ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى خەزىنىسى

«ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى خەزىنىسى» ناملىق كىتاب نەشىر قىلىندى

 

ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ روشەن گۇۋاھچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تارىختا كۆپ خىل يېزىق قوللانغان، كۆپ خىل دىنغا ئېتىقاد قىلغان ۋە شانلىق مەدەنىيەت ياراتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي قىياپىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان خاس بەلگىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ ئومۇمىي قىياپىتىدىن نەچچە مىڭ يىللىق تارىخنىڭ ئىزنالىرىنى خېرە-شىرە كۆرەلەيمىز ۋە تەسەۋۋۇر قىلالايمىز.

ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنى توپلاش، رەتلەش ۋە ئېلان قىلىش ئىشلىرى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن باشلاپ قولغا ئېلىنغاندىن باشلاپ ھازىرغىچە نۇرغۇن جاپالىق خىزمەتلەر ئىشلىنىپ، مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. بۇ نەتىجىلەرنىڭ ئەڭ يېڭىسى ۋە بىرقەدەر ئەتراپلىق تۈزۈلگەن «ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى خەزىنىسى»نىڭ مۇئەللىپى ‐ ئىسىمشۇناسلىق ساھەسىدە ئۆزىگە خاس يول تۇتۇپ، ئىجتىھات بىلەن ئىزدىنىۋاتقان ياش يازغۇچى، تەتقىقاتچى ۋەلى كېرىم كۆكئالپنىڭ قەلىمىگە مەنسۇپتۇر.

«ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى خەزىنىسى» ئىسىملارنىڭ ئېتنوگراپىيىلىك مەنىلىرىنى ئىزاھلاشقا بېغىشلانغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئىسىملارنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە بالىغا ئات سۈپىتىدە قويۇلۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەنىلەر ئىزاھلىنىدۇ. ئىسىملارنىڭ مەنىسىنى ئىزاھلاش جەريانى ئىزاھلارنىڭ بەزى ھاللاردا ئەنئەنىۋى فىلولوگىك ئىزاھلىق لۇغەتلەر ئۇسۇلىدا، كۆپىنچە ھاللاردا بولسا ئېنسىكلوپېدىك ئىزاھلاش خاراكتېرىدە بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى، نۇرغۇن ئىسىملارنىڭ ئېنسىكلوپېدىك مەنىسىنىڭ بىر نەچچە ئامىللار ئارقىلىق شەكىللەنگەنلىكى ۋە كۆپ قىرلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە بولغانلىقىدۇر.

«ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى خەزىنىسى» مۇئەللىپ ئۇزاق يىللار مابەينىدە توپلىغان ۋە ئىنچىكە تەتقىق قىلغان 25 مىڭدىن ئارتۇق ئىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كىتابنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ پۈتۈن بايلىقىنى بىر جايغا توپلاپ، مەنىسىنى ئىزاھلاپ بېرىش ئارقىلىق كېيىنكى ئەۋلادلارغا بۇ ھەقتە چوڭ بىر مەنىۋىي مىراس قالدۇرۇشتۇر. بۇنىڭ بىلەن ھەر بىر ئۇيغۇر كىشىسى ئۆز ئىسمىنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىۋېلىپلا قالماي، ئاتا-ئانىلارغا يېڭى تۇغۇلغان پەرزەنتلىرى ئۈچۈن كۆڭلىگە ياققان ئىسىملارنى تاللاشقىمۇ ياردەم بېرىدۇ. ئۇشبۇ كىتاب يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ ھازىرقى ئۇيغۇر يېزىقىدا، لاتىن يېزىقىدا ۋە خەنزۇچە يېزىلىشىنىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈلۈشىدە ھەر بىر كىشىگە، بولۇپمۇ رەسمىي ئىدارىلەرگە ياردەم بېرىپ، بۇ ھەقتە مۇئەييەن دەرىجىدە قوللانما ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ.

