تۇتىنامە
تۇتىنامە
ئەسلىي باھاسى:19.00(سېتىلىش باھاسى:50.00)
شىنجاڭ ياش – ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى
2003-يىل5-ئاي 1-نەشرى1-بېسىلىشى
تىراژى:3000
isbn:7537144591
مۇھەررىردىن
«تۇتىنامە» خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى رىۋايەت، ئەپسانە ، مەسەل ۋە چۆچەكلەر ئاساسىدا ۋۇجۇدقا كەلگەن مۇھىم ئەسەرلەردىن بىرى . بۇ ئەسەر تۇنجى قېتىم مەشھۇر شائىر مەۋلانە نەخشەبى تەرىپىدىن قەلەمگە ئېلىنغان ،كېيىن چاغاتاي تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان .
«تۇتىنامە» نىڭ چاغاتاي تىلىدىكى نۇسخىسى ئۇيغۇر خەلقى ئىچىدە خېلى كەڭ تارالغان .بۇ ئەسەر ئۆز ئىچىگە ئالغان ھېكايىلەر ئۇزاق زامانلاردىن بېرى ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچۈپ ، دەپتەردىن – دەپتەرگە كۆچۈرۈلۈپ ، مەنىۋى تۇرمۇشىمىزنى بېيىتىپ كەلگەن . نەتىجىدە خەلقىمىز ئارىسىدا «تۇتىنامە» نىڭ خىلمۇ – خىل ئاغزاكى ۋە قول يازما نۇسخىلىرى بارلىققا كەلگەن . بۇ كىتاب ئۆز ئىچىگە ئالغان فولكلور ئەسەرلىرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەل ئەدەبىياتى مىراسلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسىمىغا ئايلىنىپ كەتكەن . شۇڭا «تۇتىنامە» ھېكايىلىرى خەلقىمىزگە خۇددى «مىڭ بىر كېچە» ، «كەلىلە ۋې دېمىنە» ھېكايىلىرىدەكلا تونۇشلۇق .
«تۇتىنامە» جەمئىي 52 داستانغا بۆلۈنگەن . بۇ 52 داستان تۇتى بىلەن خوجەستىنىڭ سۆھبىتى ئارقىلىق بىر – بىرىگە باغلانغان . بۇ ئارقىلىق تۈرلۈك تېما ۋە خىلمۇ خىل ژانىردىكى فولكلور ئەسەرلىرى بىر – بىرىگە كىرىشتۈرۈپ بايان قىلىپ بېرىلگەن . بۇ فولكلور ئەسەرلىرى خەلق ئاممىسىنىڭ تەبىئەت ، جەمئىيەت ، ئەدەپ –ئەخلاق ،كىشىلىك تۇرمۇش ،ئىلىم – مەرىپەت ، غەيرەت – شىجائەت ، پاك سۆيگۈ – مۇھەببەت ، ئادالەت ، ھەققانىيەت ، ۋەتەنپەرۋەرلىك ، خەلقچىللىق قاتارلىق بىر قاتار ئومۇمىي مەسىلىلەر ھەققىدىكى پەلسەپەۋى قاراشلىرىنى ئۆزىدە مۇجەسسەملەشتۈرگەن .بۇ ئەسەردە بايان قىلىنغان نۇرغۇن پەلسەپەۋى پىكىرلەر ، ھېكىمەتلىك سۆزلەر ۋە ئىبرەتلىك ھېكايەتلەر بۈگۈنكى دەۋىرىمىزدىمۇ ئىجابىي ئەھمىيەتكە ئىگە .
لېكىن ئەسەردە يەنە بەزى مەسىلىلەرمۇ بار ، بولۇپمۇ ئاياللارنىڭ ئائىلە ، جەمئىيەتتىكى ئورنى ۋە ھوقۇقى مەسىلىسىدە فېئوداللىق ناچار ئىدىيىلەرنىڭ تەسىرىمۇ مەلۇم دەرىجىدە ئەكىس ئەتكەن . ئەسەرنىڭ بۇنداق تەرەپلىرىگە تەنقىدىي مۇئامىلە قىلىشىمىز زۆرۈر .
«تۇتىنامە» ھېكايىلىرىدە ئاجايىپ – غارايىپ ۋەقەلەرگە كەڭ ئورۇن بېرىلگەچكە ، ئوقۇرمەنلەرنى ئالاھىدە جەلىپ قىلىدۇ . ئوقۇغان كىشىنىڭ ئاسانلا ئېسىدە قالىدۇ.
«تۇتىنامە» نىڭ بۇ نۇسخىسىنى نەشرگە تەييارلاشتا ، بۇئەسەرنىڭ ئاپتۇنوم رايونلۇق ئاز سانلىق مىللەت قەدىمكى ئەسەرلىرى ئىشخانىسىنىڭ قول يدزمىلار فوندادا ساقلىنىۋاتقان XGQ398 نومۇرلۇق قول يازمىسى ئاساس قىلىندى . تەھرىرلەش جەريانىدا ئۇنىڭ XGQ647 نومۇرلۇق قول يازما نۇسخىسىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىلدى .
باشقا تور بەتلىرىگە چاپلىسىڭىز مەنبەنى ئەسكەرتىشىنى ئونۇتماڭ
تورداشلارنىڭ ئىنكاسى
ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.
ھازىرچە ئىنكاس يوق