ئانا تىلىم زەر تىلىم
ئانا تىلىم زەر تىلىم
ئاپتورى:روزى سايىت
باھاسى:12.00
2008-يىل 7-ئاي 1-نەشرى
2011-يىل 2-ئاي 4-بېسىلىشى
تىراژى:10001-14000
Isbn:9787228116874
نەشرىياتتىن
شائىر روزى سايىت 1944-يىلى 9-ئايدا خوتەننىڭ گۇما ناھىيىسىگە قاراشلىق شەيدۇللا دېگەن يېرىدە سايىتئاخۇن ئىسىملىك كونا ئەسكەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان . 1951-يىلى ئۇلارنىڭ ئائىلىسى خوتەن شەھىرىگە كۆچۈپ كىرگەن . روزى سايىت 1958-يىلىغىچە خوتەندە باشلانغۇچ ، ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان . سايىتئاخۇننىڭ ئائىلىسى تارقاقلاشتۇرۇلۇپ ، خوتەننىڭ بۇزاق يېزىسىدىكى جاي كەنتىگە ماكانلاشتۇرۇلغاندا ، روزى سايىت دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان . 1962-يىلى خەلق ئوقۇتقۇچىسى بولغان . كېيىن يەنە دېھقانچىلىق قىلغان . 1973-يىلى قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن . 1976-يىلى ئوقۇشنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ، خوتەندە ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان . 1980-يىلىدىن باشلاپ «يېڭى قاشتېشى» ژۇرنىلىدا مۇھەررىرلىك قىلغان . 2001-يىلى 9-ئايدا كېسەللىك سەۋەبىدىن 57-يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى .
روزى سايىتنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1973-يىلى «قەشقەر گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان «دېھقانمۇ داشۆگە كىردى» ناملىق شېئىرى بىلەن باشلانغان . شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئۇنىڭ نۇرغۇن شېئىر – داستانلىرى ئېلان قىلىنغان . ئۇ يەنە «بارات يازغان ھېكايە» قاتارلىق بىر قانچە نەسرىي ئەسەر يازغان . ئۇنىڭ «يىپەك يولىدا نورۇز» ، «يورۇڭقاش ۋادىسىدا شادلىق» قاتارلىق تېلېۋىزىيە بەدىئىي فىلىملىرىنىڭ سېنارىيىسى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن سۈرەتكە ئېلىنغان .
روزى سايىتنىڭ بەزى ئەسەرلىرى مەملىكەتلىك ھەم ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن ، ئۆزىمۇ بىر قانچە قېتىم ئاپتونوم رايون ۋە ۋىلايەت دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىس بولۇپ باھالانغان .
روزى سايىتنىڭ ھازىرغىچە نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن «قاشتېشىنىڭ رىۋايىتى» ، «بۇ قىز كىمنى تاللىسۇن» ، «مەرھابا»، «مۇھەببەتتىن پۈتكەن ناخشىلار» ، «پاھ دېھقاننىڭ ھەيكىلى» ناملىق شېئىر ۋە داستانلار توپلىمى بار . ئۇنىڭ دېھقانلار تېمىسىدا يازغان بىر تۈركۈم شېئىرلىرى ئەينى يىللاردا يېزىلاردا يۈرگۈزۈلگەن بەزى «سول» سىياسەتلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان بەزىبىر ئاقىۋەتلەرگە قارىتىلغان . بۇ شېئىرلار ئۈنئالغۇغا ئېلىنىپ ، «دېھقان بولماق تەس» دېگەن نامدا نەشر قىلىنىپ تارقىتىلغاندىن كېيىن ، زور تەسىر قوزغىغان . ئۇ ۋاپات بولغان كېيىن مىللەتلەر نەشرىياتى «روزى سايىت شېئىرلىرىدىن» دېگەن نامدا ئۇنىڭ بىر تۈركۈم شېئىرلىرىنى نەشر قىلدى .
بۇ كىتابقا روزى سايىتنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر شېئىرلىرى تاللاپ كىرگۈزۈلدى .
تورداشلارنىڭ ئىنكاسى
ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.
ھازىرچە ئىنكاس يوق