داۋىنچىنىڭ مەخپىيىتى

ئاپتورى:دان بروۋن

2008-يىلى 12-ئاي 1- نەشرى

2008-يىلى 12-ئاي 1-بېسىلىشى

تىراژى:1-3000

ISBN:9787228121397

باھاسى: 60.00

ئاپتور ھەققىدە

دان بروۋن ئامېرىكىدا ھازىرقى ئەڭ بازارلىق كىتابلارنى يېزىش بىلەن داڭق چىقارغان يازغۇچى. ئۇنىڭ 《رەقەملەر قەلئەسى》، 《ئالدامچىلىق تاكتىكىسى 》، 《پەرىشتە بىلەن ئالۋاستى》، ناملىق رومانلىرى ئەڭ بازىرى ئىتتىك كىتابلاردىن بولۇپ قالغان . ئۇنىڭ 《داۋىنچىنىڭ مەخپىيىتى》 ناملىق بۇ يىڭى رومانى تەشۋىشلىك رازۋېدكا رومانلىرىنىڭ تېخىمۇ يۈكسەك بىر پەللىسىنى ياراتقان . 2003-يىلى 3- ئايدا نەشر قىلىنغاندىن بۇيان ، 《نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى》 نىڭ بازىرى ئىتتىك كىتابلار مۇندەرىجىسىدە ئۇدا قىرىق نەچچە ھەپتە بىرىنچى ئورۇننى ئىگىلىگەن .

دان بروۋننىڭ دادىسى داڭلىق ماتېماتىكا پروفېسسورى ، ئاپىسى بولسا دىنىي مۇزىكانت بولۇپ ، مانا مۇشۇنداق ئالاھىدە مۇھىت ئىچىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن بولغاچقا ، دىن بىلەن پەن ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ۋە مۇرەككەپ ئىچكى باغلىنىشلار ھەققىدىكى ئىزدىنىش ئۇنىڭ ئىجادىيىتىنىڭ ئاساسىي تېمىسى بولۇپ قالغان .

دان بروۋن ھازىر دۇنيا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى نۇقتىلىق تونۇشتۇرۇۋاتقان بازارلىق كىتاب يازغۇچىسىغا ئايلاندى ، CNN، بۈگۈنكى سۆھبەت ، ئامېرىكا دۆلەتلىك رادىئو ئىستانسىسى ، ئامېرىكا ئاۋازى ، 《ئاخبارات ھەپتىلىك ژۇرنىلى》 , 《شەخسلەر》، 《فوربېس》 ،《ئارام ھەپتىلىك ژۇرنىلى》، ۋە 《نىيۇيورك مېھمىنى》 قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئۇنىڭ ئىش – پائالىيەتلىرى ۋە سۆھبەت خاتىرىلىرى بەس – بەس بىلەن تونۇشتۇرۇلدى .

ئەسەرلىرى ئوتتۇز نەچچە خىل تىلغا تەرجىمە قىلىنىپ ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارالدى.

كىرىش سۆز

زىئون ئىستىقامەتچىلەر جەمئىيىتى 1099-يىلى ياۋروپادا قۇرۇلغان بىر ھەقىقىي تەشكىلات .

1975-يىلى پارىژ دۆلەتلىك كۇتۇپخانىسى تېرە قەغەزگە خاتىرىلەنگەن 《مەخپىي ئارخىپ》 دەپ ئاتالغان بىر ھۆججەتنى بايقىغان ھەمدە سېر ئىساك نيۇتون ، بوتچىللېر ، ۋېكتور ھىيۇگو ۋە لىئوناردو داۋىنچى قاتارلىق نۇرغۇن داڭلىق شەخسلەرنىڭ ئەسلىي زىئون ئىستىقامەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ئىكەنلىكىنى بىلگەن .

كىشىلەرگە تونۇشلۇق بولغان 《كاتولىك ئىشلىرى ئۇيۇشمىسى》 ۋاتىكانغا تەۋە بىر مۇستەقىل تەشكىلات – تەقۋادارلىقتا چېكىگە يەتكەن كاتولىك دىنىي مەزھىپى بولۇپ ، بۇ مەزھەپ يېقىندا نۇرغۇن بەس – مۇنازىرىنىڭ كۆتۈرۈلۈشىگە سەۋەب بولدى . چۈنكى، ئۇلارنىڭ بەزى ئادەملەرگە قارىتا 《مېڭە تازىلاش》 ئېلىپ بارغانلىقى ، قاتتىق قوللۇق بىلەن ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى ھەمدە 《جىسمانىي رىيازەت》 دەپ ئاتىلىدىغان خەتەرلىك بىر خىل ئىستىقامەت ئۇسۇلىنى يولغا قويغانلىقى توغرىسىدا خەۋەرلەر بېرىلدى . كاتولىك ئىشلىرى ئۇيۇشمىسى تېخى يېقىندىلا 47 مىليون ئامېرىكا دوللىرى خەجلەپ ، نيۇيورك شەھىرىنىڭ لېكسىنتون كوچىسىدىكى 243-نومۇرلۇق جايىغا ئۆزلىرىنىڭ مەملىكەتلىك باش شتابىنى قۇرۇپ چىققانىدى .

مەزكۇر كىتابتىكى سەنئەت ئەسەرلىرى ، قۇرۇلۇشلار ، يازما ھۆججەت – ماتېرىياللار ۋە مەخپىي مۇراسىملارغا ئائىت تەسۋىر ، بايانلارنىڭ ھەممىسى راست.

 

تۈرى :ئۇنۋېرسال, رومان | خەتكۈچ :

بۇ كىتابلارنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ :

غۇرۇرنامە غۇرۇرنامە
بىر قىسىم كىتابلارنىڭ تىزىملىكى بىر قىسىم كىتابلارنىڭ تىزىملىكى
قائىدە – يوسۇنلىرىمىز قائىدە – يوسۇنلىرىمىز
تۆتىنچى ئېراغا سەپەر تۆتىنچى ئېراغا سەپەر
ئازغان كۆڭۈل ئازغان كۆڭۈل

تورداشلارنىڭ ئىنكاسى

  1. ھازىرچە ئىنكاس يوق

  1. ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.