زېمىن قەسىدىسى

زېمىن قەسىدىسى

ئوسمانجان ساۋۇت

باھاسى:14.00

2008-يىل 7-ئاي 1-نەشرى

2011-يىل 3-ئاي 4-بېسىلىشى

تىراژى:11001-14000

‘Isbn:9787228116928

نەشرىياتتىن

شائىر ئوسمانجان ساۋۇت 1945-يىلى 26-ئۆكتەبىر ماناس ناھىيىسىدىكى بىر موزدۇز ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . 1961-يىلى ساۋەن ناھىيىسىدىكى بىر موزدۇز ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . 1961-يىلى ساۋەن ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملىغاندىن كېيىن ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنىپ ، 1966-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەن . 1968-يىلىغا كەلگەندە ، قۇمۇل ۋىلايىتىگە خىزمەتكە تەقسىم قىلىنىپ ، قۇمۇلنىڭ ليۇ شۇچۇەن دېھقانچىلىق مەيدانىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان . 1974-يىلى ساۋەن ناھىيىسىگە يۆتكىلىپ كەلگەندىن كېيىن ئىلگىرى – ئاخىرى بولۇپ ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ ، 2-ئوتتۇرا مەكتەپ ، 3-ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ساۋەن ناھىيىلىك پېداگوگىكا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى ، ئىلمىي مۇدىر بولۇپ ئىشلىگەن . 1981-يىلى بېيجىڭدىكى لۇشۈن ئەدەبىيات ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان . 1986-يىلى 7-ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىگە يۆتكىلىپ كېلىپ ، ئاۋۋال «كۆۋرۈك» ژۇرنىلىدا ، كېيىن «تارىم» ژۇرنىلىدا مۇھەررىرلىك قىلغان .

ئوسمانجان ساۋۇتنىڭ ئىجادىيىتى 1960-يىللارنىڭ باشلىرىدا يازغان «ياڭرا ، ئەجرىم» ناملىق شېئىرى بىلەن باشلانغان . ھازىرغىچە ئۇ مىڭ پارچىدىن ئارتۇق شېئىر يازدى . «ئالمىدەك يۈرەكتە ئالەمچە سۆيگۈ» ، «تاڭ لىرىكىلىرى» ، «تەڭرىتاغ شاماللىرى» ، «تۈن تىۋىشلىرى» ، «تاڭلار بىلەن سۆزلىشىش» ، «گۈللەر سۆزلەيدۇ» ناملىق ئالتە پارچە توپلىمى نەشر قىلىندى .

ئوسمانجان ساۋۇتنىڭ ئەدەبىي تەرجىمە ساھەسىدىمۇ كۆرۈنەرلىك خىزمەتلەرنى ئىشلىدى . ئۇ ھازىرغىچە «كۈلگۈلۈكمۇ ، يىغلىغۇلۇقمۇ» ، «مەڭگۈلۈك قانۇنىيەت» قاتارلىق خەنزۇچە ۋە قازاق تىلىدىكى بىر قانچە روماننى ، سېرگىي ، يېنسىنىن ، ئاباي قاتارلىق چەت ئەل شائىرلىرىنىڭ يۈز نەچچە پارچىدىن ئارتۇق شېئىرلىرىنى ، شۇنداقلا ئەدەبىي – سەنئەت نەزەرىيىسىگە ئائىت ماقالە – ئوبزورلاردىن نەچچە ئون پارچىنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتۈردى .

بۇ توپلامغا شائىر ئوسمانجان ساۋۇتنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر شېئىرلىرى تاللاپ كىرگۈزۈلدى .

 

تۈرى :ئۇيغۇرچە كىتابلار, شېئىر-نەسىرلەر | خەتكۈچ :,

بۇ كىتابلارنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ :

شائىر ئوسمانجان ساۋۇت ئىجادىيىتى مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى شائىر ئوسمانجان ساۋۇت ئىجادىيىتى مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى

تورداشلارنىڭ ئىنكاسى

  1. ھازىرچە ئىنكاس يوق

  1. ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.