ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامنىڭ مىلودىيە ئالاھىدىلىكى
ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامنىڭ مىلودىيە ئالاھىدىلىكى
نۇرمۇھەممەت سايىت
باھاسى:50.00
1995-يىل9-ئاي 1-نەشرى
1995-يىل 9-ئاي 1-بېسىلىشى
تىراژى:1-1100
ISBN: X 722803497
كىرىش سۆز
«شەرق مۇزىكىسىنىڭ گۆھىرى» دەپ ئاتىلىپ جاھاندا شۆھرەت قازانغان ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى ئەمگەكچان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى ، شۇنداقلا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھاياتىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى مۇزىكىلىق تىل بىلەن ئىپادىلەپ بېرىدىغان چوڭ ھەجىمدىكى بۈيۈك بەدىئىي قامۇس.
ئون ئىككى مۇقامدىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ ئەڭگۈشتەرىمىز ئەسەرلەردىن بۇيان خەلقىمىزنىڭ روھىي دۇنياسىغا ، ئىجتىمائىي ھاياتىغا ، پىسخولوگىيىسىگە سىڭىپ كىرىپ ، ئىجتىمائىي ھاياتىنى بېيىتىدىغان ، مىللىي غۇرۇرىنى ، ئىقتىدارىنى نامايان قىلىدىغان ، سەنئەت ھۇزۇرىنى ئاشۇرىدىغان قۇدرەتلىك مەنىۋى ئوزۇق بولۇپ كەلمەكتە .
ئازادلىقتىن كېيىن پارتىيە ۋە ھۆكىمەت بۇ بىباھا مەدەنىي مىراسلىرىمىزنى قۇتقۇزۇش ، توپلاش – ۋەتلەش ، تەتقىق قىلىش ۋە نەشر قىلىش خىزمىتىگە ئىنتايىن ئەھمىيەتبېرىپ كەلدى .
ئۇزاق مۇددەتلىك جاپالىق تەتقىقات ۋە ئىزدىنىش نەتىجىسىدە يېڭىدىن رەتلىنىپ تولۇقلانغان ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنىڭ يېڭىدىن نەشر قىلىنغان ئون ئىككى كىتابى تارقىتىلغاندىن كېيىن تەڭرىتاغنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىدا ناھايىتى چوڭقۇر تەسىر قوزغىدى .
خەلق ئارىسىدا ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامنى تەتقىق قىلىش ، ئۆگىنىش ۋە سەھنىلەشتۈرۈش قىزغىنلىقى يۇقىرى دۇلقۇنغا كۆتۈرۈلدى .
جەمئىيىتىمىز ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى ئۈستىدە تەتقىقات ۋە تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەقسىتىدە ، ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىىغا دائىر ئون كىتابنى نەشرگە تەييارلىدى . بۇ كىتابلاردا ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى ۋە يەرلىك مۇقاملارنىڭ شەكىللىنىش تارىخى ، مۇقاملارنىڭ مۇزىكىلىق قۇرۇلمىسى ۋە مىلودىيىلىك ئالاھىدىلىكلىرى ، ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامنى بېيىتىش ۋە خەلق ئارىسىدا ئومۇملاغتۇرۇشتا تۆھپە قۇشقان مۇقامچىلار بىر قەدەر ئەتراپلىق ، ئىلمىي ئاساستا تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ ، مۇقام ھەققىدىكى تەتقىقاتىمىزنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە .
شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ ئۆتۈش زۆرۈرلكى ، ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامغا دائىر كىتابلارنىڭ ئاپتورلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيال؛نقى ئىزدىنىشلىرى ۋە تەتقىق قىلىشلىرى ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويغان بەزى كۆز قاراش ۋە يۈكۈنلەرنى يۈزدە يۈز توغرا دەپ مۇتلەقلەشتۈرۈۋېتىشكە بولمايدۇ . تەتقىقات ، ئىلمىي مۇھاكىمە جەريانىدا ئوتتۇراغا قويۇلغان مەسىلىلەرگە ئىلمىي پوزىتسىيە بىلەن مۇئامىلە قىلىشىمىز لازىم .
ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقام ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كۆپ ئەسىرلىك شانلىق مەدەنىيەت تارىخى جەريانىدا ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىپ ، تولۇقلىنىپ كەلگەن . ئىشىنىمىزكى ، مۇزىكا تارىخىمىزنىڭ بۇ ئولۇغ نامايەندىسى تەتقىقات ۋە ئىزدىنىشىمىزنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگـىشىپ تېخىمۇ مۇكەممەللىشىپ جاھان مەدەنىيەت سەھنىسىدە پارلاق نۇر چاچىدۇ .
بۇ كىتابلار شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىغا سوۋغا قىلىندى .
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنوم رايونلۇق مۇقام تەتقىقات ئىلمىي جەمئىيىتى
تورداشلارنىڭ ئىنكاسى
ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.
ھازىرچە ئىنكاس يوق