 

ۋەلى كېرىم كۆكئالىپنىڭ تەرجىمىھالى

 

تەلەپچان، ئىجتىھاتلىق ياش قەلەمكەش، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، كىشى ئىسىملىرى تەتقىقاتچىسى ۋەلى كېرىم كۆكئالپ 1971-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى پىچان ناھىيەسىدە ئۇقۇمۇشلۇق ئائىلىدە تۇغۇلدى. باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى پىچان ناھىيەسىنىڭ لەمجىن بازىرىدا تاماملاپ، 1990-يىلى شىنجاڭ پېداگوگىيكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىندى. ئۇ ئالىي مەكتەپ ھاياتىدا ئەدەبىي ئىجادىيەتتە مول نەتىقىلەرنى قولغا كەلتۈرگەندىن باشقا، ئىنگلىز ۋە تۈرك تىللىرىنى ئۆگىنىۋالدى. ئۇ 1995-يىلى ئالىي مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملاپ، شىنجاڭ «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى»گە خىزمەتكە ئورۇنلىشىپ تەھرىرلىك، مۇخبىرلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلىدى. ئۇ تەھرىرلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان مەزگىلىدە ئەدەبىيات قوشۇمچە بېتى، خەلقئارا خەۋەرلەر بېتى ۋە مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا بېشغىشلانغان ئۇنىۋېرسال بەتلەرنى ياخشى ۋە ئەتراپلىق باشقۇردى؛ مۇخبىرلىق قىلىش جەريانىدا جەمئىيەتتىكى ئۆتكۈر مەسىلىلەرنى ئاخبارات ئارقا كۆرۈنۈشى قىلىپ، ئىدىيىۋىي مەزمۇنى ساغلام، تىلى ئۆتكۈر ۋە چوڭقۇر مۇلاھىزىلىك ئاخبارات ئەسەرلىرىنى ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىپ، جەمئىيەتتە بەلگىلىك تەسىر قوزغىدى. ئۇ يەنە ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە ئەدەبىي تەرجىمىچىلىك بىلەنمۇ پائال شۇغۇللىنىپ، بۇ جەھەتتىمۇ مۇئەييەن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئۇنىڭ تۈركچىدىن تەرجىمە قىلغان «شەجەرەئىي تەراكىمە» (تۈركلەرنىڭ نەسىل شەجەرىسى)، «تۈركىي تىللىق خەلقلەردە ئاياللار ۋە ئائىلە ھوقۇقى» قاتارلىق چوڭ تىپتىكى ماقالىلار، ئەزىز نەسېن، ئۆمەر سەيفەتتىن، ياشار كامال قاتارلىق يازغۇچىلارنىڭ نادىر ھېكايىلىرى «بۇلاق»، «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنىپ، تەتقىقاتچى ۋە مۇشۇ ساھەگە قىزىققۇچىلارنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى.

ۋەلى كېرىم كۆكئالپ 2000-يىلىغا قەدەم قويغاندىن باشلاپ ئۆزىگە تېخىمۇ قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ئىجادىيەت ۋە تەتقىقاتتا ئۆزىگە خاس يول تۇتۇشقا باشلىدى. ئۇنىڭ تۇرپان ئىنانچىخانلىرىدىن ئىمىن خوجا، سۇلايمان خوجا ۋە تۇرپان مۇنارىنىڭ سىرلىق تارىخىغا بېغىشلانغان «پاكلىق مۇنارى» ناملىق تارىخىي رومانى 2002-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى. ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى پەرزەنت تەربىيەسىنى تەتقىق قىلىش ئاساسىدا يازغان «پەرەزەنت تەربىيەلەش دەستۇرى» ناملىق چوڭ ھەجىملىك كىتابى 2011-يىلى شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىپ، جامائەتچىلىكنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى. ئۇ تۈزگەن «كامالەت مەنزىللىرى»، «ئەي قەدىرلىك قىزىم» قاتارلىق كىتابلار بازارلىق كىتابلار قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. «خاسىيەتلىك يېمەكلىكلىرىمىز»، «ئۇيغۇر تائاملىرى قامۇسى»، «ئۇيغۇر تائام مەدەنىيىتى مەجمۇئەسى» (ئەخمەتجان ئىسمائىل ھەمكارلىقىدا) قاتارلىق كىتابلار ئۇيغۇر تائام مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇرلارغا خاس ئوزۇقلىنىش توغرىسىدىكى دەسلەپكى ئىزدىنىش ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئۆزبېكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان «قابۇسنامە» (روزىمۇھەممەد مۇتەللىپ ھەمكارلىقىدا)، «مەنتىقۇتتەير» (قۇشلار مەنتىقىسى)، «مېھىرسىز قېرىنداشتىن مېھرىبان يات ياخشى»، تۈركچىدىن تەرجىمە قىلغان «جاۋاھىرنامە» ناملىق كىتابلىرى يېقىندا نەشىر قىلىپ تارقىتىلدى.

