جان تەسەددۇق
جان تەسەددۇق
مۇھەممەد رەھىم
باھاسى:15.00
2008-يىل 7-ئاي 1-نەشرى
2010-يىل 8-ئاي 3-بېسىلىشى
تىراژى:8001-12000
Isbn:9787228116843
نەشرىياتتىن
شائىر مۇھەممەد رەھىم 1926-يىلى 6-نويابىردا ئىلى ۋىلايىتىنىڭ قورغاس ناھىيىسىدە قول ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . ئۇ 1933-يىلىدىن 1942-يىلىغىچە ئوقۇپ ، 8-سىنىپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن دادىسى بىلەن ياغاچچىلىق قىلغان . 1944-يىلى 12-ئايدا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتناشقان . 1947-يىلى 7-ئايدا ھەربىي سەپتىن قايتىپ كېلىپ ، غۇلجىدا ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نەشرى ئەپكارى «كۈرەش» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىدە ئىشلىگەن . 1948-يىلىدىن 1950-يىلىغىچە ئىلى ۋىلايەتلىك تېببىي تېخنىكومدا ئوقۇغان . 1951-يىلى قەشقەرگە بېرىپ ، «شىنجاڭدا تىنچلىق ۋە خەلقچىللىقنى ھىمايە قىلىش ئىتتىپاقى» نىڭ قەشقەر ۋىلايەتلىك ئىجرائىيە ھەيئىتىدە تەشۋىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان . 1954-يىلى قەشقەر شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولغان . 1956-يىلى 7-ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىگە يۆتكىلىپ كېلىپ ، «تارىم» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىدە مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن . 1981-يىل 2-ئايدا «شىنجاڭ سەنئىتى» ژۇرنىلىغا مۇئاۋىن باش مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن . 1984-يىل 10-ئايدا دەم ئېلىشقا چىققان .
مۇھەممەد رەھىم 6- سىنىپتا ئوقۇۋاتقان چېغىدىلا خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىغا قىزىقىپ قالغان . ئۇ 7- ۋە 8- سىنىپتا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدىلا خەلق قوشاقلىرىغا تەقلىد قىلىپ شېئىر يېزىشنى باشلىغان . شۇ يىللاردا داۋۇت تۇرەھمەتوف ، نېمشېھىت (ئەرمىيا ئېلى) لارنىڭ يېتەكلىشىدە خېلى تۈزۈك شېئىرلارنى يازالايدىغان بولغان .
مۇھەممەد رەھىم «كۈرەش» ژۇرنىلىنىڭ 1947-يىل 4-سانىدا ئېلان قىلىنغان «مىلتىقىم» دېگەن شېئىرى بىلەن ئەدەبىيات قوشۇنىغا كىرىپ كەلگەن . شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇنىڭ شېئىرلىرى گېزىت – ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنىپ تۇردى . 1962-يىلىدىن 2006-يىلىغىچە ئۇنىڭ «بەخت ناخشىلىرى» ، «گۈلباھار» ، «ئايدىڭ كېچە» ، «سېغىنىش» ، «غۇنچىلارغا» ، «مۇھەببەت سەۋدالىرى» ناملىق شېئىرلار توپلاملىرى نەشر قىلىندى . ئۇ تۈزگەن «غەزەل ۋە مۇخەممەسلەر » توپلىمى 1983-يىلى نەشردىن چىقتى . ئۇنىڭ يەنە 2004-يىلى نەشردىن چىققان «ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ قاپىيە لۇغىتى» ناملىق كىتابى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ساھەسىدىكى بىر قىممەتلىك ئەمگەك ھېسابلىنىدۇ .
بۇ توپلامغا شائىر مۇھەممەد رەھىمنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە مۇنەۋۋەر شېئىرلىرى تاللاپ كىرگۈزۈلدى
تورداشلارنىڭ ئىنكاسى
ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.
ھازىرچە ئىنكاس يوق