پەندنامە
پەندنامە
ئاپتورى:ئۇنسۇرۇلمەئالى [پېرىسىيە]
تەرجىمە قىلغۇچى:ئوسمانجان مۇھەممەت
باھاسى:30.00
2010-يىل 3-ئاي 1-نەشرى
2010-يىل 3-ئاي 1-بېسىلىشى
تىراژى:01-3000
Isbn:9787546907130
سۆز بېشى
«پەندنامە»ئىسلام دۇنياسىدا تەسىرى زور ئەسەردۇر . بۇ ئەسەردە ئەمەلىي ۋەز – نەسىھەتلەر ۋە ئىخچام ئىبارىلەر بىلەن قارىماققا ئىناق ، مۇلايىم كۆرۈنىدىغان ، ماھىيەتتە ساختىپەزلىك ، ھىيلىگەرلىك ، مۇغەمبەرلىك ، ساختىلىق بىلەن تولغان دۇنيادا گۈزەل – ئەخلاق تەرتىپلىرىنى قانداق ساقلاش ، قانداق ياساش مەسىلىلىرى مۇكەممەل بايان قىلىنغان ، شۇنىڭدەك مەڭگۈلۈك ئۈستۈنلۈك قازىنىشتىكى چارە – تەدبىرلەرنى تەتبىقلاشتىكى جاھاندارچىلىق تاكتىكىلىرى ئۆگىتىلگەن .«شائىرلار شاھى» ، ئىرانلىق مەشھۇر شائىر ئۆلىما باھارىي :«پەندنامە» ئىجادىيىتىمگە زور تەسىر كۆرسەتكەن ئوتتۇرا ئەسىردىكى مەشھۇر ئەسەر ، مەن ئىپتىخار بىلەن شۇنداق دېيەلەيمەنكى ، ئۇ ئىسلام مەدەنىيەت قامۇسى دېگەن . ئەنگىلىيىلىك تارىخشۇناس بوش سېكىس :«مۇبادا ، بىرى مەندىن پارسلار يازغان قايسى كىتاب ئەنگىلىيە ئوقۇرمەنلىرىنى ئەڭ قىزىقتۇرىدۇ ، دەپ سوراپ قالسا ، مەن شاھزادە ئۇنسۇرۇلمەئالىمىنىڭ مىلادىيە 1082-يىلى يازغان تۇرمۇش ئەخلاقى ۋە مىزانىغا دائىر كاتتا ئەسىرىنى كۆرسىتىمەن » دېگەن . نسۇرۇلمەئالىنىڭ تاغىسى قارانىيىتى زور ئادەم بولۇپ ئۇ ئۇنسۇرۇلمەئالىنىڭ دادىسىنى تۆھمەت ئارتىپ قوغلىۋەتكەن ۋە چەت – يىراق يەرلەرگە سۈرگۈن قىلغان، كېيىن ئۆزى خان تەختىدە ئولتۇرغان . شۇڭا ئۇنسۇرۇلمەئالى خان جەمەتى بولۇشتەك ئالاھىدە ئىمتىيازدىن مەھرۇم قالغان .
ئۇنسۇرۇلمەئالىنىڭ تاغىسى دەۋران سۈرۈۋاتقان مەزگىللەردە سىياسىي تېخىمۇ چېرىكلىشىپ كەتكەنىدى . شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە غەزنەۋىلەر خانداللىقى بىلەن سالخۇقىيلار خانداللىقى گۈللىنىپ ، قۇدرەت تاپقاچقا تەبەرىستان خادنداللىقىغا قاتتىق تەھدىت سالغان . 1042-يىلى سالجۇقى تەبەرىستان خانىدانلىقىنى پۈتۈنلەي يۇتۇۋەتكەن . شۇنىڭ بىلەن 21 ياشلىق ئۇنسۇرۇلمەئالى دۆلىتىدىن قاتتىق كۆڭلى ئاغرىپ سەرسانلىق ھاياتىنى باشلىغان .ئۇ سەرسان – سەرگەردانچىلىقتا تۆۋەن قاتلامدىكى خەلقلەر ، سودىگەرلەر ، دېھقانلار ، ھۈنەرۋەنلەر ، كاسىپلار بىلەن بېرىش – كېلىش قىلىپ ، مول ھېسسىي تۇيغۇغا ئىگە بولغان.