21-ئەسىرنىڭ باشلىنىشى بىلەنلا ئۇيغۇر زىيالىيلىرى باش قوشۇپ، ئۇيغۇرلارنى فامىلىسىزلىك ئاسارىتىدىن قۇتۇلدۇرۇش دولقۇنىنى قوزغىدى. ۋەلى كېرىم كۆكئالپ بۇنىڭغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، ئۆزىنىڭ توپلىغان مول ماتېرىياللىرى بىلەن تېز ئارىدىلا 8000دىن ئارتۇق قەدىمكى ئۇيغۇرچە ئىسىم ۋە فامىلە ئۆرنەكلىرى كىرگۈزۈلگەن «ئۇيغۇر ئىسىم-فامىلىلىرى» ناملىق كىتابىنى 2003-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلدۇرۇپ جامائەتچىلىككە تەقدىم قىلدى. ئۇ بۇنىڭ بىلەنلا توختاپ قالماي، ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئىلمىيلاشتۇرۇشنىڭ تولىمۇ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلىپ، كىشىلەرنى مەخسۇس ئىسىم قويۇش، فامىلە تونۇشتۇرۇش، دۇكان، شىركەت، تاۋار مەھسۇلاتلىرىغا ئىسىم تونۇشتۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ كېلىۋاتىدۇ.

«ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى خەزىنىسى» ‐ ۋەلى كېرىم كۆكئالپنىڭ كۆپ يىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن زور ئىلمىي ئەمگىكى، ئۇنىڭغا ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىدىن 25 مىڭدىن ئارتۇقراقى كىرگۈزۈلگەن ۋە ئىزاھلانغان، ھەر بىر ئىسىمنىڭ خەنزۇچە، لاتىنچە ئۆلچەملىك يېزىلىشى قوشۇپ بېرىلگەن بولۇپ، قوللىنىلىشچانلىقى ۋە ئىلمىيلىكى ناھايىتى يۇقىرى.

ئۇ ھازىر يەنە ئىسىم ۋە فامىلىشۇناسلىققا بېغىشلانغان «ئۇيغۇر فامىلە ئۆرنەكلىرى»، «ئۇيغۇرلاردا ئىسىم قويۇش ماھارىتى» قاتارلىق ئەسەرلىرى ئۈستىدە جىددىي ئىزدەنمەكتە.

 

تۈرى :ئۇيغۇرچە كىتابلار, تۇرمۇش ئوقۇشلۇقى | خەتكۈچ :

بۇ كىتابلارنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ :

تۇتىنامە تۇتىنامە
ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامنىڭ مىلودىيە ئالاھىدىلىكى ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامنىڭ مىلودىيە ئالاھىدىلىكى
تارىم مەدەنىيەت ئارىلى تارىم مەدەنىيەت ئارىلى
ئاۋرال شاماللىرى  ئاۋرال شاماللىرى
تارىختىكى ئەرەبلەر تارىختىكى ئەرەبلەر

تورداشلارنىڭ ئىنكاسى

    • رۇسـەم
    • 2015-يىلى 03-ئاينىڭ 26-كۈنى 22:20:46

    بۇنى قانداق سېتىۋالىمەن

    • yaseinjan
    • 2015-يىلى 02-ئاينىڭ 15-كۈنى 12:07:26

    Yaman amas

  1. بۇكىتاپلارنىڭ ھەممىسى كىتاپخانىلاردا ساماندەك . بولسايوقىلىپ كەتكەن ئەمىلى نەپ تىگىدىغان كىتاپ ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلىگەن بولساڭلا

    • yasinjan
    • 2013-يىلى 08-ئاينىڭ 30-كۈنى 21:53:59

    kitap hanida tayyar bar kitap lar nig ismini qikirip koyux nig nima ah miy ti bolsa yokap katkan amma paydilik ah miy ti bar kitap uquri bilan tamin lisag la

    • abdukeyum
    • 2013-يىلى 02-ئاينىڭ 11-كۈنى 20:58:44

    بۇ كىتاب قانچە پۇل؟ قانداق سىتىۋالىمىز؟

    • يۈسۇپجان
    • 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى 10:04:04

    يھياخشىمۇ سىز ..

  1. ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.