىنىڭ خېلى كۆپ قىسمىنى ئۆزى ئىجاد قىلغان ياكى ئۆزگەرتكەن بولۇپ، ئاككوردلاشتۇرۇش، ئۈن ئېلىش قاتارلىقلارغىمۇ ئۆزى يېتەكچىلىك قىلىدۇ.بۇ كۈيلەر ئادەمگە ئاجايىپ زور كەيپىيات بوشلۇقى، تەسەۋۋۇر كەڭلىكى، ھېسسىيات پەرۋازى بەخش ئېتىدۇ. ئۇنىڭ كۈيلىرى ئاساسلىقى گىتار بىلەن ، ئۆز نۆۋىتىدە پىيانىنو، دۇمباق،ئىسكىرىپكا قاتارلىق كۆپ خىل ساز يانداشتۇرۇلغان ھالەتتە ئورۇنلىنىپ كەلدى.بۇ كۈيلەرنىڭ كۆپى ساپ مۇزىكىلا بولۇپ،تېكىست سېلىنىپ، ناخشا سۈپىتىدە ئورۇندالغانلىرى كۆپ ئەمەس. ئۇنىڭ گىتارلىرىدىن تۆكىلىۋاتقان كۈيلەر تولىمۇ سىرلىق روھ ۋە ھېسسىيات بىلەن سۇغۇرۇلغان ، لېرىك شېئىرلاردەك رۇمانتىك مېلودىيە ۋە جۇشقۇن ئۇسسۇللاردەك رېتمغا تۇيۇنغان. ئۇ گىتار ماھارىتىدە ئەقىلنى لال قىلغۇدەك سەۋىيەگە يەتكەن بولۇپ، تەبىئىي،نازۇك، ياۋايى ھېسسىيات بىلەن ئىنچىكە، پۇختا ماھارەت تەبىئىي رەۋىشتە بىرلىشىپ كەتكەن. ئۇنىڭ تولىمۇ نەپىس، لەرزان، جۇشقۇن كۈيلىرىنى ئاڭلىغىنىڭىزدا، ئۇ سىزگە يۈرەكنىڭ ئەڭ چۇڭقۇر قاتلاملىرىدىكى ئەڭ پىنھان، نازۇك ھېس- تۇيغۇلارنى سۆزلەپ بېرىۋاتقاندەك تۇيۇلىدۇ.ئۇنىڭ زەخمىكى شۇنچىلىك تېز ۋە لەرزان چېكىلىۋاتقان  گىتارىدىن تەبىئەتنىڭ ھاياتبەخش  پىچىرلىشى ۋە ھاياتنىڭ قانۇنىيەتلىرى يۇغۇرۇلغان قۇيۇق ھېسسىيات تېمىپ تۇرىدۇ.
رۇمانتىك، لەرزان ھېسسىيات بىلەن يۇغۇرۇلغان، سىرلىق روھ، ئەركىن تەسەۋۋۇر ، تېرەن مەزمۇن بىلەن يۇغۇرۇلغان كۈيلىرى ، كامالەتكە يەتكەن ئورۇنداش ماھارىتى بىلەن يېڭى فىلەمېنكو مۇزىكا ئېقىمىنى ،  دۇنيا گىتارچىلىقىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرگەن بۇ سەنئەتكار 2012-يىلى 1-ئايدا يېڭى پىلاستىنكىسى - ‹‹ سۆيگۈ قەسىرى ›› نى ئېلان قىلىپ، مۇزىكا ساھەسىدە تېخىمۇ زور زىلزىلە پەيدا قىلىپ، گىتار مۇزىكىلىرىنىڭ سېھرىي كۈچىنى دۇنيا ئەھلىگە يەنە بىر قېتىم چۇڭقۇر ھېس قىلدۇردى.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2013-5-11 13:55:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ گىتتارچىنىڭ مۇزىكىلرنى تولىمۇ ياخـتۇرمەن ئۇيۇمدە بىر تال پىلاستىكىسى بار .
ۋاقتى: 2013-5-11 14:30:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھە.....ئىرانلىقكەندە بۇ ئادەم.....تېمىڭىزغا كۆپتىن- كۆپ رەھمەت!
ئاستا ماڭساڭمۇ توختاپ قالما!!!
ۋاقتى: 2013-5-11 17:39:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ نەزىرىمدە بۇ ئادەم تۇغۇلغاندا گىتتار چىلىشقىلا يارالغاندەك بىلىنىدۇ.
سالام ماكانداشلار،ھەممىڭلار ياخشىمۇ
ۋاقتى: 2013-5-11 21:45:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   بۇ مەشھۇر كىشىنىڭ پىلاستىنكىلىرىنى توردىن تاپقىلى بولامدۇ؟
ۋاقتى: 2013-5-12 00:06:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن كۆرۈپمۇ باقماپتىكەنمەن بۇ ئادەمنى.  مۇزىكىسىنىمۇ ئاڭلىماپتىكەنمەن..  تېمىڭىزغا رەھمەت
ۋاقتى: 2013-5-12 01:44:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jam17 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-12 01:47  

