شىنجاڭ قەدىمكى كارۋان يوللىرى

شىنجاڭ قەدىمكى كارۋان يوللىرى

ئاپتورى:نىياز كېرىمى

باھاسى:19.80

2000-يىل 11-ئاي 1-نەشرى

2000-يىل 11-ئاي 1-بېسىلىشى

تىراژى:1-3060

ISBN: 7228046366

                                              مۇھەررىردىن

   دوتسېنت نىياز كېرىمى 1935-يىلى 6-ئاۇنىڭ 15-كۈنى ئۈرۈمچىدە ياغاچچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . 1941-يىلىدىن 1945-يىلىغىچە ئۈرۈمچى 2-باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇغان . 1946-يىلىدىن 1950-يىلىغىچە تۇرپان مۇرتۇغ ، قاراخوجا مەدرىسلىرىدە ئىلىم تەھسىل قىلىپ ، مۇرەتتەپ قارى بولغان ھەمدە «كافىيە» ، «شەرھى موللا» ، «مۇختەسىرىلۋاقايە» ، «شەرھىلۋاقايە» قاتارلىق كىتابلارنى ئوقۇغان . 1950-يىلىدىن 1952-يىلىغىچە ئۆلكىلىك 2-دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇغان . 1952-يىلى 7-ئايدىن 1954-يىلى 7-ئايغىچە رەڭلىك مىتال شېركىتىدە سېلىسار بولۇپ ئىشلىگەن . 1954-يىلىدىن 1975-يىلىغىچە سابىق شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىنىڭ سۇچىلىق كەسپىدە ئوقۇغان . 1957-يىلىدىن 1975-يىلىغىچە بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش نازارىتىنىڭ قارمىقىدىكى پىلانلاش ئەترىتى تەركىبىدە تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدىكى دېھقانچىلىق مەيدانلىرىدا پىلانلاش ، سۇ قۇرۇلۇشى ، ئۆي – ئىمارەت قۇرۇلۇشى بىلەن شوغۇنلانغان . 1975-يىلىدىن 1983-يىلى 11-ئايغىچە ئاپتۇنوم رايونلۇق كارتوگرافىيە ئىدارىسىدە مىللىي كارتوگرافىيە خادىملىرىنى يېتىشتۈرۈش ۋە تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدىكى بىپايان زېمىنلاردا ئۆلچەش ۋە سىزىش ، سىزىلغان خەرىتىلەرنى تەكشۈرۈپ باھالاپ ئۆتكۈزۋېلىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان . 1983-يىلىنىڭ ئاخىرىدا شىنجاڭ نېفىت .ىنىستىتۇتىغا يۆتكىلىپ كېلىپ ، 1993-يىلى 10-ئايدا پېنسىيىگە چىققان .

   نىياز كېرىمى 1957يىلىدىن 1975-يىلىغىچە ئىلى ، قەشقەر ، ئۈرۈمچى قاتارلىق رايونلاردا لاھىيىلىگەن چوڭ – كىچىك ئېرىق ، ئۆستەڭ 207 كىلومېتىرغا ، توما ، تونېل ، كۆۋرۈك ، سۇ ئامبىرى ، سۈڭگۈچ ، لايقۇش قاتارلىق ھەرخىل سۇ ئىنشائاتى 34 كە يېتىدۇ . 1975-يىلىدىن 1983-يىلىغىچە ئاپتۇنوم رايونلۇق كارتوگرافىيە ئىدارىسىدە تۇنجى ئەۋلاد مىللىي كارتوگرافىيە مۇئەللىمى بولۇپ ، بىر تۈركۈم كارتوگرافىيە خادىملىرىنى يېتىشتۈرگەن .

نىياز كېرىمىنىڭ 1993-يىلى تۇرپان كارىزلىرى ناملىق كىتابى نەشر قىلىنغان .

   نىياز كېرىمى 1960-يىلى قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتىكوم ۋە ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ  «سۇ قورۇلۇشى سېپىدىكى ئىلغار شەخس» دېگەن تەقدىرنامىگە ئېرىشكەن . 1970-يىلى سۇ ئامبىرى لاھىيەلەش ۋە قۇرۇلۇشقا يېتەكچىلىك قىلىشتا نەتىجىسى كۆرىنەرلىك بولۇپ شۇ چاغدىكى 1-دەرىجىلىك مۇكاپات ھېسابلىنىدىغان رەئىس ماۋزېدۇڭ ئەسەرلىرى بىلەن مۇكاپاتلانغان . 1933-يىلى «تارىختىن سۆز» ناملىق مۇكاپاتلىق ماقالە ئېلان قىلىشتا ،ئۇنىڭ «تۇرپان كارىزلىرى» سەرلەھىلىك ماقالىسى 2-دەرىجە بولۇپ باھالىنىپ . «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 1994-يىلى 4-نويابىرلىق سانىدا ئېلان قىلىندى . 1993-يىلى ، ئۇ يازغان «تۇرپان كارىزلىرى» نىڭ ئىلمىي ماقالىسى «شىنجاڭ تەزكىرىسى» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمى تەرىپىدىن 1984-يىلىدىن 1994-يىلىغىچە ئېلان قىلىنغان ئون يىللىق ماقالىلەر ئىچىدە 1-دەرىجىلىك ئىلمىي ماقالە بولۇپ باھالاندى . بۇ پېشقەدەم مۇتەخەسسىس ھازىر «شىنجاڭ يەر ناملىرى توغرىسىدا ئىزدىنىش» نى تۈزۈش ئىشى بىلەن مەشغۇل بولماقتا

تۈرى :ئۇيغۇرچە كىتابلار, تارىخ -مەدەنىيەت | خەتكۈچ :,

بۇ كىتابلارنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ :

گىراف مونتې-كىرىستو گىراف مونتې-كىرىستو
شىنجاڭدا ئۆتكەن ئىنقىلابىي قەھرىمانلارنىڭ تەرجىمھالى
رەڭدار ھايات رەڭدار ھايات
تارىم مەدەنىيەت ئارىلى تارىم مەدەنىيەت ئارىلى

تورداشلارنىڭ ئىنكاسى

  1. ھازىرچە ئىنكاس يوق

  1. ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.