تۈرك شائىرى نازىم ھىكمەت

تۈرك شائىرى،يازغۇچى، رەسسام، سىنارىست ۋە دىراماتروگ. ئىجتىمائىي پائالىيەتچى، تۈركىيەدىكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار تەرىپىدىن تارقىتىلىدىغان«قەدىمكى خەلق ئىتتىپاق» مۇكاپاتىنىڭ ئېرىشكۈچىسى(1950). تۈرك ئىنقىلابىي پوئىزىيىسىنىڭ باشلامچىسى نازىم ھىكمەت 1902-يىلى 20-يانۋاردا تۈركيەنىڭ سالونىك دېگەن يېرىدە بىر باي ئائىلىدە دۇنيا غا كەلگەن،گوزتېپەتاش،گالاتاساراي ۋە نىشانتاشتىكى نەمۇنە باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدە ئوقۇ غان. ئاندىن بەھرىيە ئوتتۇرا مەكتىپىدە بەش يىل ئوقۇغان، كېيىن سالامەتلىگى يار بەرمىگە نلىگى ئۈچۈن مەكتەپتىن ۋاقتىنچە چېكىنىشكە مەجبۇر بولغان. 1918-يىلى ئىستامبۇلدىكى دېڭىزئارمىيە مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىرگەن ۋە شۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىللىرىدىلا چەتئەل تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ تۈركىيەنى مۇداخىلە قىلىشىغا قارشى شېئرلارنى يازغانلىقى ئۈچۈن 1919- يىلى مەكتەپتىن ھەيدەلگەن.

ئۇنىڭ دەسلەپكى شېئىرلىرى 1918-يىلىلا«يېڭى مەجمۇئە»ژورنىلىدا ئېلان قىلىنشقا باشلىغان. 1920-يىلى ئىستامبۇل ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن،ئازادلىق ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ ئانا دولۇغا بارغان ۋە 1921-يىلى سوۋېت روسىيىسىگە چىقىپ كېتىپ،1922-يىلىدىن 1924- يىلىغىچە موسكىۋا شەرق كومۇنىستىك ئونۋېرىستېتىدا ئىقتىساد ۋە جەمىيەتشۇناسلىق پەنلىرى بويىچە بىلىم ئالغان.

نازىم ھىكمەت1924-يىلى تۈركىيەگە قايتىپ كېلىپ، ئىنقىلابىي «ئوراق–شەكىس» گېزىتىدە«يۇرۇقلۇق»ژورنىلىدا ۋە كىنوسىتودىيىلىرىدە ئىشلىگەچ ئورخان سەلىم تەخەللۇسى بىلەن لېنىنىزىمنى تەشۋىق قىلىدىغان بىر قاتار ئەسەرلەرنى يېزىپ ئېلان قىلغان. دەسلەپكى تۈركىيە ئىنقىلابى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن،تۈركىيەدە ئۇنىڭ ئىجادىي ۋە ئىجتىمائىي پائالىيە تلىرى تەقىپ قىلىنغان ۋە 1925-يىلى كومۇنىستىك ئىدىيىنى تەرغىپ قىلغان جىنايەتچى سۈ پىتىدە 15 يىللىق مۇددەتلىك قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان. 1927-يىلىغا كەلگەندە بىر ئاماللار بىلەن تۈرمىدىن چىقىپ،يەنە بىر قېتىم سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ كەتكەن، 1928-يىلى باكۇ دا«كۆرەش ئىچىدىكى تۈركىيە»ناملىق دەسلەپكى شېئىرلار توپلىمى نەشرقىلىنغان. نازىم ھىكمەت 1938-يىلى يەنە تۈركىيەگە قايتىپ كەلگەن ۋە يەنە قاماققا ئېلىنىپ،سەككىز ئايدىن كېيىن قاماققا ئېلىنىشنىڭ ھېچقانداق سەۋەبى ئېنىقلانمىغانلىقتىن ئازاد قىلىنغان.

