كۆكتىن چۈشكەن پەرىشتە

كۆكتىن چۈشكەن پەرىشتە

ئاپتورى:سۇلايمان ئابدۇرېھىم

باھاسى:22.00

2009-يىل4-ئاي2-بېسىلىشى

شىنىجاڭ خەلق نەشرىياتى

بەت سانى:498

isbn:7228061411

سېتىۋېلىش ئادرىسى:http://item.taobao.com/item.htm?id=15321067617

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كىتابخان!

ھەر قانداق ئىشنى ئاياللاسىز قىلغىلى بولمايدۇ . چۈنكى ، ئاياللار پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ بىر قىسىمى . شۇنداقلا پۈتۈن بىر مىللەتنى تۇغىدىغان ئانا . ئۇيغۇر ئاياللىرىمۇ شۇنداق .ئۇيغۇر ئاياللىرى ئىنسانلار پەيدا بولغاندىن تارتىپلا ئەرلەر بىلەن بىللە كۈرۈش قىلىپ جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئالاھىدە تۆھپە قوشۇپ تارىختا شانلىق ئىز قالدۇرغان .لېكىن ئۇلار تارىختا ئىلاھىيەتچىلىك بىلەن ئەرلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن ئىبارەت ئىككى خىل ھاكىمىيەت ئاستىدا ياشاپ ، ھوقۇقسىز ئورۇندا تۇرۇپ كەلگە بولسىمۇ ، يەنىلا ھەر قايسى دەۋرلەردىكى زۇلۇمغا قارشى كۈرۈشلەردە ئۆز ھوقۇقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش ، زۇلۇمنى پاچاقلاپ تاشلاپ زالىملارنى يوقىتىش ، ئازادلىققا ،ھۆرلۈككە ئېرىشىش ئۈچۈن قوللىرىغا قورال ئېلىپ ، ئەرلەر بىلەن تەڭ مۈرىنى – مۈرىگە تىرەپ قانلىق جەڭ قىلىپ كەلگەن .

مەسلەن ، 1765-يىلى ئۈچتۇرپاندىكى قوزغىلاڭدا مەنچىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ زۇلۇمىغا قارشى جەڭ قىلغان يەتتە قىز ۋە 1826-يىلىدىكى باتۇر قەشقەر قىزى نۇزۇگۇم، 1945-يىلى گومىنداڭغا قارشى غۇلجا ھەرەمباغدىكى قانلىق جەڭدە قۇربان بولغان رىزۋانگۈل قاتارلىقلار ئۆزلىرىنىڭ ئىسسىق قېنى بىلەن تارىخقا ئۇيغۇر خوتۇن – قىزلىرىنىڭ قەھرىمانلىق شەجەرىسىنى يېزىپ قالدۇردى . بۇ توغرۇلۇق يازغۇچىلىرىمىز قولىغا قەلەم ئېلىپ ، بۇ قەھرىمان خوتۇن قىزلار ھەققىدە ناھايىتى ياخشى ئەسەرلەرنى يېزىپ ، ئۇلارنىڭ قەھرىمانلىق ئىش پائالىيىتى ۋە ئولۇغ ئىنقىلابىي خىسلىتىنى پۈتۈن جەمئىيەتكە تونۇشتۇردى.

«چۆجە خوراز بىلگىنىنى چىللايدۇ» دېگەندەك مەن بۇ ئەسىرىمدە ھازىرغىچە ھېچكىم تىلغا ئالمىغان -1933-يىلدىكى دېھقان قوزغىلىڭىدا قولىغا قۇرال ئېلىپ ، ئەرلەر بىلەن تەڭ تۆت يېرىم يىلغىچە قان كېچىپ جەڭ قىلغان دېھقان قىزى ھاشىخان توغرىسىدا سۆزلەپ بەرمەكچىمەن . ئۇ زۇلۇمغا قارشى كۈرەشتە ئەرلەر بىلەن تەڭ جەڭ قىلىپ ، كۆپلىگەن قەھرىمانلىق ئىشلارنى قىلغان ھەم قوزغىلاڭچىلار ئارىسىدا باشقىلارغا ئەقىل كۆرسىتىپ ، ھەممەيلەننىڭ «تۈەنجاڭ» دەپ ھۆرمەتلىشىگە ئېرىشكەن ،. ئۇ چاغلاردا جاھان قاراڭغۇ ئىدى . ئاياللار «چېچى ئوزۇن ، ئەقلى قىسقا» دەپ كەمسىتىلەتتى. شۇنداق بولسىمۇ ، بۇ ئايال قوزغىلاڭچى ئۆزىنىڭ ئاجايىپ ئەقىل – پاراسىتى ۋە جاسارىتى بىلەن ھەممىنى قايىل قىلغان.

مەن كۆپ يىل ئىزدىنىش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئىش پائالىيەتلىرى ھەققىدە ماتېرىيال توپلاپ ، خام ماتېرىيالنى قايتا – قايتا ئەمەلىي پاكىتتىن ئۆتكۈزۈپ ، بۇ ئەسەرنى يېزىپ چىقتىم . يازغانلىرىمنىڭ ھەممىسى راست ، پاكىت ئارقىلىق ئىسپاتلانغان

تۈرى :ئۇيغۇرچە كىتابلار | خەتكۈچ :

بۇ كىتابلارنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ :

قۇم قىرغاق قۇم قىرغاق
فارابى فارابى
لەگلەك قوغلىغۇچى بالا لەگلەك قوغلىغۇچى بالا
تۇتىنامە تۇتىنامە
ئوغۇزنامە ئوغۇزنامە

تورداشلارنىڭ ئىنكاسى

    • tafakkur
    • 2015-يىلى 03-ئاينىڭ 4-كۈنى 19:31:27

    ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ! بۇ كىتابنى توردىن چۇشۈرۋالغىلى بولمامدۇ. بولسا ئاۋازلىق نۇسخىسى بولسا تېخىمۇ ياخشى ئىدى

  1. ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.