海米赛现象”与维吾尔文学“

海米赛现象”与维吾尔文学“

خەمىسەچىلىك ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى(خەنزۇچە)

ئاپتورى:ئەسەت سۇلايمان

باھاسى:20.00

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى

2001-يىل5-ئاي1-نەشرى

2001-يىل5-ئاي1-بېسىلىشى

تىراژى:1000

isbn:7563113657

سېتىۋېلىش ئادرىسى:http://item.taobao.com/item.htm?id=18280432454&

ئاساسىي مەزمۇنى

خەمسەچىلىك شەرق ئەدەبىياتىدا مەيدانغا كەلگەن ۋە ئۇزاق ئەنئەنە سۈپىتىدە داۋاملاشقان ئالاھىدە ئەدەبىي ھادىسە بولۇپ،ئۇنىڭ ئوتتۇرا ئەسىر پارس ۋە تۈركىي ئەدەبىياتىغا كۆرسەتكەن تەسىرى ناھايىتى چوڭقۇردۇر .مەزكۇر ئەسەر مەخسۇس مۇشۇ تېمىغا بېغىشلانغان بولپ،پۈتكۈل ئەسەر مۇقەددىمە ،خاتىمە ۋە ئۈچ بابلىق ئاساسىي تېكىستتىن تەشكىل تاپتى.

مۇقەددىمە قىسىمىدا خەمىسىچىلىكتىن ئىبارەت بۇ ئەدەبىي ئەنئەنىنىڭ جۇڭگو ۋە چەت ئەللەردە تەتقىق قىلىنىش ئەھۋالى ،مەزكۇر كىتابنىڭ ھەل قىلماقچى بولغان مەسلىسى ،تەتقىقات ئۇسۇلى ۋە يۆلىنىشى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

بىرىنچى بابتا خەمسەچىلىك ھادىسىنىڭ مەيدانغا كېلىشى ۋە شەكىللىنىشى ،خەمسەچىلىك ئەنئەنىسىنىڭ ئۆزىگە خاس نەزەرىيىۋى پرىنسىپلىرى،شۇنداقلا شەرق خەلقلىرى ئەدەبىياتىغا كۆرسەتكەن تەسىرى تارلىق مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىندى .بولۇپمۇ نىزامى گەنجىۋى ،ئەمىر خۇسراۋ دېھلىۋى ،ئابدۇراخمان جامى قاتارلىق بۈيۈك خەمسەنەۋسلەرنىڭ «خەمسە» لىرى ئۈستىدە تەھلىل يۈرگۈزۈلدى.

ئىككىنچى بابتا ،ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇلۇغ شائىر مۇتەپپەككۇرى ئەلشىر نەۋائىنىڭ «خەمسە» سى ئاساسىي نۇقتا سۈپىتىدە شەرھلەندى.ئەلشىر نەۋائى ئىجادىيىتىنىڭ مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشى ،خەمسەچىلىك تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىسى،يېڭىلىقلىرى ۋە كېيىنكى دەۋر ئەدەبىياتىغا كۆرسەتكەن تەسىرى تەپسىلىي يورۇتۇلدى.بولۇپمۇ نەۋائى «خەمسە»سى تەركىبىدىكى ھەر قايسى داستانلارنىڭ مەزمۇن ئالاھىدىلىكى ،سيۇژېت مەنبەلىرى ،پېرسۇناژلار ئوبرازى ۋە بەدىئىي مۇۋەپپەققىيەتلىرى خېلى چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىندى.

ئۈچىنچى بابتا ،خەمسەچىلىك ئەنئەنىسى ۋە نەۋائى«خەمسە» سىنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا كۆرسەتكەن كۈچلۈك تەسىرى نۇقتىلىق شەرھلەندى،شىنجاڭدا شەكىللەنگەن نەۋائىيشۇناسلىق ئىلمىي ،نەۋائى«خەمسە»سىنىڭ ئۇيغۇر ئەدىبلىرى تەرىپىدىن نەسرلەشتۈرۈلۈشى.ئابدۇرېھىم نىزارى ،تۇردۇش ئاخۇن غېرىبى،سەبۇرى ۋە ھازىرقى زامان شائىرى نىمشېھىت قاتارلىق ئەدىبلىرىنىڭ داستانلىرى بىلەن نەۋائى«خەمسە» سىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئېغىز ئەدەبىياتىغا كۆرسەتكەن تەسىرى شەرھلەندى.

مەزكۇر كىتاب خەنزۇچە، 2001-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان

تۈرى :ئەدەبىي ئەسەرلەر, 中文 | خەتكۈچ :

بۇ كىتابلارنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ :

ئۇيغۇر توتېم مەدەنىيىتى ئۇيغۇر توتېم مەدەنىيىتى
ئۆزلۈك ۋە كىملىك ئۆزلۈك ۋە كىملىك

تورداشلارنىڭ ئىنكاسى

    • rasheed
    • 2016-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى 09:12:29

    مەزكۇر كىتابنىڭ تاۋ باۋدىن كۆرسەتكەن سېتىلىش ئادرىسىڭىز ئېچىلمىدى. ھازىرمۇ بارمۇ؟ سېتىلامدۇ؟ باھاسى؟

  1. ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.