شەھلانىڭ شەھىرى
شەھلانىڭ شەھىرى
ئايگۈل ئەمەت
باھاسى:8.50
2006-يىلى 12-ئاي 1-نەشرى
2006-يىلى 12-ئاي 1-بېسىلىشى
تىراژى:3000
Isbn:7537156190
مۇھەررىردىن
ئايگۈل ئەمەت 1966-يىلى 12-ئايدا قۇمۇلدا تۇغۇلغان . 1984-يىلى قۇمۇل ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنغان 1989-يىلى باكالاۋرلىق ئىلمىي ئۇنۋانى بىلەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇش ھاياتىنى تاماملاپ ، «قۇمۇل ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى تەھرىراتىغا خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغان . ئۇ ھازىرغا قەدەر مەزكۇر ئىدارىدە ئىشلەۋاتىدۇ .
ئايگۈل ئەمەت ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان چاغلىرىدىلا ئەدەبىي تەرجىمە ۋە ھېكايە ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان ، ھازىرغا قەدەر «شىنجاڭ سەنئىتى» ، «قۇمۇل گېزىتى» ، «تەڭرىتاغ» ، «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» ، «قۇمۇل خەلق رادىئو ئىستانسىسى» ، «قۇمۇل ئەدەبىياتى» قاتارلىق مەتبۇئات ئورۇنلىرىدا 100 پارچىغا يېقىن ھېكايە ،ئەدەبىي ئاخبارات ، تەتقىقات ماقالىسى ۋە ئەدەبىي تەرجىمە ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان . «قۇمۇل خەلق قورۇقچىلىقىدىكى ھازىر جاۋابلىق توغرىسىدا» ناملىق ئىلمىي ماقالىسى 1994-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «قۇمۇل مۇقاملىرى ھەققىدە»ناملىق كىتابقا تاللاپ كىرگۈزۈلگەن .
«شەھلانىڭ شەھىرى » ناملىق مەزكۇر توپلامغا ئاپتورنىڭ يېقىنقى يىللاردا يازغان ھېكايىلىرىدىن تاللانمىلار بولۇپ ، ھازىرقى زامان تۇرمۇش پۇرىقى قويۇق ، تىل ئۆزگىچە ، بەدىئىيلىكى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئوقۇرمەنلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ . بولۇپمۇ ھېكايىلەردە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن مەزمۇن ھازىرقى زامان قىز – ئاياللىرىنىڭ ئەخلاق قارىشى ، تۇرمۇش قارىشى ۋە ئائىلىۋى مۇناسىۋەت قارىشى جەھەتلەردە ئىپادىلەنگەن بولۇپ ، ھېكايىنى ئوقۇغان ھەربىر ئوقۇرمەننى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ .
ئايگۈل ئەمەت ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 مۇقام ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ ، قۇمۇل ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى .
تورداشلارنىڭ ئىنكاسى
ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.
ھازىرچە ئىنكاس يوق