ئۇ بابىل شەھىرىدە قۇل قىلىپ سېتىلىپ ، غەزنىۋىيلەر خانىدانلىقىنىڭ پايتەختىگە كەلگەن . ئۇ پادىشاھنىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشىپ ، پادىشاھنىڭ ئامراق قىزى مەلىكە قاز بىلەن توي قىلىپ بىر پەرزەنتلىك بولغان . ئۇ پۈتۈن يۈرەك قېنىنى ئوغلىنى تەربىيىلەشكە سەرپ قىلغان ۋە ئوغلى ئۈچۈن مەخسۇس «پەندنامە» دېگەن بۇ ئەسەرنى يېزىپ چىققان . كېيىن غەزنەۋىيلەر خانىدانلىقى سالجۇقىيلار تەرىپىدىن مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ، ئۇ يەنە بالا – چاقىلىرىنى ئېلىپ ھىندىستانغا كەلگەن .
ئېسىلزادە شاھزادىدىن پەس قۇلىغىچە ، ناتىۋان تالىپتىن غەيۇر سانغۇنغىچە ، پادىشاھنىڭ ئەركە نەۋرىسىدىن ئوردا مەھرىمىگىچە بولغان بۇ ئاجايىپ كەچۈرمىشلەردىن ئۇنىڭ ھاياتىنى كاتتا بىر قىسسە دېيىشكە بولىدۇ . قارارسىز ھايات ئۇنى دۇنيانىڭ رىيازەتلىرىگە ، كىشىلەرنىڭ سوغۇق تەلەتلىرىگە كۆندۈرگەن . ئۇ دىشۋارچىلىقلىرى بىلەن ھېس تۇيغۇلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ ، بۇنى جاھاندارچىلىقتىكى يول خېتى قىلالىغان يۈكسەك زات . ئۇ تازا قۇرامىغا يەتكەن مەزگىللىرىدە ، گۈزەل تىل ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھاياتتىكى تەسىراتلىرىنى يېزىپ قالدۇرغان .
بۇ كىشىلەر ئەسىرلەردىن بۇيان قولمۇقول كۆچۈرۈپ زامانىمىزغىچە يېتىپ كەلگەن كلاسسىك ئەسەر . شۇڭا بۇنى يۈكسەك قىممەتكە ئىگە بىباھا تەۋەررۈك دېيىشكە بولىدۇ . بۇ كىتابنىڭ ھازىرغىچە قەدەر فاتاخ نۇسخىسى ، لىدان نۇسخىسى ، تېھران نۇسخىسى ، برىتانىيە نۇسخىسى موزىي نۇسخىسى ۋە پارىژ نۇسخىسى قاتارلىق بەش خىل نۇسخىسى ساقلانماقتا .
ھەقىقىي قىممىتى بار ئەسەر ، يا بالدۇر ، يا كېيىن بولسۇن ھامىنى بىر كۈنى باشقا ئەللەرگە يېتىپ بارىدۇ . «پەندنامە» تارقىلىپ ئۈچ ئەسىر ئۆتكەندىن كېيىن ، ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ سۇلتانى مۇراد 2 تەختكە چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئەينى چاغدىكى بۈيۈك ئالىم ئەھمەدكە «پەندنامە» نى تۈرلۈك تىل – يېزىقىغا تەرجىمە قىلىشقا بۇيرۇغان .
«پەندنامە» نىڭ تۈركچە نۇسخىسى 1880-يىلى نەشر قىلىنغان . شۇنىڭدىن كېيىن نېمىس ، ئىنگلىز ، رۇس ، ئەرەب ، ياپون تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىنغان . ھەتتا بەزى تەرجىمە نۇسخىلىرى 500 مىڭ تىراژدىن كۆپ بېسىلغان . پارسچە نۇسخىسى 1868-يىلى تېھراندا نەشر قىلىنغان ، كېيىن كۆپ قېتىم قايتا نەشر قىلىنغان . 1968-يىلىغا كەلگەندە نەشر قىلىنغان سانى 16-قېتىمغا يەتكەن بۇنىڭدىن باشقا يەنە ھىندىستاننىڭ بومبايدىمۇ پارسچە نۇسخىسى 1896-يىلى نەشر قىلىنغان ، كېيىن داۋاملىق نەشر قىلىنىپ تۇرغان .
