تەپەككۇرنىڭ قۇدرىتى

ناپالېئون خېئول

باھاسى:19.8

2004-يىلى 7-ئاي 1-نەشرى

2004-يىل 7-ئاي 1-بېسىلىشى

تىراژى:1-3000

Isbn:7537237662

تەرجىماندىن

ئادەم مەيلى قېرى بولسۇن ياكى ياش بولسۇن ، ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن ، سودىگەر بولسۇن ياكى ئادەتتىكى ئىشچى بولسۇن ، گېنېرال بولسۇن ياكى دېھقان بولسۇن ، ھەر ۋاقىت ، ھەر جايدا توختىماستىن تەپەككۇر قىلسا ، ئۇنىڭدىن ئېرىشىدىغان ھاسىلات ياكى ئۈنۈم ئوخشاش بولمايدۇ . ئادەمنىڭ تەپەككۇر قىلىشى مىللەت ، دۆلەت ، دىن ۋە ئىرقنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ .

ئادەمنىڭ تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلى ئۆزگەرسە ، ئۇنىڭ ئىدىيىسىمۇ ئۆزگىرىدۇ ؛ ئادەمنىڭ ئىدىيىسى ئۆزگەرسە ، ئۇنىڭ ھەرىكەت قىلىش ئۇسۇلى ۋە ئادىتىمۇ ئۆزگىرىدۇ ؛ ئادەمنىڭ ھەرىكەت قىلىش ئۇسۇلى ۋە ئادىتى ئۆزگەرسە ، ئۇنىڭ تەقدىرىمۇ ئۆزگىرىدۇ .

قىسقىسى ، سىزنىڭ قانداق تەپەككۇر قىلىشىڭىز تەقدىرىڭىز قانداق بولۇشنى بەلگىلەيدۇ . بۇ كىتاب دەل سىزگە قانداق تەپەككۇر قىلىشنى ئۆگىتىدۇ .

مەن بۇ كىتابنى ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا كىتابخانىدا كۆرۈپ ، ئۇنى ئوقۇشقا كىرىشىپلا كەتكەنىدىم . ناپالىئون خېئولنىڭ بۇ كىتابتا ئوتتۇرىغا قويغان تەپەككۇر توغرىسىدىكى ئىدىيىسى ۋە كۆز قاراشلىرى ئېنىق ھەم چۈشىنىشلىك بولۇپ ، ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق تەپەككۇرنىڭ قۇدرىتىنىڭ قۇدرىتىنىڭ ھەقىقەتەن چەكسىز ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان . ئەينى ۋاقىتتا بۇ كىتاب مېنىڭ تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلۇمغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەنىدى . شۇ چاغدا مەن «بۇ كىتابنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ ، ئۇيغۇر كىتابخانىلىرىمىز بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈش ناھايىتى زۆرۈر ئىكەن» دەپ ئويلىغانىدىم . ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتكەندە ، كىتاب تارقىتىش ساھەسىدە يېڭىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقىۋاتقان تۇران سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن بۇ كىتابنى تەرجىمە قىلىشىمنى ئويلاپ باقمىغانىدىم .

قىسقىسى ، مۇۋەپپەقىيەت ئىلمىنىڭ ئاساسچىسى بولغان ناپالېئون خېئولنىڭ دۇنياغا مەشھۇر بۇ كىتابىنىڭ تەرجىمە قىلىنىپ نەشردىن چىقىشى ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىمىز ئۈچۈن ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بىر ئىش . مەيلى چوڭ بولسۇن ياكى كىچىك بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن ، بۇ كىتابتا سۆزلەنگەن تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇللىرىنى ئىگىلىۋالسا ، خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا زور بۇرۇلۇش ياسىيالايدۇ ، ئۆز تەقدىرىنى ئۆز ئىلىكىگە ئالالايدۇ ، پارلاق ئىستىقبالىغا ئېرىشەلەيدۇ.

 

تۈرى :پىسخولوگىيە | خەتكۈچ :

بۇ كىتابلارنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ :

«باھادىرنامە» رومانىنى ئوقۇشتىن تەسىرات  «باھادىرنامە» رومانىنى ئوقۇشتىن تەسىرات
يورۇڭقاش شادلىقى
باتۇر تەڭرىقۇت باتۇر تەڭرىقۇت
ئۆتكەن كۈنلەر ئۆتكەن كۈنلەر
چىڭگىزخان

تورداشلارنىڭ ئىنكاسى

  1. ھازىرچە ئىنكاس يوق

  1. ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.