ئابدۇقادىر داموللا ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ
ئابدۇقادىر داموللا ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ
ئابدۇقادىر داموللا 1862- يىلى ئاتۇشنىڭ مەشھەد دېگەن يېزىىسدا ، ئابدۇۋارىس ئىسىملىك مەرىپەتپەرۋەر كىشى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . ئۇنىڭ يۇرتى مەشھەد قەدىمدىنلا نامى ئۇلۇغ جاي بولۇپ ، بۇ يەرگە قارا خانىيلار دەۋرىدە سىياسى ، ھەربىي تالانتى بىلەن داڭق چىقارغان سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان ۋە ئۇنىڭ ئۇستازى ئەبۇ ناسىر سامانى دەپنە قىلىنغان . ئابدۇقادىر داموللا مانا مۇشۇ مەشھەدتىكى “ ھەرزىرىتى سۇلتان مەدرسەسى “ دە باشلانغۇچ مەلۇماتنى ئالغاندىن كېيىن ،
قەشقەردە ئۆز زامانىسىنىڭ ئالىي بىلىم يۇرتى خانلىق مەدرسەسىدە ئوقۇغان . بىلىمنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش ئىستىكىدە بۇخاراغا بېرىپ ئىلىم تەھسىل قىلغان . بۇخارا مەدىرسلىرىدە قۇرئان ، ھەدىس ، ئىلممي تەجۋىد ، ئاقائىد قاتارلىق ئىسلام تەلىماتلىرى بىلەن ئەدەبىيات ، تارىخ ، جۇغراپىيە، ئىلمى مەشىق ، ھېساب دەسلىرىنى ئۆگەنگەن . شۇ مەزگىللەردە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ھەممىلا يېرىدە دېگۈدەك قوللىنىلىۋاتقان ، ئىناۋەت ئۈستۈن تۇرىدىغان ئالاقە قورالى – ئەرەب، پارس، ئوردۇ تىللىرىنى بىر قەدەر مۇكەممەل ئۆزلەشتۈرۈۋالغان؛ شەرق كىلاسسىكلىرىدىن نەۋائى ، خوجا ھاپىز ، شەيخ سەئىدى ، سوپى ئاللايار ، جالالىدىن رۇمى ، خوجا ئەھمەد يەسەۋى ، ھۇۋەيدا ، مەشرەپ ، فۇزۇلى ، قاتارلىق شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشقان . فارابى ، ئەبۇ ئەلى ئىبىن سىنا ئەسەرلىرى ئارقىلىق يۇنان پەلسەپىسى بىلەنمۇ تونۇشۇپ ، زامانىسىنىڭ ئەللامىسى بولۇپ يېتىلگەن .
ئابدۇقادىر داموللا بۇخارادىكى ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن ئۆزبېكىستاننىڭ سەمەرقەند، باشقىرتىستاننىڭ ئوفا قاتارلىق شەھەرلەردە بىر مەزگىل مۇدەرسلىك قىلغان .“ ئاقائىد زۆرۈرىيە “ (زۆرۈر ئەقىدىلەر)، “ ئىبادەت ئىسلامىيە “ قاتارلىق دەرسلىك كىتابلىرىنى تۈزۈپ چىقىپ ، ئوفادا نەشىر قىلدۇرغان . كېيىن ئۇ تاشكەنت ، خوجەنت ، قازان ، ئىستانبوللاردا زىيارەت ھەم ساياھەتتە بولۇپ ، 1907- يىلى قەشقەرگە قايتىپ كەلگەن . بىر مەزگىل ئۆتۈپ ، يەنى 1918- يىللىرى يەنە سەئۇدى ئەرەبىستانى ، مىسىر قاتارلىق ئەللەرگە بېرىپ ، جەمئىيەت تەرەققىياتى ، مەشھۇر ئالىم – ئۆلىمالار بىلەن ئۇچىرىشىپ ، ئىلمي سۆھبەتلەردە بولغان . زىيارەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقى ئارقىلىق يۇرتىغا قايتىپ كەلگەن .
