ئىزدىنىش (1-،2-قىسىم)
ئاپتورى: زوردۇن سابىر
باھاسى :83.00
2006-يىلى 3-ئاي 2-نەشرى
2007-يىلى 6-ئاي 2-بېسىلىشى
تىراژى:1001-3000
ISBN:9787228099346
كىرىش
ئەلانىڭ خاتىرىلىرى ئاخىرلاشتى ، ئۇ ئەمدى خاتىرە يازمايدىغان بولۇپ قالدى . نېمىشقا ؟ ھازىر ئۇ ھېچ نەرسىگە قىزىقمايدۇ ، ئۆتكەن كۈنلىرىنى ئەسلەشنىمۇ خالىمايدۇ . ئۇ ھەممىلا ئىشتىن رازى ئادەمدەك خاتىرجەم . كەلگۈسىدىن يەنە نېمىلەرنى ئۈمىد قىلدىكىنتاڭ ، پات – پاتلا دوستلىرى بىلەن قىلغان سۆھبەتلىرىدە كەلگۈسى توغرىسىدا ، سۆزلىشىپ قويىدۇ ، لېكىن بۇرۇنقىدەك قىزغىن ئەمەس.
ئۇ كۆپىنچە خىيال سۈرىدۇ ، يالغۇز يۈرىدۇ . ئون يىلدىن بېرى خۇدىنى بىلمەي كىتاب ئوقۇپ ، خاتىرە ماقالە يېزىپ ئەمدى ئوتتۇز ياشقا كەلگىنىدە پروفېسسور بولۇشنىڭ ئورنىغا گۇڭشې ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ھارۋىسىنى ھەيدەيدىغان ، ھېچكىم نەزەرگە ئىلمايدىغان ئەرزىمەس ئادەم بولۇپ قالغىنى ھار كەلدىمۇ ؟ ياكى سۆيۈملۈك ئايالى بىلەن ئوغلىدىن ئايرىلىش ئەقلىدىن ئاداشتۇرارمىمۇ ؟ بۇنىسى كىشىلەرگە بەلگىسىز.
ئۇ ھويلىسىنى ئوت – چۆپ بېسىپ كەتكەن مەكتەپ قورۇسىدا ئىككى ئىتنىڭ ھۇزۇرلىنىپ ئېغىنىشىنى ئېرىنچەكلىك بىلەن كۆزەتتى . نېرىدا باغلاقتا تۇرۇپ ئۆزىگە ھاۋشىۋاتقان قارا كۈچۈككە قاراپ كۈلۈپ قويدى -دە، ئاتلىرىغا ئالدىرىماي خامۇت كىيدۈرۈپ ھارۋىسىنى قوشتى . ئۇنىڭ ئېزىلەڭگۈلۈكى ئۇزۇن يىللىق قويچىغا يالى ئەترەتنىڭ سۇچىسىغا ئوخشايتتى . ئۇ ئاتلىرىنى يېتىلەپ چوڭ كوچىغا چىقتى – دە ، ھارۋىغا چىقتى .
ئۇ ھارۋىسىغا ئولتۇرۇپ ، ئاتلىرىنى قاترىتىپ غۇلجا شەھىرىگە قاراپ ماڭدى . ھاۋا ئىسسىق ، يول توپىلىق ، لېكىن ئەلا ئۈچۈن بۇلار ئەھمىيەتسىز . ئۇ بۈگۈن دوستلىرى بىلەن ئۇچرىشىدۇ . لېكىن ، ئۇ شۇ يەردىمۇ گەپ قىلماي خىيال بىلەن ئولتۇرارمىكىن ….
ئەلانىڭ خاتىلىرى ئاخىرلاشتى . ئەمدى ئەلا ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى توغرىسىدا ئاپتورنىڭ ئۆزى قەلەم تەۋرىتىدۇ .
تورداشلارنىڭ ئىنكاسى
ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.
ئوغۇز ئەپەندى ،بۇ نەشىرى بۇرۇنقى نەشىرىدىن پەرقلەنمەس-ھە؟ مەندە دادام ساقلاپ قويغان ئەڭ بالدۇرقى نەشىرى بار،ھازىر مەندە،دادامنى تەستە قايىل قىلىپ ئېلىۋالغانتىم،،،ياخشى ئەسەر جۇمۇ.