قىزارغان ئوپۇق

قىزارغان ئوپۇق

ئاپتورى:مەتتۇرسۇن ئوبۇلقاسىم

باھاسى:45.00

شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى

2012-يىل2-ئاي 1-نەشرى

2012-يىلى2-ئاي1-بېسىلىشى

تىراژى:3000

9787228142316 Isbn:

http://kitab.taobao.com/

نەشرىياتتىن

مەتتۇرسۇن ئوبۇلقاسىم 1970-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى كېرىيە ناھىيەسىنىڭ يېڭىباغ يېزىسىدا ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە توغۇلغان .باشلانغۇچ ،تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۆز يېزىسىدا تاماملىغان .1989-يىلى خوتەن دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىنىڭ ئومۇمەن پەن كەسپىنى پۈتتۈرۈپ ،ئۆز يېزىسىغا تەقسىم قىلىنىپ ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان.1997-يىلى خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن كەسپ ئالماشتۇرۇپ ،سىياسىي كېڭەش كېرىيە ناھىيەلىك كومىتېتى ئىشخانىسى ،تارىخ ماتېرىياللىرى كومىتېتى قاتارلىق ئورۇنلاردا ئىشلىگەن .ھازىر كېرىيە ناھىيەلىك ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدە ئىشلەۋاتىدۇ.ئۇ ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.

مەتتۇرسۇن ئوبۇلقاسىمنىڭ ئىجادىيىتى 1988-يىلى «خوتەن گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان يىلتىز ناملىق ئەسىرى باشلانغان بولۇپ ،ھازىرغىچە ئاپتۇنوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى گېزىت ژۇرناللاردا كۆپلىگەن ھېكايە نەسرلىرى ، بىر قىسىم ئەدەبىي ئاخباراتى ۋە ئىلمىي تەتقىقات ماقالىلىرى ،«خالتا كوچا»،«زېمىن گۇۋاھ» ، «دەريا بۇيىدىكى سۆيگۈ»،«بەخىتلىك بول لالە»،«مۇز داۋاندىكى ئاتەش»،«نۇسرەت كۆكىدىكى تۇمان»قاتارلىق پوۋېستلىرى ئېلان قىلىنغان.ھەر قايسى نەشرىياتلاردا «بۇ شۇنداق جاھان»،«ئوتلۇق تىنىقلار»قاتارلىق رومانلىرى نەشر قىلىنغان

 

تۈرى :ئۇيغۇرچە كىتابلار, رومان | خەتكۈچ :

بۇ كىتابلارنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ :

ئوتلۇق نەپەسلەر ئوتلۇق نەپەسلەر
ئوتلۇق نەپەسلەر ئوتلۇق نەپەسلەر

تورداشلارنىڭ ئىنكاسى

  1. ھازىرچە ئىنكاس يوق

  1. ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.