موللا زەيدىن ھەققىدە قىسسە

ئاپتورى:خېۋىر تۆمۈر

باھاسى:38

2006-يىلى3-ئاي1-نەشرى

2009-يىلى-5-ئاي2-بېسىلىشى

تىراژى:6000-3001

كىتاب نومۇرى:9787228098736

بىپايان جۇڭغارىيە تۈزلەڭلىكى بىلەن چەكسىز تۇرپان ئويمانلىقى ئوتتۇرىسىدا ئاسمان-پەلەك قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ھەيۋەتلىك بوغدا تېغى ئۇلۇغۋار قامىتى ، پۈتمەس – تۈگىمەس خىسلەتلىرى ۋە مول نازۇنېمەتلىرى بىلەن زامان – زامانلاردىن بۇيان بىزگە ھامىي بولۇپ كەلدى. ئۇ ئۆز باغرىدا سانسىزلىغان ئاقىل – دانىشمەنلەرنى ، باتۇر-پالۋانلارنى ، ئادالەتپەرۋەر، ۋەتەنپەرۋەر ، خەلقپەرۋەر ئوغلانلارنى ئۆستۈردى. موللازەيدىن ئەنە شۇنداق خەلق سۆيەر ئوغلانلارنىڭ بىرى.

تارىخىي مەلۇماتلارغا قارىغاندا ، موللازەيدىن 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا لۈكچۈندىكى باغرا يېزىسىدا نامرات دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ ئالتە يېشىدىلا مەھەللە خۇسۇسىي مەكتەپتە ئوقۇپ ، خەت ساۋاتىنى چىقارغان . ئون بىر يېشىدا مەدرىسىگە ئوقۇشقا كىرىپ ، ئون يەتتە يېشىدا ئەرەبچە كىتاب ، قۇرئانغا مەنە ئېيتالايدىغان قارىي بولۇپ يېتىشكەن . نەۋائىي، سوپى ئاللايار، خوجا ھاپىز قاتارلىقلارنىڭ مۇناجات ، قەسىدە كىتابلىرىنى ، قۇل خوجا ئەھمەد، شاھ مەشرەپ قاتارلىق شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىنى ئۆگىنىپ ، ئۆز ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، «موللازەيدىن» دەپ نام ئالغان.

شۇ چاغدىكى تارىخىي رېئاللىق – تۇرپان ۋاڭلىرىنىڭ خەلققە سالغان دەھشەتلىك زۇلۇمى ، زورلۇق- زۇمبۇلۇقلىرى، خۇراپاتلىقنىڭ خەلققە كەلتۈرۈۋاتقان تۈرلۈك-تۈمەن زىيانلىرى، باي-ئەمەلدارلارنىڭ ، دىنىي تونغا ئورىۋالغان مۇتەئەسسىپلىرىنىڭ ساختىلىقلىرى، ھىيلە مىكىرلىرى، ئەمگەكچى خەلقنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرى ، دەرد-ئەلەملىرى ، قايغۇ-ھەسرەتلىرى، ئارزۇ-ئىستەكلىرى ۋە ھۆرلۈك ئۈچۈن ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرى موللازەيدىننىڭ كۈچلۈك نەپرەت-مۇھەببەت تۇيغۇسىنى ئويغاتقان . موللازەيدىن قولىغا قورال ئېلىپ ۋاڭ ، بەگ،پارىخور، جازانىخور ئەمەلدارلار ۋە كاززاپ ئىشان-مۇللىلارغا قارشى مەردانىلىك بىلەن كۈرەش قىلغان باتۇرلارنىڭ جاسارەت -غەيرىتىگە ئىلھام بېرىش مەقسىتىدە ئۆزىنىڭ ئۆتكۈر ، ئاچچىق مەسخىرىلىرى ، كۆڭلىنى ئاچىدىغان چاقچاقلىرى ،يېقىملىق قوشاق – بېيىتلىرى بىلەن جەڭگە ئاتلانغان . ئۇ دەسلەپتە زالىم قازىلار ، خۇراپىي بۈۋىلەرنىڭ مۇتەئەسسىپلىكلىرىنى سۆككەن، پاش قىلغان . كېيىنچە تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ ، ۋاڭ – گۇڭ ، بەگ -غوجىلارنىڭ رەزىل ئەپت – بەشىرىسىنى خەلقىئالەم ئالدىدا ئېچىپ تاشلىغان.