ئۇنسۇرۇلمەئالى ئالەمدىن ئۆتكەن بولسىمۇ ، ئەمما ئۇنىڭ چوڭقۇر ئىدىيىسى بىلەن مۇپەسسەل بايانلىرى بىزگە پۈتمەس – تۈگىمەس ئىلھاملارنى بەخش ئېتىدۇ . «ئوتقاش ھەرگىزمۇ ئۆزى ئۈچۈن يانمايدۇ ، خۇددى گۈزەل ئەخلاقىمىزنىڭ زىياسى ئۆزىمىزدىن ئېشىپ چۈشۈپ باشقىلارنى يورۇتقانغا ئوخشايدۇ .» «نەپسانىيەتچىلىك جامىغا ۋە خەسسىلىك قەدەھلىرىگە گۈزەل دوستلۇق شارابىنى قۇيۇپ تولدۇرۇپ بولغىلى بولمايدۇ .مەي مەئىشەتلەرنى دەپ كەلگەن دوست ، مەي تائاملىرىڭ تۈگىگەندىن كېيىن يولۇچىغا ئايلىنىپ قالىدۇ ؛ قىشنىڭ قارا بۇلۇتلىرى پەيدا بولۇشى بىلەنلا ئۇ بىچارە جانىۋارلار قەيەرگە بېرىشنى بىلمەي قالىدۇ » . ئەل ئىچىدىكى ئوقۇمۇشلۇق ئادەملەر بۇ كىتابنى قولدىن قولغا كۆچۈرۈپ ، ئەۋلادمۇئەۋلاد يەتكۈزگەن . خۇددى مەشھۇر پارس شائىرى سانايى:«كىشىلەر كاتتا ئەسىرىم <ھەقىقەت – بىلىم بېغى> نى ماختىغاندا خىجىل بولۇپ قالىمەن. ئەمەلىيەتتە <ھەقىقەت – بىلەن بېغى> غا <پەندنامە> دىن نۇرغۇن ھېكمەتلىك كەلىمىلەر ئىستىئارە قىلىندى . پەقەت قاپىيىلىك ھېكمەتلىك سۆزلەرگىلا ئايلاندۇرۇلدى. ماختاپ تەرىپلەشكە تېگىشلىك ئەسەر <پەندنامە> بولۇپ ، بۇ ئەسەردە ئادەم بولۇشنىڭ ، پەرزەنت تەربىيىلەشنىڭ يول- ئۇسۇللىرى بايان قىلىنغان . شۇڭا ، مەن كىشىلەرنىڭ جاپا تارتىشتىن باش تارتماي ، بەس-بەس بىلەن ئەسەرنى كۆچۈرۈش سەۋەبلىرىنى چۈشىنىمەن »دېگەن .
«پەندنامە» ئوي – پىكىرنىڭ چوڭقۇرلۇقى ۋە دەللىكى بىلەن ئاللىبۇرۇن نەشر قىلىنغان «ھېكىمەتنامە» ، «جاھاندارچىلىق دەستۇرى» ، «ئەقىل – پاراسەت دەستۇرى» ، «پەزىلەتنامە» ، «ئەنبىيانامە» ، «ئىستىقامەتنامە» ، «ھۆكۈمدارلار دەستۇرى» دېگەن كىتابلاردىن ئېشىپ چۈشسە چۈشىدۇكى ، ھەرگىزمۇ قىلىشمايدۇ . بەلكى ئۇلارغا قارىغاندا ئۇسلۇبى تېخىمۇ يېقىشلىق ۋە پاساھەتلىكتۇر . بۇ كۆپ رىيازەتلەرنى چەككەن جاھانكەزدى نۇسرەت ساھىبىنىڭ يۈرەك قېنى سىڭگەن ، يەنە كېلىپ ئوغلىغا بېغىشلىغان ئەسەردۇر . بىز بىر پەيلاسوپقا ئىشەنمىسەكمۇ ئىشەنمەيلى ، لېكىن بىر دادىنىڭ پەند – نەسىھەتلىرىگە ئىشەنمەي ئامالسىزمىز.
تورداشلارنىڭ ئىنكاسى
ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.
ھازىرچە ئىنكاس يوق