جانان
ئاپتورى:ئېلى ئەزىز
باھاسى:11.20
1996-يىلى 8-ئاي 1-نەشرى
1996-يىلى 8-ئاي 1-بېسىلىشى
تىراژى:1500
Isbn:7105024291
نەشرىياتتىن
پېشقەدەم دراماتورگ ئېلى ئەزىز 1922-يىلى 11-ئاينىڭ 10- كۈنى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ خانئېرىق يېزىسىدا ئوقۇمۇشلۇق ئائىلىدە دۇنيا كەلگەن . ئۇ بەش ياش چېغىدىلا ئاتا – ئانىسى بىلەن بىللە ھايات يولى ئىزدەپ ئاقسۇنىڭ باي ناھىيىسىگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان .
يولداش ئېلى ئەزىز «12-ئاپرېل سىياسىي ئۆزگىرىشى» دىن كېيىنكى ئاقارتىش مەزگىلىدە باشلانغۇچ ، دارىلمۇئەللىمىن مەكتەپلىرىدە ئوقۇپ 1945-يىلىغا قەدەر ئوقۇتقۇچى ۋە سەنئەت خادىمى بولۇپ ئىشلىگەن .
1945-يىلى 11- ئاۋغۇستتىن ئازادلىقنىڭ ھارپىسىغىچە ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيە سېپىدە ۋە ئىلى ۋاقىتلىق ھۆكمىتىنىڭ باش ساقچى نازارىتىدە ئىشلىگەن .
ئاپتور ئازادلىقتىن كېيىن بىر نەچچە يىل ئاقسۇ ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكىدە ، كېيىن قەشقەردىكى جەنۇبىي شىنجاڭ سەنئەت ئۆمىكىدە خىزمەت قىلغان . 1958-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ناخشا – ئۇسسۇل -دراما تىياتىر ئۆمىكىگە يۆتكىلىپ ، مەزكۇر ئۆمەكنىڭ سەنئەت ئىجادىيىتى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان .
ئاپتور ئۇزۇن يىللىق سەنئەت ئىجادىيىتى داۋامىدا «قۇللۇقتىن ئازاد» ، «قان دېڭىزىنىڭ غەزەپ دولقۇنى» ، «گۈلەمخان » ، «يېڭى يول» ناملىق درامىلار ؛ «غېرىب – سەنەم » ، «نەفىسە» ، «دوستلۇق رىشتىسى» ناملىق ئوپېرالار ؛ «جانان» ،«غېرىب – سەنەم» ناملىق كىنو سېنارىيىسى «ئۈجمە تۈۋىدە» ، «ئەقىللىق بالا» ناملىق بالىلار درامىسى ؛«لەيلىگۈل» ناملىق ئوتتۇرا تىپتىكى ئۇسسۇللۇق ئوپېرا ۋە نۇرغۇن ناخشا تېكىستلىرىنى يازغان.
ئاپتور يەنە تىياتىر تەتقىقاتى ساھەسىدىمۇ ئالاھىدە ئىزدىنىشلەردە بولۇپ ، «ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىياتى» ، «شىنجاڭ ئۇيغۇر تىياتىرچىلىقى توغرىسىدا ئەسلىمە» ، «30-يىللاردىكى ئاقسۇ دارىلمۇئەللىمىن ۋە تىياتىرچىلىقىنىڭ راۋاجى» ، «لۇتپۇللا مۇتەللىپ ۋە ئۇنىڭ <سامساق ئاكاڭ قاينايدۇ> ناملىق كومېدىيىسى ھەققىدە تەھلىل» ، «قەشقەر تىياتىرچىلىقىنىڭ يېڭى باھارى» ، «4-ماي ھەرىكىتىدىن كېيىنكى شىنجاڭ ئۇيغۇر تىياتىرچىلىقىنىڭ راۋاجى» ۋە «ئۇيغۇرلارنىڭ يېڭى زامان ناخشا – ئۇسسۇلچىلىقى توغرىسىدا» قاتارلىق ماقالىلەرنى يېزىپ گېزىت ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان . ئاپتورنىڭ «غېرىب – سەنەم» ناملىق ئوپېراسى خەنزۇ يىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىنغان ھەمدە «جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر مۇنەۋۋەر ئەسەرلىرى» ناملىق توپلامغا كىرگۈزۈلگەن . «غېرىب – سەنەم» ناملىق سېنارىيىسى ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە ئايرىم – ئايرىم نەشر قىلىنغان . «غېرىب – سەنەم » ئوپېراسى 1982-يىلى مەملىكەتلىك سەھنە ئەسەرلىرىنى باھالاپ بېكىتىشتە 1- دەرىجىلىك ئىجادىيەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن . 1984-يىلى كۈنمىڭدا «غېرب – سەنەم »ئوپېراسىنىڭ لېنتىغا ئېلىنغان نۇسخىسى مەملىكەتلىك باھالاش ھەيئىتىنىڭ قايتا كۆرۈپ باھالاپ بېكىتىشى ئارقىلىق دۆلەت تىياتىرلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ۋە مېتال لوڭقا بىلەن مۇكاپاتلانغان .
ئېلى ئەزىزنىڭ «قۇللۇقتىن ئازاد» ناملىق درامىسى ، «راك ئانسامبىلى» ، «دولان بوم باياۋان بەزمىسى» ، «كۈسەن سەنىمى» قاتارلىق ئىجادىي ئەسەرلىرى 1952-يىلى جەنۇبىي شىنجاڭ بۇيىچە قەشقەردە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى قېتىملىق ئۆلكە دەرىجىلىك دراما ، ناخشا – ئۇسسۇل مۇسابىقىسىدە 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن . «بالا تەربىيىلىگۈچى» ، «دولان قىزى» ، «لىڭگىرتاق» ناملىق ناخشا تېكىستلىرى ۋە سەھنە نومۇرلىرى 1979-1980-يىلى مەملىكەت بۇيىچە 1-، 2-دەرىجىلىك ئىجادىيەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن . «غېرىب – سەنەم» كىنو سېنارىيىسى فىلىمىغا ئېلىنىپ ، مەملىكىتىمىزدىكى كەڭ جامائەتچىلىكنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن .
تورداشلارنىڭ ئىنكاسى
ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.
‹‹ جانان ›› دىگەن بۇ كىتاپنىڭ ھازىرىقى باھاسى قانچە پۇل ؟
بۇ كىتابنىڭ باھاسى يۇقۇردىكى باھانىڭ ئۆزى شۇ!