ئابدۇقادىر داموللىنىڭ ئەرەب ئەللىرى ، تۈركىيە ، سوۋېت ئىتتىپاقى قاتارلىق ئەللەردە ئوقۇش، زىيارەتتە بولۇشى ، ئۇنىڭغا 1- دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئالدى – كەينىدە دۇنيا ۋەزىيتىدە يۈز بەرگەن ئىجتىمائى ئىنقىلاب ۋە مىللى ئازادلىق ھەرىكەتلەرىدىن تولۇق خەۋەردار بولۇش ۋە بەزىلىرى بىلەن بىۋاستە ئۇچىرىشش ئىمكانىيتىنى بەردى . شۇڭا ئۇنىڭ ئېڭىدا دېمكۇراتىيە ، ئەركىنلىك ، باراۋەرلىك ، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش قاتارلىق نېگىزلىك مەسىللەر ھەققىدىكى چۈشەنچە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان .
ئابدۇقادىر داموللا خەلىق ئىچىدە نامرات ، يېتىم – يېسىر ، غېرىپ غۇرۋالارنىڭ كۇنسايىن كۆپىيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ، ئىگە – چاقسىز بالىلارنىڭ ھاممام ئاسىتىدا كۈلدە يېتىپ كۈن ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى ، تىلەمچى ، سائىللارنىڭ خارابلاشقان ھالىتىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى .ئۇلارغا خەيرخاھلىق قىلىپ ، مەكتەپ ئېچىپ ئوقۇتتى. ئۆز خەلقىنىڭ مەدەنىيەت ، مائارىپ ، ئىلىم – پەن تەرەققىياتىدا تولىمۇ ئارقىدا قالغانلىقىنى ، ھايات كەچۈرۈشىنىڭ قىيىنلىشىپ كەتكەنلىكىنى ، خەلقنىڭ بۇ قالاقلىقنىڭ سەۋەبىنى چۈشەنمەي قۇللۇقتا، خارابلىقتا ئۆتۈۋەرسە ھەرگىزمۇ زۇلۇمدىن قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى ھەم قەد كۆتۈرەلمەيدىغانلىقىنى ، بۇ جەھەتتە ئۆز بۇرچىنىڭ ئېغىرلىقىنى چوڭقۇر چۈشەندى . ئۇ پۈتكۈل مىللەتنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ، مىللەتنىڭ ھەقىقي باراۋەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ، ئۆز ئارا ئىتتىپاقلىق ۋە مىللي ئىناقلىقنى كۈچەيتىپ ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە كۆرەش سېپىگە ئۇيۇشتۇرۇشنى ئۆزىنىڭ شۇئارى ۋە كۆرەش نىشانى قىلدى . شۇ مەقسەتتە ئۆز خەلقىغە : “ ئەگەر ئانىسى بىلىملىك ۋە قابىلىيەتلىك بولسا، پەرزەنتىگە ياخشى ئەخلاق بىلەن تەربىيە قىلىدۇ. بۇنداق بالىلارنىڭ چوڭ بولغاندا كامالەتكە يەتمىگىمۇ ئاسان بولىدۇ. ھەدىستىمۇ > ھەر بىر پەرزەنت تۇغۇلۇشتا ئەيىبسىز ، لېكىن ئۇنىڭ ياخشى – يامان بولۇشى ئاتا – ئانىسىنىڭ تەربىيسىگە باغلىق < دېگەن مەزمۇن بار. ھەممىمىز ئۆزىمىزنى تونۇيلى ، كەلگۈسى ئىستقبالنى ئويلايلى ، خەلقىمىزنى بارلىق چارە – تەدبىرلەرنى قوللىنىپ زاۋاللىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ قالايلى … بۇ زامان غەپلەت ۋە بىپەرۋالىق زامانىسى ئەمەس، ئىلىم – مەرىپەت دەۋرىدۇر . سۇسلۇق ۋە بىكارلىق ئەمەس ، تىرىشىش ۋە غەيرەت ۋاقتىدۇر . باشقا مىللەتلەر ئىلىم ۋە مەرىپەت سايىسدا ھاۋادا ئۇچۇپ پەرۋاز قىلماقتا. سۇ ئاستىدا بولسا خۇددى قۇرۇقلۇقتا ئۈزگەندەك ئەركىن ئۈزۈشمەكتە. بىز تېخى غەپلەت ئۇيقۇسىدا ياتماقتىمىز . ئۇيقۇ بولسا ئۆلۈمنىڭ بۇرادىرى ۋە مۇقەددىمىسىدۇر . بۇ ھالەتتە دائىم ئۇخلىماق يوقىلىش ۋە ئۆلۈم يولىدۇر ! “ دەپ كۈچلۈك مۇراجئەت قىلدى .