نازىم ھىكمەت 1929-يىلى نەشرقىلىنغان«835 شېئىر»،1930-يىلى نەشرقىلىنغان « بارون-3»،«1+1=1»(ۋ.نائىل بىلەن بىرگە)،«ئاۋازىنى يوقاتقان شەھەر» (19 30).1931-يىلى نەشرقىلىنغان«سەھەر»ناملىق كىتابلىرىدىكى شېئىرلىرىدا خەلقنىڭ جاپا لىق تۇرمۇشى ۋە ئۇلارنىڭ ئىنقىلابىي كۆرەش ئىرادىسىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن. ئۇنىڭ 1924- يىلى يازغان«سوكۇندا ۋە سىيا-ئۇ»،1932-يىلى يازغان «بېرنىد نېمىشقا ئۆزىنى ئۆلتۈر ىۋالدى»قاتارلىق رومانلىرى تۈركىيەنىڭ ئىمپىرىيالىزمنى مۇستەھكەملەش سىياسىتىگە قارشى ئىدىيەۋىي يۆلىنىشنى ئىپادىلىگەن. ئۇنىڭ 1932-يىلى يازغان«كاللا»،«بىر ئۆلۈك ياكى مەر ھۇمنىڭ نالىسى»،«بايرامنىڭ بىرنچى كۈنى»،1953-يىلى«شىپىخرەت ۋەياكى ئۇنتۇلغان ئادەم» قاتارلىق پوۋېستلىرىدا كاپتالىزىم تۈزۈمى ۋە كاپىتالىستىك قۇرۇلۇش كەسكىن تەنقىد قىلىنغان. ئۇ1932-يىلى تۈرك كومۇنىستلىرىنىڭ ئىنقىلابىي كۆرەشلىرى مەدھىيلەنگەن؛ « كېچە كەلگەن تېلىفۇن»،«تارانتا بابۇغا مەكتۇپلار»ناملىق شېئىرلار توپلىمى سەۋەپلىك يەنە بەش يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، لېكىن بىر يىلدىن كېيىن كىپىللىك بىلەن قويۇپ بېرىلگەن.دېمەك شائىر ھەر بىر شېئىرلار توپلىمى نەشرقىلىنغان ھامان بىر قېتىم قولغا ئېلىنىپ قامالغان.

ئۇنىڭ 1935-يىلى يېزىلغان«مەكتۇپلار»، 1936-يىلى يېزىلغان«گېرمانىيە فاشىزىمى ۋە ئىرىقچىلىرى»قاتارلىق پوبلىستىك ماقالىلىرىدە فاشىزىم ۋە ئۇنىڭ تۈركىيەدىكى تەرەپدارلىرى قاتتىق پاش ۋە تەنقد قىلىنغان. 1936-يىلى شائىرنىڭ تۈركىيەدىكى ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىر ىدىكى كىتابى«سىموۋنا قازىسىنىڭ ئوغلى شەيىخ بەدرىددىن داستانى»نەشرقىلىندى. 1938-يىلى سوۋېت جاسۇسى دېگەن گۇمان ئاساسىدا 28 يىل 4 ئايلىق ئازادلىقتىن مەھر ۇم قىلىنغان نازىم ھىكمەت مەشھۇر«ۋەتىنىمدىن ئىنسان مەنزىرلىرى»ناملىق داستانىنى، « تۈرمىدىن مەكتۇپلار»ناملىق شېئىرلارنى،«مۇھەببەت ئەپسانىسى»،«يۈسۈپ-زىلەيخا» ناملىق پوۋېستلىرىنىڭ ھەممسىنى تۈرمىدە يېزىپ چىققان. 1950-يىلى تەرەققىي تاپقان دۇنيائەللىرى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق تەلىپى بىلەن تۈركىيە ھۆكۈمىتى نازىم ھىكمە تنى قاماقتىن ئازاد قىلىشقا مەجبۇر بولغان. 1951-يىلى ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە ئىككىنچى ۋەتىنى بولغان س س س ر ياشىغان. بۇ يەردە ئۇ 1952-يىلى «تۈركىيەدە»، 1955-يىلى «غېرىپ ئادەم»،1956-يىلى«ئىۋان ئىۋانوۋىچ ۋاردومىي،ياخشىمۇ»،1960-يىلى « دامكىل قېلىچى» قاتارلىق پىيېسسەلەرنى(پىيېسسە-فىرانسوسچە piece پۈتۈن ياكى ئۈلۈش دېگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان ئەدەبىي ئاتالغۇ بولۇپ،ئادەتتە خىلمۇ-خىل سەھنە ئەسەرلىر ىنىڭ يەنى دىراما، تىراگىدىيە، كومىدىيە ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان سەھنە ئەسەرلىرىنىڭ ئومۇمىي نامى، مۇزىكىلىق دىراما دېگەنلەرنى كۆرسىتىدۇ. مۇزىكا ئەسەرلىرىنىڭ ئايرىم بىر بۆلىگىمۇ بەزىدە پىيېسسە دەپ ئاتىلىدۇ) ۋە ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن شېئر، داستان، پوۋېسىتلارنى يازغاندىن سىرت،پوئىزىيە ۋە دىراماتورگىيەگە ئائىت كۆپلىگەن ماقالىلەرنى يازغان. س س س ر دا نازىم ھېكمەتنىڭ سىنارىيە ۋە باشقا ئەسەرلىرى ئاساسىدا يېزىلغان؛(«بىر مەھللىلىك ئىككى ئوغۇل»،«سۈيۈملۈك بۇلۇت»،«ياشاش گۈزەلدۇر قېرىندىشىم»،«مۇھەببىتىم، قەدرىم مېنىڭ»)قاتارلىق بىر قىسىم ئەسەرلىرى كىنو-فىلىم قىلىپ ئىشلەنگەن. نازىم ھىكمەت 1963-يىلى 3-ئيۇن موسكىۋادا ۋاپات بولغان.

