ئۇيغۇر ئۆي ئىمارەتلىرىنىڭ چېرتيوژ ئۆرنەكلىرى
ئاپتورى: ھاجى ئابدۇلھېمىت موللايوپ
2004-يىلى 9-ئاي 1-نەشرى
2004-يىلى 9-ئاي 1-بېسىلىشى
تىراژى:1-3000
كىتاب نومۇرى:7806935274
باھاسى:36.00
ئاپتورنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
ئاپتور ھاجى ئابدۇلھېمىت موللايوپ 1923-يىلى كۇچا ناھىيە بازىرىدا قول ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . 1941-يىلى ئۆلكىلىك 1-گىمنازىيىنى پۈتتۈرگەن . ئازادلىقتىن ئىلگىرى ئوقۇتقۇچى ، ئۆلكىلىك مەركىزىي ئۇيغۇر ئاقارتىش ئۇيۇشمىسىدا مۇدىر كاتىپ ،خوتەن ۋىلايەتلىك باج ئىدارىسىدە ئىدارە باشلىقى ، خوتەندە چىقىدىغان 《تەكلىماكان گۈلى 》 گېزىتىدە باش مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن . ئازادلىق ھارپىسىدا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنى ھىمايە قىلىش ، شىنجاڭنىڭ تىنچلىق بىلەن ئازاد بولغانلىقىنى تەشۋىق قىلىش پائالىيەتلىرىدە ئاكتىپ رول ئويناپ ، خوتەن ياشلىرى ئىچىدە تونۇلغان .
ئازادلىقتىن كېيىن ، سولچىل لۇشيەننىڭ تەسىرى ۋە 《تۆت كىشىلىك گۇرۇھ》 نىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ ، 10 نەچچە يىل چەتكە قېقىلغان . 1983-يىلى سىياسىي جەھەتتىن ئاقلىنىپ ، نامى ۋە خىزمىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن.
ھاجى ئابدۇلھېمىت موللايوپ چېرتىيوژلارنى سىزىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ تېخنىك خادىم بولۇپ يېتىشكەن . شۇنىڭدىن كېيىن ، خوتەن ناھىيىلىك ۋە خوتەن ۋىلايەتلىك بىناكارلىق قورۇلۇش تارماقلىرىدا قۇرۇلۇش تېخنىكى ، مۇئاۋىن دىرېكتور ، قورۇلۇش ئىدارىسىدە تېخنىك بولۇپ ئىشلىگەن . قوشۇمچە خوتەن ناھىيىلىك قۇرۇلۇش ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرى ، ۋىلايەتلىك قۇرۇلۇش جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ، ۋىلايەتلىك ئۇنۋان باھالاش كومىتېتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى بولغان.
1983-يىلى بىناكارلىق لاھىيەلەش بويىچە ئىنژېنېرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ھەمدە جۇڭگو بىناكارلىق ئىلمىي جەمئىيەت ئەزاسى بولغان . ئۇ 1953-يىلىدىن باشلاپ بىناكارلىق قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا قاتنىشىپ ، 1993-يىلى2-ئايدا دەم ئېلىشقا چىققان .
ئۇ 40يىل مابەينىدە يۈكنىڭ ئېغىرىنى ئۈستىگە ئېلىپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ ،ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ، ئىزدىنىشنى قولدىن بەرمەي ، ئاددىي – ساددا ، پاك ياشاشتەك ئەخلاق پەزىلىتى بىلەن كۆپ قېتىم مۇكاپاتلانغان .
1983-يىلى 7-ئايدا دۆلەت مىللىي ئىشلار كومىتېتى ، ئەمگەك مىنىستىرلىقى جۇڭگو پەن – تېخنىكا ئىلمىي جەمئىيىتى تەرىپىدىن 《مىللىي رايوندا ئۇزۇن مۇددەت پەن – تېخنىكا خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان》 دېگەن شەرەپ گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشكەن .
ئۇ خوتەن ناھىيىلىك خەلق ھۆكمىتىنىڭ خىزمەت بىناسى 1000 كىشىلىك يېغىن زالى ، پولات زاۋۇتىنىڭ بېتونلۇق سېخ قۇرۇلۇشى قاتارلىق چوڭ تىپتىكى 10 نەچچە بىنانىڭ قۇرۇلۇشىغا مەسئۇل بولغان ۋە بىر قىسىم بىنالارنى لاھىيەلىگەن ، 100 دىن ئارتۇق شاگىرت يېتىشتۈرگەن.
ئۇ ئۇيغۇر بىناكارلىقىدىكى مىللىي شەكىل ، مىللىي ئۇسلۇب بىلەن زامانىۋى شەكلىنى بىرلەشتۈرۈش جەھەتتە يېڭىلىق ياراتتى ، ئۇيغۇر بىناكارلىقىدىكى ئەنئەنىۋى شەكىل ۋە نۇسخىلارنى توپلاپ تەتقىق قىلدى . بۇ جەھەتتە توپلىغان نەزەرىيە تەجرىبىلەر ئاساسىدا 《بىناكارلىق خەرىتىلىرى ۋە ماتېرىياللىرى ھەققىدە ئاددىي ساۋات》، 《قىش پەسلىدە قۇرۇلۇش قىلىش ئۇسۇللىرى توغرىسىدا》 قاتارلىق ئىلمىي ماقالىلەرنى يېزىپ ،《بىلىم – كۈچ》 ژۇرنىلى ۋە گېزىتلەردە ئېلان قىلدى . دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىنمۇ خەلققە تۆھپە قالدۇرۇشنى شەرەپ دەپ بىلىدۇ ، ئۇيغۇر بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتىدا مۇھىم ئىلمىي قىممەتكە ئىگە بولغان ۋە بىناكارلىق ساھەسىدە ياشلارنىڭ ئۆگىنىشكە بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدىغان بۇ كىتابنى تۈزۈپ چىقتى .
تورداشلارنىڭ ئىنكاسى
ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.
بۇنىڭدىن مۇ ياخ شىىرا قى بولسا ئالاي دىگەن 18699154883 رەخمەت