لالە

تۇرسۇنمۇھەممەت ئىمىن

باھاسى:17.00

2005-يىل 10-ئاي 1-نەشرى

2009-يىلى 3-ئاي 5-بېسىلىشى

ISBN: 9787537152846

                                         ئاپتور ھەققىدە

   يازغۇچى تۇرسۇنمۇھەممەت ئىمىن 1941-يىلى 10-ئاينىڭ 5-كۈنى ئىلى ۋىلايىتىنىڭ قورغاس ناھىيىسىدە دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . ئۇ 1965-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەل – ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۇزۇن مۇددەت ئوقۇتقۇچى بولغان ، مەدەنىيەت – مائارىپ تارماقلىرىدا رەھبەرلىك خىزمىتىنى ئىشلىگەن . 1978-يىلىدىن 1980-يىلىغىچە تەكلىپ بىلەن مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل فاكۇلتېتىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن . ئۇ ئاپتۇنوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ھەم ئاپتۇنوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى ، چاپچال ناھىيىلىك پارتىكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرتارى ، ئىلى ۋىلايەرلىك ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ، ئىلى ئوبلاستلىق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ، «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلى نەشرىياتىنىڭ باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان . ھازىرغىچە ئۇنىڭ باھار تۇيغۇلىرى ، «ئانا تۇپراق» ، «نىدا» قاتارلىق شېئىرلار توپلاملىرى ، «قىساسنى ئۇنتۇغان ئادەم» ، «دېلغۇل ئەدىب» قاتارلىق ھېكايە پوۋېستلار توپلاملىرى نەشر قىلىنغان . بۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە ئەدەبىي ئوبزور ، پېداگوگىكا ۋە پىسخولوگىيىلىك مەسىلىرى بويىچە 30 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىنغان . قولىڭىزدىكى «لالە» ئۇنىڭ تۇنجى رومانى.

   تۇرسۇنمۇھەممەت ئىمىن جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ، ئاپتۇنوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى . ئۇ ئالى دەرىجىلىك لېكتور.

تۈرى :ئۇيغۇرچە كىتابلار, رومان | خەتكۈچ :,

بۇ كىتابلارنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ :

كۈلپەتلىك تەقدىر كۈلپەتلىك تەقدىر
ئاتامان ئاتامان
تىيانشان باغرىدا تىيانشان باغرىدا
سەئىدخان سەئىدخان
ئۇيغۇر توتېم مەدەنىيىتى ئۇيغۇر توتېم مەدەنىيىتى

تورداشلارنىڭ ئىنكاسى

  1. ھازىرچە ئىنكاس يوق

  1. ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.