كۆزى ئېچىلغان بۇلاق

ئاپتورى:تۇرسۇن روزى

باھاسى:20.00

2000-يىلى 9-ئاي 1-نەشرى

2000-يىلى 9-ئاي 1-بېسىلىشى

تىراژى:1-3060

Isbn:7228059646

مۇھەررىردىن

پېشقەدەم مائارىپچى ، يازغۇچى تۇرسۇن روزى 1939-يىلى تۇرپان ئاستانە غۇجامئالدى مەھەللىسىدە دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . ئۆز يېزىسىدا باشلانغۇچ مەكتەپنى تاماملاپ ، 1951-يىلى سابىق ئۆلكىلىك 2- دارىلمۇئەللىمىنگە ئوقۇشقا كىرگەن . 1956-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ، ئۈرۈمچى قىزلار 2- ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان . كېيىن ئۈرۈمچى شەھەرلىك 14-ئوتتۇرا مەكتەپتە تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ۋە مەكتەپ ئىلمىي باشقارمىسىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن .

ئۇ سابىق ئۆلكىلىك 2- دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدىلا ئەدەبىياتقا ھەۋەس قىلغان . ئوتتۇرا مەكتەپ تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولغاندىن كېيىن ئەدەبىياتقا تېخىمۇ چوڭقۇر ئىشتىياق باغلاپ ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن داۋاملىق شۇغۇللانغان . ئۇنىڭ تۇنجى ھېكايىسى «سوراقتىن كېيىن » «تارىم غۇنچىلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 1980-يىلى 7-ساندا ئېلان قىلىنغان . شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ھەر قايسى گېزىت – ژۇرناللاردا ئۇنىڭ ئۇتتۇر پارچە ھېكايىسى ئېلان قىلىندى . شىنجاڭ ياش – ئۆسمۈرلەر نەشرىياتىدا 1986-يىلى «ساداقەت» ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى ، 1990-«تىلەمچى ئايال» ناملىق پوۋېستلار توپلىمى نەشر قىلىندى . 1994-يىلى «تاڭ سۈزۈلگەندە» ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىدا نەشر قىلىندى .

ئۇنىڭ مائارىپ ساھەسىدىكى ئىجادىي نەتىجىلىرىمۇ تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ . 1986-يىلى دارىلمۇئەللىمىن مەكتەپلىرى ئەدەبىيات دەرسلىكىنىڭ 1-، 2-قىسمىنى تۈزدى . بۇ كىتابلار شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتىدا نەشر قىلىنىپ ، دەرسلىك قىلىنىپ قوللىنىۋاتىدۇ . 1993-يىلى ئۇنىڭ «ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان تەكرار ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلىدىن مەشىقلەر» ، «ئۆلچەملەشتۈرۈلگەن سوئاللار بويىچە ئېلىنىدىغان ئىمتىھانغا تاقابىل تۇرۇش ماھارىتى – ئەدەبىيات» دېگەن ئىككى كىتابى نەشر قىلىنغان ، بۇلاردىن باشقا يەنە گېزىت – ژۇرناللاردا ئوقۇتۇش تەتقىقاتىغا ئائىت 11 پارچە ماقالىسى ئېلان قىلىنغان .

بۇ ئۇنىڭ تۇنجى رومانى ، ئۇ ھازىر داۋاملىق ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانماقتا.

 

تۈرى :ئۇيغۇرچە كىتابلار, رومان | خەتكۈچ :

بۇ كىتابلارنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ :

ياتلىق بولالمىغان قىزلار ياتلىق بولالمىغان قىزلار
ئاتا - ئانىلار ئەخلاقى ئاتا – ئانىلار ئەخلاقى
回忆阿合买提江 回忆阿合买提江
پارما مۇناستىرى پارما مۇناستىرى
سەۋدالىق تەئەججۈپنامىسى سەۋدالىق تەئەججۈپنامىسى

تورداشلارنىڭ ئىنكاسى

  1. ھازىرچە ئىنكاس يوق

  1. ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.