موللازەيدىن لەتىپىلىرىدە ئاچچىق ھەجۋىي ، چوڭقۇر مەسخىرە، ئۆتكۈر كۈلكە بار. ئۇنىڭ لەتىپىلىرىنىڭ تېمىلىرى ھەر تەرەپلىمە ، مەزمۇنى كەڭ، ئىخچام ، راۋان، قىزىقارلىق، شۇڭا خەلق ئارىسىدا كەڭ تارقالغان .گەرچە موللازەيدىن 19-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا ئالەمدىن ئۆتكەن بولسىمۇ ، ئۇنىڭ لەتىپىلىرى تا بۈگۈنگە قەدەر خەلق بىلەن بىللە ياشاپ كەلمەكتە. ئۇنىڭ مۇبارەك نامى سورۇن-مەشرەپلەردە نەسردىن ئەپەندى ، سەلەي چاققانلارنىڭ نامى بىلەن تەڭ ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىنماقتا.

موللازەيدىننىڭ ھاياتى نامراتچىلىق ، سەرسانچىلقتا ئۆتكەن ، ئەمما، ئۇ مەيلى قەيەردە بولسۇن خەلقتىن ئايرىلمىغان . ئۇنىڭ قەلبى خەلق بىلەن بىللە بولغان . مەن موللازەيدىننىڭ ئەنە ئاشۇ ھاياتىنى خەلققە ۋە كېيىنكى ئەۋلادلارغا تونۇشتۇرۇش مەقسىتىدە بۇ قىسسىنى يېزىپ چىقتىم . ھالبۇكى ، موللازەيدىن ھەققىدە مەخسۇس تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا ئىمكانىيەت يار بەرمىدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە راسا ھەۋەس قىلىپ يۈرگەن چاغلىرىمدا توپلىغان ماتېرىياللار، يازغان خاتىرىلەر يوقىلىپ كەتتى . مەن پەقەت «يېتىپ قالغۇچە ئېتىپ قال» دېگەن تەمسىلىمىزنى يادىمغا ئېلىپ ،كۆرگەن-بىلگەنلىرىمنىڭ ئاجىزلىقى ، ماتېرىياللارنىڭ كەملىكى ۋە ياشىنىپ قالغانلىقىمغا قارىماي كىشىلەردىن ئاڭلىغانلىرىم بويىچە بۇ قىسسىنى يېزىشقا غەيرەت قىلدىم . بۇ بىر باشلانما بولسۇن موللازەيدىننى مەخسۇس ئۆگەنگەن ۋە تەتقىق قىلغانلار بۇنىڭدىنمۇ ياخشى كىتابلارنى يازار . شۇنداق قىلىپ خەلقنىڭ ياخشى ئوغلى موللازەيدىن ۋە ئۇنىڭ قىسسىسى كامالەت تېپىپ، ئۇلۇغ بوغدا تېغىنىڭ ئۆلمەس مەھسۇلى سۈپىتىدە كېيىنكى ئەۋلادلارغا يادنامە بولۇپ قالار ، بۇ مەندىكى بىردىنبىر ئارزۇ.

ئوقۇرمەنلەرنىڭ يار-يۆلەكتە بولۇشىنى ، بۇ قىسسىنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەل بولۇشىغا تەنقىدىي پىكىرلەر بېرىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.

1979-يىلى دېكابىر ، ئۈرۈمچى

 

تۈرى :ئۇيغۇرچە كىتابلار, تەرجىمھال, رومان | خەتكۈچ :

بۇ كىتابلارنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ :

ئابدۇقادىر داموللا ھەققىدە قىسسە ئابدۇقادىر داموللا ھەققىدە قىسسە

تورداشلارنىڭ ئىنكاسى

  1. ھازىرچە ئىنكاس يوق

  1. ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.