تەكلىماكاندىكى ئالتۇن كولدۇرما

ئاپتورى:يالقۇن روزى

باھاسى:18.00

1999-يىل 12-ئاي 1-نەشرى

1999-يىل 12-ئاي 1-بېسىلىشى

تىراژى:1-3000

ISBN7228055616

نەشرىياتتىن

ئۆزىنىڭ تەنقىدىي روھقا باي ماقالە – ئوبزورلىرى بىلەن جامائەتچىلىككە تونۇلغان ياش ئوبزورچى يالقۇن روزى 1966-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى ئاتۇشنىڭ قەدىمىي سەھرالىرىدىن بىرى بولغان ئاغۇ يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن .

يالقۇن روزى باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى ئاغۇ يېزىسىدىكى مەركىزىي مەكتەپتە ئوقۇغان . 1980-يىلى قىزىلسۇ ئوبلاستلىق 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان . 1982-يىلى ئۇ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنغان . بىر يىلدىن كېيىن ، قىزىقىشى بۇيىچە ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئالماشقان . ئۇنىڭ شائىر قۇربان باراتنىڭ داستانى توغرىسىدا يازغان «<ئاق روماللىق پەرىزات> داستانى توغرىسىدا» ناملىق تۇنجى ئەدەبىي ئوبزورى ئالىي مەكتەپنىڭ 4-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان چېغىدا «تارىم» ژۇرنىلىنىڭ 1986-يىل 6-سانىدا ئېلان قىلىنغان . بۇ ئۇنىڭ ئەدەبىي ئوبزور ساھەسىگە قويغان تۇنجى قەدىمى ئىدى.

يالقۇن روزى 1987-يىلى ئالىي مەكتەپ ئوقۇشنى تاماملىغاندىن كېيىن ، شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسىغا تەقسىم قىلىنىپ ، مۇخبىر بولغان . يالقۇن روزى 1991-يىلى 1-ئايدا «شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى» گە يۆتكىلىپ ، مۇھەررىر بولغان . ھازىر مۇشۇ ئورۇندا ئىشلەۋاتىدۇ .

1990-يىللاردىن باشلاپ يالقۇن روزىنىڭ ماقالە ئوبزورلىرى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى گېزىت -ژۇرناللاردا ئارقا – ئارقىدىن ئېلان قىلىنىپ نامى چىقىشقا باشلىغان . 1995-يىلى پروفېسسور ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىننىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن يازغان «ئۇيغۇرلاردا ئىجادىيەتنىڭ قىممىتى ۋە ئىجادكارنىڭ قىسمىتى» ناملىق ماقالىسى «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن جەمئىيەتتە زىلزىلە پەيدا قىلغان . 1997-يىلى ئۇلۇغ مائارىپچى ، تالانتلىق تەشكىلاتچى ، ئوت يۈرەك كومپوزىتور ۋە شائىر مەمتىلى ئەپەندى قەتلى قىلىنغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ، مەرھۇم قەلەمكەش مىرئەھمەد سېيىتنىڭ ئەسلىمىسى ئاساسىدا يېزىپ چىققان تارىخىي ئەسىرى «مەمتىلى ئەپەندى» نەشر قىلىنىپ زور ئالقىشقا ئېرىشكەن ھەم جەمئىيەتتە بىر مەھەل ئەۋجىگە چىققان «مەمتىلى ئەپەندى قىزغىنلىقى» نى قوزغىۋەتكەن .

قولىڭىزدىكى بۇ توپلامغا يالقۇن روزىنىڭ ئون نەچچە يىلدىن بۇيان يازغان ماقالە- ئوبزورلىرىدىن تاللاپ كىرگۈزۈلدى . بۇ توپلامغا كىرگۈزۈلگەن ئەسەرلەرنى ئۇ ئۆزى تاللىغان . ئۇ بۇ توپلىمىغا يەنە ئەدەبىي تەنقىدچىلىكتىكى دېموكراتىك ئىستىلنى ۋە ئىلمىي روھىنى جارى قىلدۇرۇش مەقسىتىدە ئۆزىنىڭ ماقالە – ئوبزورلىرى توغرىلىق يېزىلغان ئەدەبىي تەنقىد ماقالىسىدىن تۆتنى تاللاپ كىرگۈزۈلدى .

يالقۇن روزى «تەكلىماكاندىكى ئالتۇن كولدۇرما» ناملىق بۇ ماقالە – ئوبزورلار توپلىمى نەشر قىلىنغاندىن كېيىن ، ئاساسەن پوبلىستىك ماقالىلەرنى ۋە تارىخىي تېمىدىكى ئەسەرلەرنى يېزىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .

1999-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى

 

تۈرى :ئەدەبىي ئەسەرلەر | خەتكۈچ :

بۇ كىتابلارنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ :

تەكلىماكاندىكى ئالتۇن كولدۇرما تەكلىماكاندىكى ئالتۇن كولدۇرما

تورداشلارنىڭ ئىنكاسى

  1. ھازىرچە ئىنكاس يوق

  1. ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.