بۇ دەۋرىدە ياڭ زېڭشىن شىنجاڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلىپ خەلقنى نادانلاشتۇرۇش سىياستى يۈرگۈزمەكتە ئىدى . ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەت يەرلىك فېئودال كۈچلەر بىلەن بىرلىشىپ ، يېڭى مەدەنىيەت ، زامانىۋى مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇشقا جان – جەھلى بىلەن قارشى تۇردى. ئۇنىڭ ئەكسىچە ئابدۇقادىر داموللا ئىلىم – پەن ئارقىلىق ۋەتەننى روناق تاپقۇزۇشنى تەشەببۇس قىلدى. ۋەتەن ، خەلقنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالىغا كۆزىنى يۇمۇپ ، داد – پەريادىغا قۇلقىنى ئېتىپ ، گاس- ئەما بولىۋالغان ، قەيەردە مەنپەئەت بولسا شۇ يەرگە ئولىشىدىغان قازى – قۇززاتلارغا نەپرەتلەندى . ئۇلار بىلەن كەسكىن مۇنازىرلىشىپ ، پۈتۈن ۋۇجۇدى غەزەپكە تولغان ھالدا مۇنداق دېدى : “ بىزنىڭ ئەزىز بالىلىرىمىز گۈلەختە كۈلگە بۇلغىنىپ ، ئاچ – يالىڭاچلىق ئازابىنى تارتماقتا . بىز كۈندە قانچە قېتىم داستىخان ئۈستىدە مەئىشەت قىلىپ ، توقلۇقتىن كارىلداپ يۈرىمىز. ئۇنىڭ ھېسابىغا كوچىدىكى سائىللار شۇنچە كۆپەيمەكتە . ھالبۇكى ، بىز ئۇلارغا قانچلىك خەيرخاھلىق كۆرسەتتۇق ؟ ئۇلارنىڭ بېشىنى قانچىلىك سىلىدۇق ؟ ياق ، ھېچنىمە قىلمىدۇق . بەلكى ئۆشرە – زاكات ۋە ئەۋقاپ كىرىملىرىنى ئۆز نەپسىزىمىزگە تارتىپ كەتتۇق . شۇ سەۋەبتىن يېتىم – يېسىر ، تۇل خوتۇن ، يېتىم ئوغۇللار خەيرخاھسىز قالماقتا . نېمە ئۈچۈن ئۇلارغا خەيرخاھلىق قىلمايمىز ؟ مەكتەپلەر ئېچىپ ، دارىلئىېتام ، دارىلئاجىزىنلەرنى قۇرۇپ ، كوچىدا ئاچ – يالىڭاچ ، خارۇ – زارلىقتا قالغان بالىلارنى ، ئاجىز – مىسكنلەرنى نېمە ئۈچۈن تەربىيە قوينىغا ئالمايمىز ؟ ئۇلارنىڭ بېشىنى سىلاپ ، غەمخورلۇق قىلساق ئۇنىڭ يامىنى ؟ ئۆزىمىز يۇرتنىڭ كۆزى ، خەلقنىڭ بېىشى تۇرۇقلۇق ، خەلقنى بەخىت- سائادەتكە باشلاپ ماڭماستىن ، پۈتۈن ئىشتياقىمىز بىلەن شەخسىي تاپاۋەت يولىغا ماڭساق ، قولغا كىرگەن تىلا- تەڭگىلەرنى ئەۋرەزگە كۆمۈپ خاتىرجەم ياتساق ، ئىستقبالىمىز توغرسىدا زەررىچە قايغۇرمىساق ، كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىزغا نېمە دەپ جاۋاب بېرىمىز ؟ قېنى ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئاسىي – گۇناھكار بولۇپ قالماسمىزمۇ ؟! ئەگەر ۋاقتىدا قايغۇرۇپ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلىرىمىزنى قىلمايدىغان بولساق ، كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىزنىڭ لەنەت – نەپرەتلىرىگە كۆمۈلۈپ كېتىشىمىز مۇقەررەر ! ”شۇ دەۋىردىكى شىنجاڭ مائارىپىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىدىن ئېيتقاندا ، ئوقۇتۇش ئۇسۇلى قالاق ھەم ئۈنۈمسىز ئىدى . مەكتەپلەردە ئېلىپ بېرىلىدىغان تەلىم – تەربىيە رېئال ئەمەلىيەتتىن ئايرىلغان ، خەلقنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجى ، دەۋرنىڭ تەلىپى ۋە تەرەققىياتىغا ، رېئال كۆرەشنىڭ مەزمۇنىغا ئۇيغۇن ئەمەس ئىدى . مەكتەپلەردە قوللىنىلىۋاتقان دەرسلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە ۋە ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ماسلاشمايلا قالماستىن ، بەلكى تەلىم – تەربىيە ئۇسۇلىمۇ پۈتۈنلەي كونا، فېئودالىزىمنىڭ ئەسىرلەردىن بۇيان تەكرارلىنىۋېرىپ ، ياشلارنى بىزار