كۆز يېشىدا ئېچىلغان گۈل
ئاپتورى:ئۆمەر ئابدۇللا ئەرقۇت
2009-يىلى 11-ئاي 1-نەشر
2009-يىلى 11-ئاي 1-بېسىلىشى
تىراژى:1-3000
باھاسى:35.00
ISBN:9787537168304
ئاپتوردىن
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن ، 2003-يىلى 11-ئايدا شىنجاڭ ياش – ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «تاشقا ئايلانغان كۆز يېشى » ناملىق بۇ رومانىمدىكى قەيسەر ، ئۆگەي ئاتىسى داۋۇت ، مېھىر – شەپقەتلىك كىشىلەردىن رېھىم شەپقەت ، ئىبادەتخان ئانىلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىنسانىي تۇيغۇلارنى ياشنىتىدىغان ۋە دىلنى ئېزىدىغان كەچمىش – مۇناسىۋەتلەر ئېسىڭىزدىمىكىن ؟ بۇ رومان ئەسلى ئۈچ قىسىم بولۇپ ، نەشر قىلىنىدىغان ۋاقتىدا مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بىرىنچى قىسمى مۇستەقىل رومان قىلىنىپ نەشر قىلىنغانىدى.
رومان نەشر قىلىنغاندىن كېيىن سەمىمىي مەدھىيىلەر بىلەن بىللە ئوقۇرمەنلەرنىڭ بىر تەلىپىمۇ مۇئەللىپكە يەتتى . بۇ تەلەپ شۇكى ئۇلار «باش قەھرىماننىڭ ئۆلۈپ كېتىشى بولماپتۇ ، شۇنچە خورلانغان ئادەم نېمە ئۈچۈن ھاياتلىقنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولغان تاتلىق نېمىتىدىن ئازراق بولسىمۇ بەھرىمەن بۇلالمايدۇ؟ روماننىڭ مۇشۇ يېرىنى ئۆزگەرتىش كېرەك . بولمىسا پۇخادىن چىققاندەك بولمايدىكەن ، ئادەمنىڭ يۈرىكى سىقىلىپ كېتىدىكەن » دېيىشىپتۇ . مەن ئەسلىي روماننىڭ ئۆزگەرتىلگەن مۇشۇ تومى نەشر قىلىنغاندىن كېيىن قالغىنىنى يازماي دەپمۇ ئويلىغانىدىم . ئۇنىڭ ئۈستىگە باش قەھرىمان ئۆلۈپ كەتكەن تۇرسا ، ئەسلىدىكى پىلانىم بويىچە داۋاملاشتۇرۇپ يازاي دېسەم ،باش قەھرىمان قەيسەرنى تىرىلدۈرسەم بولىدۇ . ئەنگىلىيە يازغۇچىسى كونان دويىل«ھولمىسنىڭ دېلو رازۋېدكا قىلىشى»ناملىق چاتما ھېكايىلىرىنى يېزىپ ئاخىرىدا «ھولمىسنىڭ ئۆلۈمى » دېگەن ھېكايىنى يازىدۇ. ئەمما خەلقنىڭ نارازىلىق ئىنكاسلىرى يازغۇچىنى ئويلاندۇرۇپ قويىدۇ . خەلق «ھولمىس ئۆلمەسلىكى كېرەك» دەپ تۇرۇۋالىدۇ . شۇنىڭ بىلەن يازغۇچى ئامالسىز «ھولمىسنىڭ تىرىلىشى» دېگەن ھېكايىنى يېزىشقا مەجبۇر بولىدۇ. ناۋادا ، مەنمۇ ئەسلىدىكى پىلان بويىچە «تاشقا ئايلانغان كۆز يېشى» ناملىق رومانىمنىڭ ئاخىرقى بابىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ، قەيسەرنى ئۆلمەيدىغان قىلىپ يازسام ئوقۇرمەنلەر قانداق قارار ؟ ئەسلىدىكى يېزىقچىلىق پىلانىمدا بىرىنچى تومىنىڭ ئاخىرىدا قەيسەر بىر ئاخشىمى يوقاپ كېتىدۇ . كىشىلەر ئۇنى ئىزدەپ تاپالمايدۇ . قەيسەر شۇ يوقاپ كەتكىنىچە نۇرغۇن جەبىر – جاپالارنى چېكىپ كاتتا بايغا ئايلانغاندىن كېيىن پەيدا بولىدۇ . شۇنىڭ بىلەن مەن كۆپ ئويلىنىپ روماننىڭ داۋامىنى ئەسلىدىكى پىلان بويىچە يېزىشنى قارار قىلدىم ۋە «تاشقا ئايلانغان كۆز يېشى » ناملىق رومانىمنىڭ ئەسلىدىكى ، يەنى ئۆزگەرتىلمىگەن ئاخىرقى بابىنى بۇ روماننىڭ باشلىنىشى قىلدىم . لېكىن قالغان ئىككى تومىنى بىرلەشتۈرۈپ «كۆز يېشىدا ئېچىلغان گۈل » دېگەن ماۋزۇلۇق بىرلا رومان قىلىپ دىل ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇم.
تورداشلارنىڭ ئىنكاسى
ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.
ھازىرچە ئىنكاس يوق