ھايات سىرى
ھايات سىرى
ئابدۇراخمان قاھار
باھاسى:51.00
شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى
2011-يىلى 9-ئاي 1-نەشرى 1-بېسىلىشى
تىراژى:5000
isbn:9787228144129
سېتىۋېلىش ئادرىسى:http://item.taobao.com/item.htm?id=14337986221
ئابدۇراخمان قاھار 1936-يىلى غۇلجا شەھىرىدە قول ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1953-يىلىغىچە باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان. 1953-يىلىدىن 1956-يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچى 2- دارىلمۇئەللىمىندە، مائارىپ نازارىتىنىڭ بىلىم ئاشۇرۇش بۆلۈمىدە، رادىيو پېداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتىدا ئىشلىگەن. 1961-يىلى غۇلجىغا يۆتكىلىپ غۇلجا دارىلمۇئەللىمىندە، 1978-يىلىدىن باشلاپ ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىدا تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولغان. 1989-يىلىدىن 1996-يىلىغىچە جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ كەسپى يازغۇچىسى بولغان.
ئابدۇراخمان قاھارنىڭ ھازىرغىچە «ئەمەت ھاجى»، «ۋاپا»، «رۇستەم»، «نەۋائىي ھەيكىلى ئالدىدا» قاتارلىق 40 پارچىغا يېقىن ھېكايىسى؛ «كەچۈر مېنى نازاكەت»، «تۇغلۇق-چوغلۇق»، «ھەقىقى ئىشلار يېزىلغان خاتىرە»، «ئاھ، ياشلىقىم» قاتارلىق سەككىز پوۋېستى؛ «ئېلى دولقۇنلىرى» (ئىككى توم)، «ھايات سىرى»، «كۆڭۈل»، «ئاۋات شەھەرنىڭ يېڭى پۇقراسى»، «يىراقتىكى كىشىلەر»، «توغراق قىزنىڭ ئاشىقى» قاتارلىق رومانلىرى نەشر قىلىنغان. «ئىلى دولقۇنلىرى» ناملىق رومانى 1990-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە «يېڭى دەۋردىكى مۇنەۋۋەر ئەسەر» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. «ئاۋات شەھەرنىڭ يېڭى پۇقراسى» ناملىق رومانى 1999-يىلى مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى باھالاشتا «تۇلپار» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
ئابدۇراخمان قاھار جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ ئەزاسى.
تورداشلارنىڭ ئىنكاسى
ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.
ھازىرچە ئىنكاس يوق