قىلىۋەتكەن دوگما ، قاتمال قېلىپبازلىق شەكلى ئىدى . مانا مۇشۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا ئابدۇقادىر داموللا ئوقۇتۇشنىڭ مەزمۇنى ، ئۇسۇلى ۋە دەرسلىك ماتېريالى قاتارلىق تەرەپلەردە ئەمەلىي ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ ، بىر يۈرۈش ئىسلاھات پىلانىنى تۈزۈپ چىقتى . ئۇ “ پۈتۈنلەي ئەرەپ – پارىس تىلىدىكى كىتابلارنى دەرسلىك قىلغان ئوقۇتۇش مەزمۇنىغا ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياش ئالاھدىلىكى ۋە بىلىم ئىقتىدارى بىلەن ھېسابلاشماستىن چۈشەنسىمۇ ، چۈشەنمىسىمۇ كىتابنى قارىغۇلارچە يادلىتىپ ، تەكرارلىتىدىغان ئوقۇتۇش ئۇسۇلىغا ، مۇئەييەن مۇددىتى بولمايدىغان ئوقۇتۇش تۈزۈمىگە چەك قويۇپ ، ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدا ۋە دەرسلىك قۇرۇلمىسدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلغان “ . ئابدۇقادىر داموللا بۇ تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىللە ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىپ ، ئەقىل – پاراستىىنى ئىشقا سېلىپ ، ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ ئەنئەنىسىگە ۋارسلىق قىلغان ئاساستا بىر يۈرۈش دەرسىلكلەرنى تۈزدى . ئۇ تۈزگەن “ سەرپ – نەھۋى “ (مورفولۇگىيە ۋە سېنتاكىسىس)، “ تەھلىل ۋە ھېساب ”(ھېساب ئىلىمى)، “ جۇغراپىيە ئىلىمى “ ، “ ئاقائىد جەۋھەرىيە“ (نېگىزىلىك ئەقىدىلەر ) ، « مۇتالىئە ھىدايەت «(توغرا يول ئۈستىدە ئىزىدىنىش ) ، ”بىدايەتۇس سەرپ “ (لېكىسىكىدىن دەسلەپكى ئاساس ) ، “ ھىدايەتى نەھۋى“ ، “ تەلىمى سەبىيان “ (گۆدەكلەرگە تەربىيە)، ”فاسايىھۇل ئەتفال ”( ئۆسمۈرلەرگە نەسىھەت )قاتارلىق كىتابلار پەننى مەكتەپلەرمۇ ، دىنني مەكتەپلەرمۇ ئوخشاشلا قوللىنىدىغان ئاممىباب ئوقۇشلۇق بولۇپ قالدى . پىشقەدەم شائىر جاپپار ئەمەت بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق يازغان : ”دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ، ئىسلام مەكتەپلىرىدە پەننى مائارىپنىڭ يولغا قويۇلۇشى ، بولۇپمۇ ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئارسىدا زامانىۋى مائارىپنىڭ ئومۇملىشىشى شىنجاڭغا زور تەسىر كۆرسەتتى. جەنۇبىي شىنجاڭدا بىرىنجى بولۇپ ئابدۇقادىر داموللا بىننى ئابدۇۋارىس قەشقەرى جاھالەت تۇمانلىرى ھەممە ياقنى قاپلاپ كەتكەن بۇرۇختۇم ھالەتنى بۇزۇپ تاشلاپ ، 1920- يىلى دىن بىلەن پەن بىرلەشتۈرۈلگەن يېڭى تىپتىكى مەكتەپنى قۇردى ۋە بۇ خىل مەكتەپلەرنى ھەممە جايدا قۇرۇش تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى. “ ، “ ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان ھۆكۈمرانلار خەلىق بىلىم ئېلىپ كۆزى ئېچىلىپ كەتسە، ھاكىمىيەتكە قارشى چىقىشىدىن ئەنسىرەپ خەلقنى نادانلىقتا تۇتۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈپ ، مىللى مائارىپقا قىلچە ئىتىبار بەرمەيتتى. ئەنە شۇنداق شارائىتتا ئابدۇقادىر داموللىغا ئوخشاش ، خەلقىپەرۋەر ئىلغار زاتلار قەشقەر لاي پەشتاق مەدىرسەسىدە يېڭىچە دىنني مەكتەپ ئېچىپ ، تالىپلارغا ئۆز ئانا تىلىدا دەرس ئۆتتى. شئېر ۋە ناخشىلارنى ئاھاڭغا سېلىپ ئۆگەتتى. ئۇيغۇر تىلىدا كىتاپ يېزىپ نەشىر قىلىپ ، خەلقنى ئويغىتىش ، ئۇلارنىڭ ئاڭ سەۋىيسىنى ئۆستۈرۈشكە كىرىشتى “ .
