ئۆلۈك – تىرىكنىڭ ئارىلىقىدا
ئۆلۈك – تىرىكنىڭ ئارىلىقىدا
ئاپتورى:ئابدۇكېرىم ھاشىم
باھاسى:18.00
2003-يىلى 4-ئاي 1- نەشرى
2003-يىلى 4-ئاي 1-بېسىلىشى
تىراژى:1-3000
ISBN:7537143498
مۇقەددىمە
مۇشۇ دوختۇر دېگەن خەقمۇ قىزىق ، ئالدىغا ئاغرىق كەلمىسە ، ساق ئادەمگە دورا بېرىپ كەلتۈرەمدىكىن ، دوقمۇش – دوقمۇشتا قولۇڭغا تۇتقۇزۇپ قويىدىغان ۋەقەلەرمۇ شۇلارنىڭ ئىشىمىكىن ، دەيمەن . ئۇلار بەرگەن ئېلانلار ھەتتا رادىئو – تېلېۋىزورلارنىمۇ بېسىپ كەتتى . خۇددى كەلكۈندەك يامراپ ، ھەممىلا يەرنى ئالا قويماي قاپلاپ كەتتى . دوختۇرنىڭ ئالدىغا خوتۇن خەقلەرمۇ ، ئەرلەرمۇ بارمايۋاتسا كېرەك ، جىنسىي يولى ، جىنسىي ئىقتىدار ، جىنسىي ئالاقە يولى توسالغۇغا ئۇچراش دېگەن ئاتالغۇلار ھەدىسىلا ئۇچراپ تۇرىدۇ . . سۈيدۈك يولى بۆرەك ئاجىزلىق ، بۆرەك زەئىپلىشىش ، بۆرەك ياللۇغى ، مەزى بېزى ياللۇغى … ۋاي – ۋۇي ، ئەرلەرنىڭ يەنە قانداق كېسەللىرى بارلىقىنى دەپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ ، دېيىشكە ئادەمنىڭ ئېغىزىمۇ بارمايدۇ ، دورا ئىشلەيدىغانلارمۇ ئەرلەرنىڭ ئەرلىكى ئۈچلا دورا ئىشلەۋاتقاندەك ھەدىسىلا زەھەرنى زەھەر بىلەن قايتۇرۇش دورىسى ، <خەيجۇڭجېن> ،<خۇنشاۋدەن> ،<شېنباۋ> ، <جېنباۋ> ، <بىر كاپسۇلى> دېگەنلەرنى مۆلدۈردەك ياغدۇرۇۋەتتى .
تورداشلارنىڭ ئىنكاسى
ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.
ھازىرچە ئىنكاس يوق