مىنىڭچە بۇ گىتارچىنىڭ مۇزىكىسىنى ئاڭلىمىغان ئۇيغۇر بولىمىسا كىرەك . چۇنكى شىنجاڭ تىلىۋزىيىسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلانىلرىدا بەك كوپ ئىشلىتدۇ بۇ گىتارچنىڭ مۇزىكىسىنى .
مەن مۇشۇ گىتارچى بىلەن jesse cook ئىكككىسنىڭ مۇزىكىسىنى بەك ياختۇرىمەن .
رەھمەت يولىغان تېمىڭىزغا
ۋاقتى: 2013-5-12 16:04:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ئەگەر چۈشۈرۈپ ئاڭلىماقچى بولسىڭىز :http://www.xiaohx.com/search?key=ARMIK&cat=
ۋاقتى: 2013-5-13 10:51:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەندە 2 مۇزىكىسى بار ئىدى ،قالغان لىنتىلىرىنى تاپماكچى بولسام نەدىن ئىزدەيمەن؟ چۈشۈرۈش ئادىرسىنى ئېيتىپ بەرگەن بولساڭلار ،تېما ئىگىسىگە رەھمەت.
مۇنبەردىكى بارلىق كەسىپداشلارنىڭ ئىشلىرىن ...
ۋاقتى: 2013-5-13 21:05:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن تالانتى باركەن ..تېمائىگىسىگەرەھمەت...
ۋاقتى: 2013-5-14 22:18:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   halastan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-14 22:20  

تېمىڭىزغا رەھمەت مەنمۇ تۇنجى كۆرۇشىم جاپاچىكىپسىز
ۋاقتى: 2013-5-27 04:44:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
halastan يوللىغان ۋاقتى  2013-5-14 22:18
تېمىڭىزغا رەھمەت مەنمۇ تۇنجى كۆرۇشىم جاپاچىكىپسىز

مۇبارەك بولسۇن ،،  ئالىي ئەزا بولۇپسىز
ۋاقتى: 2013-9-21 02:34:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   بۇ مەشھۇر كىشىنىڭ پىلاستىنكىلىرىنى توردىن تاپقىلى بولامدۇ
مەن كەلدىم !!!!!
ۋاقتى: 2013-9-21 02:38:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە بۇ گىتارچىنىڭ مۇزىكىسىنى ئاڭلىمىغان ئۇيغۇر بولىمىسا كىرەك . چۇنكى شىنجاڭ تىلىۋزىيىسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئېلانىلرىدا بەك كوپ ئىشلىتدۇ بۇ گىتارچنىڭ مۇزىكىسىنى .
مەن مۇشۇ گىتارچى بىلەن jesse cook ئىكككىسنىڭ مۇزىكىسىنى بەك ياختۇرىمەن .
رەھمەت يولىغان تېمىڭىزغا
مەن كەلدىم !!!!!
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-9-30 23:00:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەكىرەم يوللىغان ۋاقتى  2013-9-21 02:38
مىنىڭچە بۇ گىتارچىنىڭ مۇزىكىسىنى ئاڭلىمىغان ئۇيغۇر بو ...

شۇنداق . ئىشقىلىپ گىتتار چالىدىغانلىكى كىشى مۇشۇنىڭغا ئۇخشاش گىتتار پىرلىرىنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلىپ ۋەكىللىك ئەسەرلىرىنى چېلىشنى ئۆگىنىپ تەرەققى قىلىدۇ. مەندە بۇنىڭ 8 دىن ئارتۇق پىلاستىنكىسى بار . قارىغاندا گىتتارچى بالىلار خېلى كۆپ ئوخشايدۇ بۇ ‹ماكان› نىمىزدا !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


قاماقخانا|WAP|Archiver|玛干音乐制作 ( 新ICP备13002498号-1  

GMT+8, 2017-2-22 13:37 , Processed in 1.000020 second(s), 95 queries .

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش