ياتلىق بولالمىغان قىزلار

yatliq bolalmighan qizlar

ياتلىق بولالمىغان قىزلار

ئاپتورى:ئەخمەتجان قۇربان سابىرى

باھاسى:20.00

2006-يىلى 6-ئاي 1-نەشرى

2010-يىلى 2-ئاي 3-بېسىلىشى

تىراژى:5001-7000

ISBN:9787105077199

ئاپتور ھەققىدە

يازغۇچى ئەخمەتجان قۇربان سابىرى 1960-يىلى ئىلى قورغاس ناھىيىسىنىڭ كۆكدالا دېھقانچىلىق مەيدانىدا دۇنياغا كەلگەن . باشلانغۇچ ، ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۆز يۇرتىدا تاماملىغاندىن كېيىن 1978-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنغان . 1983-يىلى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىغا تەقسىم قىلىنغان . ئۇ شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغىچە شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىدا مۇخبىر ، مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە .

ئەدىب ئەخمەتجان قۇربان سابىرى ھازىرغىچە «چاقىرغۇلۇق قىرلار» ، «يالغۇز تام» ، «بىزنىڭ دۇكان» ، «قۇياش ۋە موماي» ، «شوپۇر» قاتارلىق 30 نەچچە پوۋېست ۋە ھېكايە ؛ «سەھەردە كۆرگەن چۈشلەر» ، «تېڭىرقىغان ئەپسانىلەر» ، «يىللار ۋە ئىنسانلار» ، «مۇھەببەت ناخشىسى» قاتارلىق 30 نەچچە پارچە نەسر ؛ «ھېكايىدىكى شېئىر ۋە مۇزىكا» ، «شېئىرىي مۇھىت ، شېئىرىي كەڭلىك ، شېئىرىي تىل ھەققىدە ئويلىغانلىرىم» ، «ئەدەبىياتنىڭ تىل سەنئىتى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالمايلى » ، «ئىلى خەلق چاقچاقلىرى ھەققىدە دەسلەپكى مۇلاھىزە» قاتارلىق ئەدەبىي ئوبزور ۋە ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلدى . ئۇنىڭ يەنە «كۆكدالا» ، «كۆكدالا قىسمى» ، «جەڭچىلەرنىڭ مېھرىدىن كۈلگەن كۆكدالا» ، «گۇمانخورنىڭ ئويلىغانلىرى» ، «دوستلىرىڭ بولغاچقا گۈزەل بۇ دۇنيا» ، «چۇغلۇقتەك بەختىنىڭ گۈزەل چوغلۇق قىزىم» ، «سايرامدا سەھەر» ، «نۇر بوۋاق» ، «يېزامدا كەچ»  قاتارلىق 500 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى ئېلان قىلىندى . «شەبنەم لىرىكىسى» ، «تەكلىماكاندا ياسايمىز گۈلباغ» ، «قىممەتلىك ھايات» ، «سىڭلىمغا» ، «قۇياشقا تۇتاشقان يول» ، «كارۋان ھېكمىتى» ، «ئادەملەر» ، «يوقلاپ تۇرغىن ئاتا – ئاناڭنى» قاتارلىق 150 پارچىدىن ئارتۇق ناخشا تېكىستى رادىئو – تېلېۋىزىيىدە ناخشا قىلىپ ئېيتىلدى .

يېقىنقى يىللاردىن بېرى ، ئۇنىڭ ھەر قايسى نەشرىياتلاردا «كالتە قۇيرۇق چاشقانلار» ، «يالغانچى توسۇق» ، «قولىقى قېچىپ كەتكەن بالا» ، «ئاق قۇشقاچنىڭ ھېكايىسى» ، «كۈندە بىر كۈلكە» ، «ئۇيغۇر بالىلار تېپىشماقلىرى»، «ئۇيغۇر بالىلار چۆچەكلىرى» ، «ئۇيغۇر بالىلار قوشاقلىرى» قاتارلىق كىتابلىرى نەشردىن چىقتى،

ئۇ يەنە «نەسردىن ئەپەندى ھەققىدىكى يېڭى قىسسە» ، «قاناتلىق بالا» ناملىق رومانلىرىنى ۋە «ئورۇق – سېمىز ئەر – خوتۇنلار» ناملىق ھېكايە – پوۋېستلىرىنى نەشرگە تەييارلىدى .

سۆز قالدۇرۇڭ!! trackback !

”ياتلىق بولالمىغان قىزلار“ ناملىق يازمىغا 1 ئىنكاس يېزىلدى.

  1. خەمەت مۇنداق يازغان:

    رەخمەت

جاۋاب يېزىڭ