تۈركىيە ئەدەبىياتىغا،بولۇپمۇ تۈرك پوئىزىيىسىگە يېڭىچە شەكىل ۋە مەزمۇن، ئەركىن ۋەز نلىك شېئرشەكلىنى ئېلىپ كىرگەن ئىنقىلابىي شائىردۇر. ئۇ 20-ئەسىر تۈرك ئەدەبىياتىغا كۈ چلۈك تەسىر كۆرسەتكەن. ئەسەرلىرى دۇنيادىكى نۇرغۇن تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان، پىيېسسە لىرى كۆپلىگەن ئەللەرنىڭ سەھنىلىرىدە ئوينالغان.

نازىم ھىكمەت ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئەدەبىي مىراسلىرى تۈركىيەدە قايتىدىن جاماتچىلىكنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان،شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ«سائەت 22 دىكى شېئرلار» (1965)،«رۇبائىيلار» (1966)، «تۆت قاماقخانىدىن» (1966)،«يېڭى شېئرلار» (1966)،«كېيىنكى شېئرلار» (1970)، «تولۇق ئەسەرلەرتوپلىمى» (1980،سەككىز تو ملۇق)قاتارلىق كىتابلىرى تۈركىيەدە ئارقا-ئارقىدىن نەشر قىلىنغان.

نازىم ھىكمەت چەتئەلدىكى ھاياتىنىڭ كۆپ قىسمىنى س س س ر ئەزەر بەيجان جۇمھۇر ىيىتىدە ئۆتكۈزگەن،ئۇنىڭ ئەزەربەيجان خەلقى بىلەن بولغان دوستلۇقى ناھايتى چوڭقۇر بو لۇپ،ئۇ ئەزەربەيجاننى مەدھىيلەيدىغان نۇرغۇن شېئىرلارنى يازغاندىن باشقا،ئەزەربەيجان ئەدەبىياتى تەتقىق قىلىنغان كۆپلىگەن ماقالىلەرنى يازغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئەزەربەيجاندا ئارقا-ئارقىدىن نەشر قىلىنغان،دىراما،پىيېسسەلىرى ئەزەربەيجان سەھنىلىرىدە كۆپلەپ ئوينا لغان. ئەزەربەيجان ناخشىچىسى ئا. مەلىكوۋا شائىرنىڭ«مۇھەببەت ئەپسانىسى»ناملىق ئەسىرى ئاساسىدا ئوپېرا يېزىپ سەنىگە ئېلىپ چىققان. كۆپلىگەن ناخشىچىلار ئۇنىڭ شېئىر لىرىنى ناخشا قىلىپ ئوقۇغان. رەسسام ر.بابايېف نازىم ھىكمەتنىڭ«كاللا»ناملىق پوۋ ېستىنىڭ ۋەقەلىكىگە ئاساسەن نۇرغۇن رەسىملەرنى سىزغان،ھەيكەلتاراش م. رىزايېف شائىر نىڭ مىس ھەيكىلىنى ياساپ چىققان، ئەزەربەيجان ئەدەبياتشۇناسلىرى شائىرنىڭ ھاياتى ۋە ئەسەرلىرى ھەققىدە كۆپلىگەن ئەسەرلەرنى يازغان.

تۈرى :يازغۇچىلار | خەتكۈچ :

بۇ كىتابلارنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ :

مەن شاھىت بولغان ئىشلار مەن شاھىت بولغان ئىشلار
باتۇر تەڭرىقۇت باتۇر تەڭرىقۇت
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى
ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان خام دورىلار ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان خام دورىلار
مۇقام ئەجدادلىرى

تورداشلارنىڭ ئىنكاسى

  1. ھازىرچە ئىنكاس يوق

  1. ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.