ساداقەت

ئاپتورى:ماھىنۇر ئابدىلىم

باھاسى:18.00

2009-يىلى 4-ئاي 1-نەشرى

2009-يىلى 4-ئاي 1-بېسىلىشى

تىراژى:1-3000

ISBN:9787537161251

نەشرىياتتىن

ئايال ئاپتورلىرىمىز ئىچىدە ئۆز ئىجتىھاتى بىلەن بارغانسېرى ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىگە سازاۋەر بولۇۋاتقان ياش يازغۇچى ماھىنۇر ئابدىلىم 1973-يىلى 18-فېۋرال كورلا شەھىرىدە ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . 1990-يىلى كورلا شەھەرلىك 6-ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ، شىنجاڭ ئەدلىيە مەكتىپىگە قوبۇل قىلىنغان . ھازىر كورلا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىدە ئىشلەۋاتىدۇ .

بالىلىق دەۋردىن باشلاپ ئەدەبىياتقا ھېرىسمەن ماھىنۇر 1989-يىلى «بوستان» ژۇرنىلىغا ئېلان قىلىنغان «ساقلىنىپ قىلىنغان بايلىق » ماۋزۇلۇق ھېكايىسى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت سېپىگە كىرىپ كەلگەن . شۇنىڭدىن تارتىپ ئاپتورنىڭ گېزىت – ژۇرناللاردا 100 پارچىدەك ھېكايە ، ئوچېرك ، ئەدەبىي ئاخباراتلىرى ئېلان قىلىندى . 1989-يىلى ئۇنىڭ «مېنىڭ ئانام» ماۋزۇلۇق ئوچېركى ئاپتونوم رايون بويىچە 1- دەرىجىلىك بالىلار ئەدەبىياتى «ياخشى ئەسەر» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن . 1990-يىلى «رېمونتچىنىڭ ئوغلى » ماۋزۇلۇق ھېكايىسى ئاپتونوم رايون بويىچە 3-دەرىجىلىك «غۇنچە مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن.

ھېكايە ژانىرى ئۇنىڭ ئىجادىيىتىدە ئەڭ مۇھىم ئورۇن تۇتۇپ كەلدى . ئۇنىڭ «مۇھەببەت ۋە ئازاب» ناملىق ھېكايىسى 1997-يىلى بايىنغولىن ئوبلاستى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن «تەكلىماكان روھى» ئىجادىيەت مۇسابىقىسىدە 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ، 1988-يىلى «يېشىل ياقۇت كۆزلۈك ئۈزۈك» ناملىق ھېكايىسى «قۇياش مېھرى» ئەدەبىي ئىجابىي مۇسابىقىسىدە 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ، «يېزىدىن كەلگەن قىز» ناملىق ھېكايىسى «كروران» ژۇرنىلى تەرىپىدىن «20 يىلدىن بۇيانقى نادىر ئەسەرلەر» 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن .

ئۇنىڭ يەنە «تارىم» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «كۆمۈلگەن چوغ» ناملىق پوۋېستى ، «ئەتىرگۈل ھېكايىسى» ، «سېرىق چاچلىق ئايال» ، «ھاردۇق يەتكەن ئايال» ناملىق ھېكايىلىرى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا سازاۋەر بولدى .

ئاپتورنىڭ يەنە «شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى» دىمۇ ئۆز كەسپىگە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇنلىغان دېلو خەۋەرلىرى ، دېلو تەھلىللىرى ۋە قانۇنغا دائىر ھېكايىلەرنى ئارقا – ئارقىدىن ئېلان قىلىپ بۇ ساھەدىكى ئۆز تالانتىنى نامايان قىلدى . شۇ سەۋەبتىن 2006-يىلى «شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى» تەرىپىدىن مۇنەۋۋەر «تەكلىپ مۇخبىر» بولۇپ باھالاندى.

2006-يىلى ئاپتورنىڭ نەشرىياتىمىز تەرىپىدىن «تۇمان تارىغان سەھەر» ناملىق رومانى ئېلان قىلىنىپ بازارلىق رومانلار قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.

«ساداقەت» ناملىق بۇ رومانى ئاپتورنىڭ ئىككىنچى رومانى بولۇپ ، بۇ رومان ئاپتورنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيانقى قانۇن كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا كۆزەتكەن ، توپلىغان ، تۇرمۇش ماتېرىياللىرىدىن تاۋلاپ يېزىپ چىققان رومان ئىجادىيىتىدىكى تەسىرلىك رومان بولۇپ ، ئاپتورنىڭ رومان ئىجادىيىتىدىكى يەنە بىر مۇۋەپپەقىيىتى ھېسابلىنىدۇ .

ئاپتور ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى ۋە بايىنغولىن ئوبلاستلىق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.

تۈرى :ئۇيغۇرچە كىتابلار, رومان | خەتكۈچ :

بۇ كىتابلارنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ :

كىتاب ئوقۇش ئادىتى كىشىلىك دۇنيانى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ!! كىتاب ئوقۇش ئادىتى كىشىلىك دۇنيانى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ!!
قىزلار ئەڭگۈشتەرى قىزلار ئەڭگۈشتەرى
يەھۇدىيلارنىڭ قەد كۆتۈرۈش تارىخى
مەرھۇم يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇقنىڭ كىشىلىكى ۋە ئىلمىي تەتقىقاتى مەرھۇم يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇقنىڭ كىشىلىكى ۋە ئىلمىي تەتقىقاتى
بىر قىسىم كىتابلارنىڭ تىزىملىكى بىر قىسىم كىتابلارنىڭ تىزىملىكى

تورداشلارنىڭ ئىنكاسى

  1. ھازىرچە ئىنكاس يوق

  1. ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.