ئابدۇقادىر داموللىنىڭ ”ئاقائىد زۆرۈرىيە “ ناملىق ئىلمىي ئەسىرىدە سۇئال – جاۋاب شەكلىنى قوللىنىپ، بىر ئالىمغا خاس مەنتىقىسى بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان ئاقىلانە بايانلىرىدا كۆپلىگەن مەسلىلەرنى يورۇتۇپ بېرىپ ، كىشلەردە يېڭى بىلىم ، يېڭى چۈشەنچە ھاسىل قىلدى . مەسىلەن ، بۇ ئەسىرىدە ئىنسان تەقدىرىنىڭ ياخشى – يامان بولۇشىغا ئائىت ، جىمىي ئادەم كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە ھەققىدىكى كۆز قارىشىنى ئىنتايىن ئېنىق ۋە ئىخچام ھالدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويغان :
”- ئىنساننىڭ خار ۋە زەبۇن بولمىقىغا بائىس نېمىدۇر ؟
– ئىككى نەرسىدۇر : بىرى جاھالەت ۋە نادانلىق ؛ ئىككىنچىسى، تەپرىق ۋە ئىختىلاپتۇر . “
ئۇ ئىنساننىڭ ئابروي – ئىناۋىتىنى تىكلەشنىڭ ئاساسىي ئامىلى ۋە تۈپ سەۋەبىنى مۇنداق كۆرسەتكەن :
“ – ئىززەت – ئابروي ، قۇۋۋەت نېمە بىلەن بولىدۇ ؟
– ئىلىم – مەرىپەت ، ئىتتىپاقلىق بىلەن بولىدۇ. “
ئابدۇقادىر داموللا ئوتتۇرىغا قويغان بۇ ئىلغار دېمكۇراتىك ئىدىيە شۇ زۇلمەتلىك دەۋىردىكى توغرا كۆز قاراشقا ۋەكىللىك قىلىپلا قالماستىن ، بەلكى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر مائارىپى ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيسىگىمۇ ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇ خىل ئىدىيە ئۇ يازغان ۋە تۈزگەن ئەسەرلەرگە سىڭدۈرۈلگەن . ئۇ تۈزگەن دەرسلىك كىتابلار تارىم ۋادىسىدىكى مەرىپەت بۆشۈكلىرىنىڭ ئاساسلىق ئوقۇتۇش ماتېرىيالى قىلىپ قوللىنىلىپ ، كونا مائارىپنىڭ مەزمۇنىنى يېڭىلاش ، ئوقۇتۇشنىڭ سۈپەت ۋە ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە تولىمۇ مۇھىم رول ئوينىدى.
