ئەي قەدىرلىك ئوغلۇم
ئەي قەدىرلىك ئوغلۇم
ئاپتورى:تۇرسۇنئاي سادىقوۋا
باھاسى:14.5
2009-يىلى 5-ئاي 1-نەشرى
2009-يىلى 12-ئاي 1-بېسىلىىشى
تىراژى:1-10000
ISBN:9787537245432
مۇقەددىمە
ئوغلانىم سەن قاندۇرىدىغان چاڭقاقلىرىمنى ، سېنىڭ قۇلۇڭدا پۈتىدىغان ئېھتىياجلىرىمنى يازدىم ! سەن مېنىڭ ئۆزۈمدىن ياسىغان ئۆزۈمسەن ! ئىنسان ئۆزى قىلمىغان ياخشى ئىشلاردىنىمۇ پەرزەنتلىرىدىن ئۈمىد قىلىدۇ ، ئۇنىڭ ئۆزى ئەۋزەل ، ئۆزىدىن ئەلا بولۇشنى ئىزدەيدۇ . ئىلاھىم ، غەلبەم بولغىن ، يۈزۈمنىڭ يورۇقلۇقى بولغىن .
ئۆمرىمىز ئۆتەر جاي – ئادەملەر ئارىسى .كىشىلەرنىڭ بىر – بىرىگە مۇناسىۋىتى يا بەخت كەلتۈرىدۇ ياكى بەختسىزلىك .كۈنلەرنىڭ بىرىدە سېنى ئەنە شۇ خەلققە ئىشىنىپ تاپشۇرۇپ كېتىمەن . ئۇلارغا ماقۇل كەلسەڭلا ، ئەل «بالام» دەپ باغرىغا باسسىلا ، ياخشى بالامسەن ، بالام،
ئەلگە بىپىسەنت بولما ، ھەرگىز ئۇنىڭدىن ئارتۇق بولىمەن دېمە . «مۇكاپاتلىرىڭنى ھەممىگە بەر ، ئاشۇلارنىڭ قاتارىدا ھەم ماڭىمۇ بەر» دەپ تىلەپ ئۆتتى ئاتىلىرىمىز .’ «ھەممىنى بالا- قازادىن ئاسرا ، ئاشۇلار بىلەن بىللە مېنىڭ ئائىلەمنىمۇ…» دەپ يۈكۈندى ئانىلىرىمىز . تىلەيمەنكى ، سېنىڭ تىلىڭدا شۇ دۇئالار ياشاپ قالسۇن ، دىلىڭدا ، پېئىلىڭدا شۇ دۇئالار بەرقارار بولسۇن!
تورداشلارنىڭ ئىنكاسى
ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.
ھازىرچە ئىنكاس يوق