تەڭرىتاغ بۈركۈتى
تەڭرىتاغ بۈركۈتى
سەيپىدىن ئەزىزى
باھاسى:16.00
2007-يىلى 3-ئاي 2-نەشرى
2009-يىل 3-ئاي 2-بېسىلىشى
Isbn:9787537102186
مۇقەددىمە
ئابدۇكېرىم (ئۆز ۋاقتىدا شۇنداق ئاتاشقا ئادەتلەنگەنىدىم) خەلقنىڭ سادىق ئوغلى ، قەيسەر ئىنقىلابىي جەڭچىسى ئىدى . ئۇ 1921-يىلى تۇغۇلۇپ ، 1949-يىلى قۇربان بولغۇچە 28 يىللا ئۆمۈر كۆردى . ئۇ ئىنقىلابىي ئىدىيىگە ئىگە بولۇپ ، توققۇز يىل ئىنقىلابىي ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ ھەر جەھەتتە تازا كامالەتكە يەتكەن چاغدا ئالەمدىن ئۆتتى . توققۇز يىل بىر ئادەمنىڭ ئۆمرى ئۈچۈن بۇ بەك قىسقا ۋاقىت ۋاقىت ھېسابلىنىدۇ ، بىراق بۇ قىسقىنىغا توققۇز يىلدا داستان قىلىپ مەدھىيەلىگۈدەك ئۇلۇغ تۆھپىلەرنى ياراتتى .
بىز «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» نى ئەسكە ئالغىنىمىزدا ، ئابدۇكېرىمنىڭ جۇشقۇنلۇق ، قەھرىمان ئوبرازى كۆز ئالدىمىزغا كېلىدۇ ؛ ئابدۇكېرىمىنى ئەسكە ئالغىنىمىزدا ، «جۇڭگو خەلق دېموكراتىك ئىنقىلابىنىڭ بىر قىسمى»بولغان «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» نىڭ جەڭگىۋار ئۆتمۈشى كۆز ئالدىمىزدىن تىزىلىپ ئۆتىدۇ ، ئابدۇكېرىمنىڭ ھاياتى «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان .
ئابدۇكېرىم ياشىغان دەۋر ، يەنى 20-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى چارىكى – پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوخشاش شىنجاڭدىمۇ زىددىيەت مۇرەككەپ ، كۈرەش كەسكىن ، ۋەزىيەت داۋالغۇپ تۇرۇۋاتقان بىر تارىخىي مەزگىل ئىدى . ياڭ زېڭشىن ، جىن شۇرېنلارنىڭ خەلققە سالغان ئازاب – ئوقۇبەتلىرى ، شېڭ شىسەينىڭ فاشىستلىق قىرغىنچىلىقى ، گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقى شىنجاڭ خەلقىنىڭ بېشىغا بالايىئاپەت كەلتۈردى . بۇ تارىخىي مەزگىلدە ، ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمران سىنىپلارنىڭ خەلققە سالغان پاجىئەلىك زۇلۇمى ۋە دەھشەتلىك ئېكسپىلاتاتسىيىنى ، بۇلاڭ – تالاڭ ۋە قىرغىنچىلىقلىرى ئىلگىرىكىدىن ھەسسىلەپ ئېشىپ كەتتى . لېكىن ، ئاققان قانلار بىكارغا كەتمىدى . نەدە زۇلۇم بولسا شۇ يەردە قارشىلىق بولىدۇ . زۇلۇم قانچىكى رەھىمسىز بولسا ، كۈرەشمۇ شۇنچە شىددەتلىك بولىدۇ . ئەكسىيەتچىلەر ئۆزىگە گۆر تەييارلايدۇ ، كۈرەش جەريانىدا سانسىز قەھرىمانلار يېتىشىپ چىقىدۇ .
ئاشۇنداق ئەنسىز زامانلاردا ، شىنجاڭدا خەلقنىڭ دۈشمىنى بولغان ھەر خىل ئەكسىيەتچىل كۈچلەر بىلەن كۈرەش قىلىش جەريانىدا ، خەلقىمىزدىن نۇرغۇن ئىنقىلابىي زىيالىيلار يېتىشىپ چىقتى . بۇنداق زىيالىيلاردىن بىر قىسمى – جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى شىنجاڭغا ئەۋەتكەن كوممۇنىستلارنىڭ شىنجاڭغا چاچقان ماركسىزم ئۇرۇقىنىڭ بىخلىرى بولۇپ ئۈنۈپ چىقتى . ئۇلار كۈرەش جەريانىدا ئۆسۈپ يېتىلىپ ۋە چېنىقىپ ، خەلق ئازادلىق ئىشلىرى يولىدا زور خىزمەت كۆرسەتتى ، «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» دا مۇھىم رول ئوينىدى .
