ئەمىر تېمۈركوراگان ھەققىدە قىسسە
ئاپتورى:شەرفىدىن ئەلى يەزدى
1986-يىلى 9-ئاي 1-نەشرى
1997-يىلى 11-ئاي 3-بېسىلىشى
تىراژى:12691-16690
باھاسى:18
ISBN:7288000765
مۇھەررىردىن
بۇ كىتاب موللا سالاھىدىن خۇجائىبنى موللا ئالائىدىن تەرىپىدىن ھىجرىيە 1328-يىلى (مىلادى 1910-يىلى) تاشكەنتتە چاپى قىلىنغان تاش باسما نۇسخىغا ئاساسەن نەشرگە تەييارلاندى.
بۇ كىتابتا يۈەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدە ئوتتۇرا ئاسىيادا بولۇپ ئۆيكەن تارىخىي – سىياسىي ۋەقەلەر ھېكايە قىلىنغان . بۇ كىتابنىڭ باش قەھرىمانى تارىخىي شەخس – چاغاتاي نەسلىدىن بولغان تېمۈركوراگان بولۇپ ، كىتاب ۋەقەلىرىنىڭ مەركىزىدە ئۇنىڭ سىياسىي ، تارىخىي ۋە ھەربىي پائالىيەتلىرى ياتىدۇ. مۇئەييەن تارىخىي چىنلىققا ئىگە بولغان بۇ ۋەقەلەر بىزنى ئەينى دەۋر (1936-1405-يىللار) دىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە قوشنا ئەللەر ، تۈركى مىللەت ۋە قەبىلىلەر ، ئۇلارنىڭ ئۆز ئارا مۇناسىۋەتلىرى ، تۇرمۇش ئۆرپ – ئادەتلىرى توغرىسىدا قىممەتلىك ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ ئەسەر ئەدەبىي جەھەتتە ناھايىتى قىزىقارلىق تارىخىي قىسسە بولسا ، ئىلمىي جەھەتتە ، تارىخ ، جۇغراپىيە ۋە ھەربىي ئىشلارنى تەتقىق قىلىشتا ، يۈەن سۇلالىسىنىڭ غەربىي رايونىدىكى ئەھۋاللارنى ، چاغاتاي ھاكىمىيىتىنىڭ قانداق يوقالغانلىقى ، تېمۈرىلەر خانلىقىنىڭ قانداق تىكلەنگەنلىكى تەتقىق قىلىشتا ئالاھىدە قىممەتكە ئىگە . مۇشۇ نۇقتىلاردىن ئالغاندا ، بۇ كىتابنى ئەدەبىي شەكىلدە يېزىلغان تارىخ دېيىشكىمۇ بولىدۇ ، تارىخ شەكلىدە يېزىلغان ئەدەبىي ئەسەر دېيىشكىمۇ بولىدۇ.
لېكىن ئەينى دەۋرنىڭ ۋە ۋە ئىسلام مۇئەللىپىنىڭ ئەسىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ، بۇ كىتابتا بەزى خۇراپىي ئەقىدىلەردىن ئىبارەت بولغان شاكالمۇ يوق ئەمەس . بۇ ئاساسلىقى مۇئەللىپنىڭ نۇرغۇن تارىخىي چىنلىقلارنى ئىلاھلىق تۇمانلىرىغا يۆگەپ بايان قىلغانلىقى ، تارىخىي ۋەقەلەر ئارىسىغا بىر مۇنچە دىنىي رومانتىك تولۇقلىمىلارنىمۇ ئارىلاشتۇرۋەتكەنلىكىدە كۆرۈلىدۇ . بىز كلاسسىك ۋە ئېغىز ئەدەبىياتىغا تەئەللۇق ئەسەرلەرنى نەشر قىلىشتىكى پرىنسىپلارغا ئاساسەن ئايرىم سۆز ، ئايرىم جۈملىلەرنى ئۆزگەرتكەن ، ئەسەرگە ھەقىقەتەن مۇناسىۋىتى يوق ئايرىم ئابزاسلارنى قىسقارتقاندىن سىرت باشقا جايلارغا تەگمىدۇق . بىزگە ئايانكى ، كىتابتىكى توغرا بىلەن ناتوغرىنى كىتابخانىلىرىمىز ئۆزى ئايرىۋالالايدۇ ، كىتابنىڭ ئۇتۇق – يېتەرسىزلىكلىرىگە ئادىل باھا بېرەلەيدۇ . يەنە بىر تەرەپتىن بىز ئارتۇقچە دەپ ھېس قىلغان جايلار ، بەلكىم مۇھىم جايلار بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن ، بۇ نەرسىلەر رىۋايەت ، ئەپسانىلەر تەتقىقاتىدا بولسىمۇ مەلۇم رول ئويناپ قېلىشى مۇمكىن .
كىتابنىڭ ئاپتورى شەرفىدىن ئەلى يەزدىنىڭ ھاياتى توغرۇلۇق بىزدە مۇكەممەل ماتېرىيال يوق . مۇشۇ كىتابتا بېرىلگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا ، يەزدى 1360-يىللاردىن 1440-يىللارغىچە ياشىغان بولۇشى مۇمكىن، ئۇ ئەمىر تېمۈرنىڭ قېشىدا تارىخچى – مىرزا، ئالىم سۈپىتىدە خىزمەت قىلغان . ئەدەبىيات ، تارىخ بويىچە كۆپلىگەن ئەسەرلەرنى يازغان . مۇئەللىپ «ئەمىر تېمۈركوراگان ھەققىدە قىسسە » نى ئەينى ۋاقىتتا پارس تىلى بىلەن شېئىرىي شەكىلدە يازغان . كېيىن ئۇيغۇر شائىرى لۇتپى پارس تىلىدا نەسرىي رومانغا ئايلاندۇرغان ، بۇ نەشىرىگە ئاساس بولغان تاش مەتبەئە نۇسخىنى موللا سالاھىدىن يەزدىنىڭ شېئىرىي نۇسخىسىدىن چاغاتاي تىلى بىلەن نەسىرلەشتۈرۈپ تارىخىي قىسسەگە ئايلاندۇرغان .
ئەسەرنى چۈشىنىشكە ئوڭاي بولسۇن ئۈچۈن بەزى ئىزاھات لۇغەت بېرىلدى.
تورداشلارنىڭ ئىنكاسى
ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.
تۈ
گەپ كەتتى دەڭ ئبەك ئەپسۇس
بۇ كىتابنى قانداق سېتىۋالمەن ؟ ئالاقە 501918361
بۇ كىتاب سېتىلىپ كەتتى
You mean I don’t have to pay for expert advice like this an?eromy!