ئاۋات شەھەرنىڭ يېڭى پۇقراسى
ئاۋات شەھەرنىڭ يېڭى پۇقراسى
ئاپتورى:ئابدۇراخمان قاھار
باھاسى:47.00
2009-يىلى 8-ئاي 1-نەشرى
2009-يىلى 8-ئاي 1-بېسىلىشى
تىراژى:3000
isbn:9787228128228
مۇقەددىمە
ئۇلار ئىككىسى – ئابدۇقادىر بىلەن ھەسەنجان قىزىق توپىغا ئاياغ بېسىپ ئالدىراپ ماڭدى . بىرى يەنە بىرىگە بىر كارامەت كۆرسەتمەكچى .
– مەن بۈگۈن قالتىس بىر ئىش قىلىۋەتتىم .
– شۇنداقمۇ ؟
-بارغاندا كۆرىسەن، ھەيران قېلىشىڭ مۇمكىن .
ھەيران قالغۇدەك قانچىلىك ئىشتۇ؟ تۈگمىدەك ئىشنى تۆگىدەك قىلىپ سۆزلەيدىغان نەرسە بولىدىغان بۇ … ھەسەنجان ئاتلىقى شۇنداق ئويلىغان بولسىمۇ ، لېكىن ئۇنىڭ دېگىنىگە قىزىقىپ قالدى .
– قالتىس دېگىنىڭ چاغلىقلا ئىشتۇر ؟
-چاغلىقلا دەيسەنغۇ ، قىز ئەپقېچىپ كەلدىم ، قىز .
– پاھ ، كىمنى؟
– ماھىنۇرنى.
– قايسى ماھىنۇر؟
-شەمشىنۇرنىڭ سىڭلىسىچۇ .
– نېمە سەن ئۇنىڭ ھەدىسى بىلەن يۈرۋاتساڭ …
-ئىككىسى بىلەن تەڭ يۈرگەن .
ھەقىقىي ئادەم باشقىلارنىڭ ئىنسانىي قەدىر – قىممىتىنىڭ يەرگە ئۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرسە ياكى بىلسە ، ئۆزىنىڭمۇ ئىنسانىي قەدىر – قىممىتى يەرگە ئۇرۇلۇۋاتقاندەك ھېسسىياتقا كېلىدۇ . ھەسەنجاننىڭ ۋۇجۇدى بىردىنلا قوزغالغان نەپرەتتىن سىلكىنىپ كەتتى . بەدەنلىرى تىكەنلەشتى ، يۈز – كۆزلىرىگە ھەم غەزەپلىك ، ھەم ھەيرانلىق ئالامەتلىرى شۇئان ئوقچۇپ چىقتى . ئابدۇقادىرنىڭ غەلىتە سۆزلىرى بىلەن ئۇ بىرەر گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قويغان ئادەمدەك بېشىنى ساڭگىلاتتى . ئۇ ئەقىل – ھوشىنى بىلگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە مۇنداق غەلىتىلىكنى ئاڭلاپ باقمىغانىدى . تېخى ئۇنىڭ ئوغىسىنى قاينىتىپ، ، ئابدۇقادىرنىڭ چىرايىدا شادلىق – مەغرۇرلۇقنىڭ ئەكس ئېتىپ تۇرغىنىچۇ … ماھىنۇرنىڭ نېمە قىلغىنىدۇ بۇ ؟ ئۇ ھەدىسىنى ، ئاتا – ئانىسىنى ئويلىمىدىمىكىنە ؟… كىچىكلىكىدۇر بەلكىم ، بۇ ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلاپ يىتەلمىدى – دە.
تورداشلارنىڭ ئىنكاسى
ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.
ھازىرچە ئىنكاس يوق