شىنجاڭدا ئۆتكەن ئىنقىلابىي قەھرىمانلارنىڭ تەرجىمھالى

شىنجاڭدا ئۆتكەن ئىنقىلابىي قەھرىمانلارنىڭ تەرجىمھالى

باھاسى:50.00

1984-يىلى 7-ئاي 1-نەشرى

1985-يىلى 9-ئاي 1-بېسىلىشى

تىراژى؛1-5500

ISBN: m11098141

                                             سۆز بېشى

شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى چېن تەنچيۇ ، ماۋ زېمەن ، لىن جىلۇ قاتارلىق ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ قۇربان بولغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى داغدۇغىلىق خاتىرىلەۋاتقان پەيىتتە ، بىز«شىنجاڭدا ئۆتكەن ئىنقىلابىي قۇربانلانىڭ تەرجىمھالى» دېگەن بۇ كىتابنى تۈزۈپ چىقتۇق . بۇ كىتاب ئىنقىلابىي قۇربانلارغا تەزىيە بىلدۈرىدىغان گۈل چەمبىرىكى بولۇپ ، بىزنى يەر ئاستىدا مەڭگۈ ئۇيقۇغا كەتكەن ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ئەسلەپ تۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىدۇ . بۇ كىتابقا كىرگۈزۈلگەن ئىنجقىلابىي قۇربانلارنىڭ قىسقىچە تەرجىمھاللىرى كوممۇنىستلارنىڭ كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان كۈرەش تارىخى ، شۇنىڭدەك كوممۇنىستىك ئىدىۋىي تەربىيە ئېلىپ بېرىشتا قىممەتلىك ماتېرىيالدۇر . بىز بۇنى كەڭ كىتابخانلارغا ھۆرمەت بىلەن تەقدىم قىلىمىز .

   شىنجاڭدا ئۆتكەن ھەر مىللەت ئىنقىلابىي قۇربانلار جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئېلىپ بېرىلغان ئۇزاق مۇددەتلىك ئىنقىلابىي كۈرەشلەردە ، ۋەتەننىڭ ئازاتلىق ئىشلىرى ۋە كوممۇنىزىمدىن ئىبارەت  ئۇلۇغ غايە ئۈچۈن ، ئالدىنقىلىرى يىقىلسا ، كېيىنكىلىرى ئىز بېسىپ ، قەھرىمانلارچە كۈرەش قىلىپ ، جان پىدالىق كۆرسىتىپ ، ئكزلىرىنىڭ پۈتۈن كۈچىنى بېغىشلاپ ، قىممەتلىك ھاياتىنى تەقدىم قىلدى ، ئۆچمەس تۆھپە يارىتىپ ، تىللاردا داستان بولىدىغان سانسىز شانلىق سەھىپىلەرنى قالدۇردى ، ئۇلارنىڭ ئالىيجاناپ خىسلىتى ۋى پىداكارلىق روھى تارىختا ئكچمەس مەڭگۈ نۇر چېچىپ ، بىز كېيىنكىلەرگە مەڭگۈ ئۈلگە يارىتىپ بەردى . ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ شانلىق تۆھپىلىرى ۋە ئۇلۇغ روھىي پارتىيە ۋە خەلقىمىزنىڭ غايەت زور مەنىۋىي بايلىقى ، شىنداقلا ھەر مىللەت خەلقىگە ، بولۇپمۇ ياشلار ۋە ئكسمۈرلەرگە ئىنقىلابىي ئەنئەنىۋى تەربىيە ۋە كوممۇنىستىك غايە ، ئېتقاد ، ئەخلاق تەربىيىسى ئېلىپ بېرىپ ، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيەت بەرپا قىلىشتا ئەڭ ياخشى دەرسلىك بولۇپ ، ھەر مىللەت خەلقىنى ئىنقىلابىي قۇربانلار ئاچقان يولدا مېڭىپ ، پارتىيە رەھبەرلىكىدە ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە كوممۇنىستىك ئۇلۇغۋار نىشاننى ئەمەلگەن ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۇسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ ، قەھرىمانلارچە ئالغا بېسىشقا مەڭگۈ ئىلھاملاندۇرىدۇ !

     گوۋۇيۈەن ئېلان قىلغان  «ئىنقىلابىي قۇربانلارنى مەدھىيىلەش نىزامى» دىكى بەلەىلىمىلەرگە ئاساسەن ،ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ئەسلەپ ،  ئۇلارنىڭ مول خىزمەت نەتىجىلىرىنى مەدھىيەلەش ئۈچۈن ، بىز بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق كۈچ ئۇيۇشتۇرۇپ ، رايونىمىزدا ئۆتكەن مەشھۇر ھەر مىللەت ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ قەھرىمانلىق ۋە نەمۇنىلىك ئىشلىرىنى ئارقا – ئارقىدىن تۈزۈپ نەشر قىلىمىز.

   بۇ كىتاب شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە چېن تەنچيۇ ، ماۋ زېمىن ، لىن جىلۇ قاتارلىق ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ قۇربان بولغانلىقىغا 40 يىل تولغانلىقىنى خاتىرىلەشكە تەييارلىق كۆرۈش ھەيئىتىنىڭ رەھبەرلىگىدە تۈزۈلدى . تۈزۈش جەريانىدا ، شىنجاڭ داشۆ ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىش شىنجاڭ جەمئىيىتىنى نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىدى؛ شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنوم رايونلۇق مۇزېي قاتارلىق ئورۇنلار زور كۈچ بىلەن ياردەملەشتى ؛ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنوم رايونلۇق  ئارخىپ ئىدارىسى نۇرغۇن قىممەتلىك ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىدى . بۇلارغا كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز .

   سەۋىيىمىزنىڭ چەكلىكلىكى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋاقىتنىڭ قىسلىقى دەۋەبىدىن ، بۇ كىتابتا خاتالىق ۋە سەۋەنلىكلەر بولۇشى چوقۇم . كەڭ كىتابخانلار ، بولۇپمۇ ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ تۇققانلىرى ، ھايات ۋاقتىدىكى سەپداشلىرى ۋە پارتىيە تارىخىنى تەتقىق قىلغۇچى تارماقلاردىكى مۇناسىۋەتلىك يولداشلارنىڭ تەنقىد ۋە تۈزىتىش بېرىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز .

                                                                                 تۈزگىچىدىن   1983-يىل ماي

تۈرى :ئۇيغۇرچە كىتابلار | خەتكۈچ :

بۇ كىتابلارنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ :

ئامەت ۋە ئاپەت ئامەت ۋە ئاپەت
سۈيۈملۈك دۈشمەن سۈيۈملۈك دۈشمەن
كۆپۈك كۆپۈك
قۇمغا كۆمۈلگەن خوتەن خارابىلىرى قۇمغا كۆمۈلگەن خوتەن خارابىلىرى
ھايات قىسمىتى (1،2-قىسىم) ھايات قىسمىتى (1،2-قىسىم)

تورداشلارنىڭ ئىنكاسى

  1. ھازىرچە ئىنكاس يوق

  1. ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.