باتۇر تەڭرىقۇت
باتۇر تەڭرىقۇت(تارىخىي رومان)
ئاپتورى:ئادىل ئابدۇللا
باھاسى:43.00
2009-يىل 8-ئاي 1-نەشرى
2011-يىلى 2-ئاي 2-بېسىلىشى
تىراژى:3001-7000
ISBN:9787228114788
مۇقەددىمە
مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 235-يىلى .
چۆللۈكنىڭ(گوبى) شىمالىدىكى ھون ئۆگۈز(ھون دەرياسى) بويلىرىغا ، چۆللۈكتىكى بوستانلىقلار ۋە ئۇنىڭ جەنۇبىدىكى چۇغاي ، بۆرە ،قۇلان تاغلىرى (يىنشەن) ئۆگۈز ئەگمە ۋادىسى (خېتاۋ) ۋە ئوردۇس يايلاقلىرىغا ، چۇغاي تاغلىرىنىڭ شەرقىدىن نۇرۇلغۇ تېغى(خېبېي ئۆلكىسىنىڭ شىمالى بىلەن ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى ۋە لياۋنىڭ ئۆلكىسى چېگرىلىنىدىغان جاي) ئېتەكلىرىگىچە بولغان سەددىچىننىڭ سىرتىدىكى مەنزىرىلىك تاغ جىلغا ، ئۆگۈز – ئېقىن بويلىرى ۋە ئوت – چۆپى مول يايلاقلارغا كۆچمەن چارۋىچى ھون ئۇرۇق – قەبىلىلىرىنىڭ سانسىزلىغان ئاق كىگىز ئۆيلىرى خۇددى كۆكتىكى يۇلتۇزلاردەك تارقالغانىدى . ئۇلار بۇ پايانسىز ، مۇقەددەس زېمىندا قەدىمكى ئەجدادى چۈنۋېيلاردىن (شياخۇشى) تارتىپ گاھى ئاۋۇپ كۈچىيىپ ، گاھى ئازلاپ – ئاجىزلاپ ، تارقاق ھالەتتە ياشاپ كېلىۋاتاتتى .
ئۇلارنىڭ سىياسىي ۋە ئاساسلىق پائالىيەت مەركىزى چۇغاي تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىدىكى «تۈمەن» دېگەن يەردە ئىدى . شەرقتىن غەربكە مىڭ چاقىرىمدىن ئارتۇق كېلىدىغان بۇ يەر تارام – تارام ئۆگۈز – ئېقىنلارغا تولغان ، قويۇق ئورمان ، بولۇق ئوت – چۆپلەر بىلەن قاپلانغان ، قۇشلار ۋە ئوۋ ھايۋانلىرى كۆپ ھاۋاسى ساپ ، مۆتىدىل ، شارائىتى ئەۋزەل، مەنزىرىسى گۈزەل بىر مۇنبەت يايلاق بولۇپ ، ئۇ ھون تائىپسى ئىچىدىكى تۇغ ئۇرۇق لەۋەنتلەرگە قاراشلىق ئىدى . لەۋەنت ئۇرۇقنىڭ ، ھون تەڭرىقۇتى تۈمەنخان مانا مۇشۇ يايلاقتىكى تۈمەنبالىقتا تۇراتتى .
تۈمەنبالىق چۇغاي تېغىدىن باشلىنىپ جەنۇبقا قاراپ ئاقىدىغان ئىككى ئۆگۈز (دەريا) ئارىلىقىدىكى ئوچۇق ، كەڭرى ، ياپيېشىل بىر تۆپىلىككە جايلاشقان بولۇپ ، ئاۋات ، قايناق قۇنۇم (يۇرت)ئىدى . قۇنۇمنىڭ شەرقىدىن بىر نەچچە چاقىرىم ، غەربىدىن ئون نەچچە چاقىرىم يىراقلىقتىكى يايلاقلاردىن ئېقىپ ئۈتىدىغان ، قىرغاقلىرىنى قويۇق چاتقال ، ئوت -چۆپلەر قاپلىغان ئۆگۈزلەردىن تۆت پەسىلدە ئوخشاشلا سۈپسۈزۈك تاغ سۇلىرى تاشتىن تاشقا سەكرەپ ئويناقلاپ ئېقىپ تۇراتتى . بۇ سۇلار كۈز ۋە قىشتا سەل تارىلىپ تېخىمۇ سۈزۈلۈپ ئاقسا ، باھار ۋە يازدا ئۇلغىيىپ شاۋقۇنلايتتى
تورداشلارنىڭ ئىنكاسى
ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم! سوراپ باقسام: «باتۇر تەڭرىقۇت» رومانىنىڭ ئىككىنچى قىسمى چىقتىمۇ؟
يەنە «ئىدىل دەرياسى ئۆركەشلىمەكتە» رومانىنى تاپقىلى بولارمۇ؟
بەلكىم، بىر مەزگىلدىن كېيىن بۇ ئىككى كاتابتىن بىرىنىڭ بازىرى كۆپرەك بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
بۇ ئۇچۇرۇمغا قىزىقسىڭىز مەن بىلەن ئالاقىلەشسىڭىز بولىدۇ. قىزغىن قارشى ئالىمەن.
چ چ : 1010765483