ئابدۇكېرىم جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ بىۋاسىتە تەربىيىسىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن ئاشۇنداق كوممۇنىزم ئىدىيىسىگە ئىگە ئىنقىلابىي زىيالىيلارنىڭ بىرى . ئۇ ئۆزىنىڭ تالانتى ، ئۇلۇغۋار غايىسى ، ئۇرغۇپ تۇرغان زېھنى ، قەتئىيلىكى ، كەسكىنلىكى ۋە ئېسىل پەزىلىتى بىلەن تېخىمۇ قەدىرلەشكە ئەرزىيدىغىنى شۇكى ، ئۇ ئۆزىنىڭ قىسقىنىغا ئۆمرىدە ماركسىزملىق مىللەت قارىشىدا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ ، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى ، ۋەتىنىمىزنىڭ بىرلىكى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشتى ، ئۇ خەلقىنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ياشايدۇ ، ئۇ ئۆلمەس ئوغلان .
مەن ئابدۇكېرىم ئابباسوف توغرىسىدا تولۇقراق بىر تەرجىمىھال ئەسەر يازماقچىدىم . بىراق ، ئاۋۋاللىرى خىزمەت ئالدىراش ، ۋاقىت قىس بولدى . ھازىر يېزىشقا شارائىت بولمىسىمۇ ، بىراق توپلىغان بىر مۇنچە مۇھىم ماتېرىياللارنى يىغالمىدىم ، ھازىر قولۇمدا بار ماتېرىياللارغا ئاساسەن بۇ كىتابنى يازدىم .
ئابدۇكېرىمنىڭ ئىنقىلابىي ھاياتى ،بولۇپمۇ ئۇنىڭ «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» جەريانىدىكى ئىنقىلابىي پائالىيەتلىرى «تەڭرىتاغدا گۈلدۈرماما» دېگەن ئەسىرىمدە تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلغانلىقى ئۈچۈن ، بۇ ئەسەردە ئاساسلىقى ئۇنىڭ تىپىك سەرگۈزەشتلىرى ۋە مۇھىم ئىنقىلابىي پائالىيەتلىرى بايان قىلىندى . شۇڭا بۇ ئىككى ئەسەردە بەزى تەكرارلىنىشلاردىن ساقلانغىلى بولمايدۇ .
يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئەسەرنىڭ «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» قىسمىدا ، «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» بىلەن «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» نىڭ ئاساسىي رەھبىرى يولداش ئەخمەتجان قاسىمغا دائىر ئەھۋاللار بىر قەدەر تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلغانلىقى ئۈچۈن ، «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» ۋە يولداش ئەخمەتجان قاسىمى توغرىسىدا تەپسىلىي توختالمىدىم . ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئەستە تۇتۇشلىرىنى سورايمەن .
يولداش دېڭ لىچۈن شۇنچە ئالدىراش تۇرۇپمۇ كىتابىمنى تەپسىلىي كۆرۈپ تەپسىلىي كۆرۈپ چىقىپ ، مۇھىم تۈزىتىش پىكرىنى بەردى . مەن يولداش دېڭ لىچۈننىڭ پىكرىگە ئاساسەن يەنە بىر قېتىم تۈزىتىپ چىقتىم.
بۇ ئەسىرىمدە يېتىشسىزلىكلەر ۋە كەمچىللىكلەر بولۇشى تەبىئىي ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ، بولۇپمۇ «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» نى ۋە ئابدۇكېرىمنى بىلىدىغان يولداشلارنىڭ پىكىر بېرىپ يېتەرسىزلىكلەرنى تولدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
ئەسەرنى رەتلەش ۋە تۈزىتىشتە ليۇ جىشياۋ ، لى جىچېڭلار ئوبدان ياردەم قىلدى . يولداش لى جىچېڭ يەنە خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلدى ، بۇ يولداشلارغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمەن .
تورداشلارنىڭ ئىنكاسى
ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.
ھازىرچە ئىنكاس يوق