ئابدۇقادىر داموللا ۋەتەنپەرۋەر زات ئىدى . چەت ئەل جاھانگىرلىرى قەشقەردە بىر مەزگىل خىرسىتئان دىنىنى تارقىتىپ ، دىننىي مۇرتلارنى تەربىيلەپ يېتىشتۈرۈش بىلەن شوغۇللاندى. شىۋېت مەتبەئەسىنى قۇرۇپ ، ”ئىنجىل “ نى ۋە خىرىستىئان دىنىغا ئائىت ماتېرىياللارنى بېسىپ تارقاتتى. شۇ يول بىەن كىشلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىشقا باشلىدى. ئابدۇقادىر داموللام بولسا ئۆزىنىڭ تەرەققىياتتىن ، خەلقنىڭ يېڭى مەدەنىيەتتىن مەھرۇم بولۇپ ، نادامەتتە قېلىشنىڭ سەۋەبىنى جاھانگىرلار ۋە ئۇلارغا ئىتائەتمەن تۆرىلەر، موللىلارنىڭ يامان نىيەتلىرى بىلەن باغلاپ قارىدى . شۇڭا مۇستەملىكچىلىككە قارشى ھەرىكەتنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇردى. ۋەتەنپەرۋەرلىك روھ چاقناپ تۇرغان ئەسەرلەرنى كۆپلەپ باستۇرۇپ ، ھەقسىز تارقاتتى. ئۇ يازغان “ نەسىھەتى ئامما “ بۇ تەشۋىقاتتا مۇھىم رول ئوينىغان پوبلىستىكىلىق ) مۇھاكىمە خاراكتېرلىك ( ئەسەر. ئۇ ئىلغار ئىدىيدىكى ۋەتەنپەرۋەرلەرنى تەشكىللەپ ، چەت ئەل جاھانگىرلىكىنىڭ تەشىۋىقاتتىكى ، مەدەنىيەتتىكى تاجاۋۇزىغا ، تەسلىمچى ، جاسۇسلارنىڭ ۋىجدانسزلىق قىلمىشلىرىغا قەيسەرلىك بىلەن قارشى تۇردى. شۇ دەۋرىدىكى بىر قىسىم ئامباللار ۋە بايلار چەت ئەل جاھانگىرلىرىنى ئۆز يۇرتىغا ”مېھمان“ دەپ بىلىپ ، ئۇلارغا خۇشامەت قىلاتتى. كۈچۈكلىنەتتى. ئەمما، ئابدۇقادىر داموللا ئۇنداق قىلمايتتى. ئۇ جاھانگىرلارنى “ ئۇلار زادىلا بىزگە مېھمان بولالمايدۇ ، مېھمان بولۇشىمۇ مۇمكىن ئەمەس . ئۇلار تاجاۋۇزچى ، ئۇلار جاھانگىر . ھازىر قۇيرۇق شىپاڭشىتىپ كەلگەن بىلەن ، ئاستا – ئاستا گىلەملىرىمىزنى ئېلىپ بىزگە بورىيا قالدۇرغۇچى بۇلاڭچى . بىز قانچە خۇراپاتلىققا چۆكسەك ، ئۇلار شۇنچە خۇشال بولىدۇ. چۈنكى ، ئۇلار بىزگە خۇراپاتلىق ۋاباسىنى سەپكۈچىلەردۇر ؛ بىز قانچىكى غەپلەت ئۇيقۇسىنىڭ مەست قىلغۇچى دورىلىرىدىنمۇ ئۇلار بىزگە ئىچكۈزگەن . ئۇلار بىزگە مېھمان ئەمەس، يىلتىزىمىنى قىرقىيدىغان زۈلۈك ، سۈيىقەستچى ، كاللا كېسەر قاتىل ، يالماۋۇز “ دەپ قارىدى .
ئابدۇقادىر داموللىنىڭ تەشىۋىقاتى ، قوزغىتىشى ۋە تەشكىللىشى ئارقىلىق ، ئىچكى – تاشقى دۈشمەنلەر ۋە ئۇلارنىڭ ھىيلە- مىكىرلىرى رەھىمسىز تۈردە پاش قىلىندى . نەچچە مىڭلىغان ئامما غەزەپكە كېلىپ شىۋېتلارنىڭ تەشىۋىقات ئاپپاراتىلىرىنى پاچاقلاپ تاشلاپ ، ئۇلارنى قەشقەردىن قوغلاپ چىقىرىپ ، تاجاۋۇزچىلارغا قاقشاتقۇچ زەربە بەردى . ئابدۇقادىر داموللا باشچىلىقىدىكى ۋەتەنپەرۋەر كىشلەرنىڭ ئىلىم – مەرىپەتنى ، يېڭى مائارىپنى يولغا قويۇش، مىللى مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتنى قوغداش يولىدا جاھانگىرلارنىڭ مۇستەملىكىچىلىكىگە قارشى ئېلىپ بارغان كۈرىشى جاھانگىرلارنىڭ يۈرىكىگە خەنجەر ، كۆزىگە نەشتەر بولۇپ سانچىلدى . بۇ ئەمەلىي ھەرىكەتتىن ئەكسىيەتچى ھاكىمىيەت ، بىر قىسىم بايلار ، تۆرىلەر ، دىننى مۇتەئەسسىپلەرمۇ ئالاقزادە بولۇپ كېتىشتى . مانا مۇشۇ خىل جاھانگىرلارغا كۈچۈكلىنىپ ، غالچىلىق قىلىپ جان باقىدىغان ساتقىنلارنى جوڭگۇ يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتىنىڭ بايراقدارى لۈشۈن : “ باقىدىغان ئادىمى بولماي ، ئاچلىقتىن ئورۇقلاپ كەتكەن ، ياۋا ئىتقا ئايلىنىپ كەتكەن تەدىرىدىمۇ ، يەنىلا بايلارنى كۆرگەندە كۈچۈكلىنىپ، گادايلارنى كۆرگەندە قاۋايدۇ “ غان ، ”كاپتالىستلارنىڭ سالپايغان لالما ئىتى“ دېگەنىدى . ئابدۇقادىر داموللىنىڭ جاھانگىرلىككە ، ئەكسىيەتچىلەرگە قارشى ئېلىپ بارغان خەلقنى ئويغىتىش ، قوزغىتىش پائالىيەتلىرى مانا مۇشۇ “ لالما ئىت – روھانىيلار ، خۇراپىيلارنىڭ“ئۆچمەنلىكىنى قوزغىدى . ئەكسىيەتچى ئەمەلدارلار ، قازى – قۇززات ، ئىشانلار ئابدۇقادىر داموللىغا چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ ھەسەت قىلىپ ، ئۇنى ئەلپازىنى بۇزۇپ ھاقارەتلىدى . يېڭىچە پەننى مائارىپقا چىش – تىرنىقى بىلەن قارشى چىقىپ بۇزغۇنچىلىق قىلدى . يېڭىچە ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ھاقارەتلەپ“ ئۇسۇلى جەدىت ھارام “ ”ئۇنى ئوقۇش دەھرلىك ”,“ئىمانىمىزنى سۇسلاشتۇرۇىدۇ ”دەيدىغان ئاساسسىز پەتىۋالارنى تېپىپ توسقۇنلۇق قىلدى . ۋەزىيەت كەسكىنلىشىپ ، ئىتىبدات ھاكىمىيەتنىڭ بۇ سادىق غالچىلىرى ئابدۇقادىر داموللىغا سۈيقىەست ئورىسىنى كولىدى . خەلقىمىزنىڭ غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغىنىپ ، قەد كۆتۈرۈشنى خالىمايدىغان مۇداخىلچىلىرى – ئەنگىلىيە ، شىۋېتسىينىڭ قەشقەر كونسۇلخانىسىدىكى ياۋۇز كۈچلىرى بىلەن خۇپيانە تىل بىرىكتۈرۈپ ، 1924- يىلى 8- ئاينىڭ 14- كۈنى ئابدۇقادىر داموللىنى خۇپيانە ئۆلتۈرۋەتتى. ئالىمنىڭ ئۆلىمى خەلقىمىز ئۈچۈن زور يوقىتىش بولدى . بۇ قانلىق پاجىئە پۈتكۈل شىنجاڭنى زىلزىلگە سالدى . ئابدۇقادىر داموللىدىن تەلىم ئالغان تالىپلار ھازا تۇتۇپ ، تەزىيە بىلدۈرۈپ ، مۇنداق قوشاق قوشتى :
تاغۇ – تاشلار تەۋرىشىپ ،
قاتتىق چاقماق چاققانمۇ ؟
دەريا سۈيى قان بولۇپ ،
بۈگۈن تەتۈر ئاققانمۇ ؟
قەشقەرنىڭ ھاۋاسىنى ،
چاڭ – تۇمانلار باسقانمۇ ؟
قەشقەرنىڭ جاھانىنى ،
قايغۇ – ماتەم باسقانمۇ ؟
ئاي تۇتۇلماس دەپتىمىز،
كۈن تۇتۇلماس دەپتىمىز.
داموللامغا دەيۈزلەر،
قەسىت قىلالماس دەپتىمىز.
جايىڭ بولسۇن جەننەتتە ،
ھۆرلەر بولسۇن خىزمەتتە،
ئۇنتۇمايمىز بىز سېنى ،
مەڭگۈ ئەبەت- ئەبەتكە .
مەنبە:ئەجداد تورى
تورداشلارنىڭ ئىنكاسى
ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.
رەھمەت سىزگە.
داۋاملىق كېلىپ تۇرۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز..