سۈيۈملۈك دۈشمەن

سۈيۈملۈك دۈشمەن

ئاپتورى:جېيىن ۋېبستېر

باھاسى: 22.00

2009-يىلى 8-ئاي 1-نەشرى

2009-يىلى 8-ئاي 1-بېسىلىشى

تىراژى:1-3000

:9787228127467ISBN

                                                مۇھەررىردىن

  «سۆيۈملۈك دۈشمەن» – ئامېرىكا ئوقۇرمەنلىرى ئارىسىدا زور تەسىر قوزغىغان مۇھەببەت تېمىسىدىكى داڭلىق ئون كىلاسسىك روماننىڭ بىرى . رومان ئاپتورى جېيىن ۋېبستېر (1916-1876) ئامېرىكىلىق مەشھور يازغۇچى مارك تۋېننىڭ جىيەن نەۋرىسى ، ئامېرىكىنىڭ داڭلىق يازغۇچىسى.

  جېيىن ۋېبستېر نيۇيورك شتاتىدىكى فلودۇنىيىدە ئەدەبىيات – سەنئەتكە ھېرىسمەن ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن . دادىسى نەشرىياتچىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇنلىناتتى ، ئانىسى «تومنىڭ خەتەرلىك سەزگۈزرەشتىلىرى» نىڭ ئاپتورى مارك تېۋىننىڭ جىيەن قىزى ئىدى.

  جېيىن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزەىلدە دائىم باسا قىزلار ئالىي مەكتىپىنىڭ «مەكتەپداشلار »ژۇ

رنىلى ۋە «يەرلىك ئاخبارات» قاتارلىق گېزىت – ژۇرناللارغا ئەسەر ئەۋەتىپ تۇراتتى ھەمدە دەرستىن سىرتقى چاغلىرىدا دارىلېتامغا بېرىپ مۇلازىمەت قىلاتتى . بۇ مەزەىلدە كۆرگەن – ئاڭلىغانلىرى كېيىن ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرى «سۆيۈملۈك دۈشمەن » ، «شادىپاچاق تاغا» ، قاتارلىقلارنىڭ ماتېرىيالى بولۇپ قالدى .

 «سۈيۈملۈك دۈشمەن» رومانىدا، «مەن» نىڭ دارىلئېتامنى باشقۇرۇش،يېتىم بالىلاردىن خەۋەر ئېلىش جەريانىدىكى كەچۈرمىشلىرى ۋە مۇرەككەپ ھېس – تۇيغۇلىرى ئىنچىكە ، تەسىرلىك بايان قىلىنغان . ئەسلىدە «مەن» ئائىلە قۇرۇپ،ياخشى ئائىلىە ئايالى بولۇشتىن باشقىنى ئويلىمايدىغان ساددا قىز ئىدى. تاسادىپىي ئۇ خەير–ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دوستى ۋە ئۇنىڭ ئېرىنىڭ ئۆتۈنۈشى بىلەن ئۇلار قۇرغان دارىلئېتامغا ۋاقىتلىق مۇدىر بۇلىدۇ . ئۆزى خالىمايدىغان ئىشقا تۇتۇلۇپ قالغان  «مەن» دەسلەپتە دارىلئېتام ئىشلىرىغا كۈنەلمەي ، ئۇ يەردىن تېزەرەك قۇتۇلۇش كۇيىدا بولىدۇ . لېكىن ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن ئۇنىڭ دارىلئېتامغا ، ئۇ يەردىكى يېتىم بالىلارغا مېھرى چۈشۈپ قېلىپ ،      قىيالمايدىغان دەرىجىگە بارىدۇ .

تۈرى :ئۇنۋېرسال, ئۇيغۇرچە كىتابلار, رومان | خەتكۈچ :,

بۇ كىتابلارنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ :

قىسمەت ئاچىلىدا قىسمەت ئاچىلىدا
فارابى فارابى
  مەخمۇد كاشغەرى  مەخمۇد كاشغەرى
جۇڭگودىكى تۈركىي تىللار جۇڭگودىكى تۈركىي تىللار
يىگىت دىگەن شۇنداق بولسا يىگىت دىگەن شۇنداق بولسا

تورداشلارنىڭ ئىنكاسى

  1. ھازىرچە ئىنكاس يوق

  1. ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.