گۈللالە (رومان)
گۈللالە (رومان)
ئاپتورى: غەيرەت ئاسىم
باھاسى:11.00
2004-يىلى 8-ئاي 1-نەشرى
2008-يىلى 6-ئاي 3-بېسىلىشى
تىراژى:6001-9000
ISBN:9787105064748
قىسقىچە مەزمۇنى
قۇياشنىڭ ئۆرلىشى بىلەن تەڭ ئۇچۇپ كەلگەن بىر توپ ياۋا كەپتەرلەر كۆۋرۈك بېشىدىكى دەرەخلەرنىڭ ئۈستىگە قوندى .مۇشۇ ۋاقىتتا كۆۋرۈك بېشىدىكى سايدا بىر كىچىك ماشىنا توختىدى . شوپۇر ماشىنىدىن چۈشۈپ ئۇ ياق – بۇ ياققا قارىغاچ ھەرىكەت قىلدى . شۇ ئەسنادا ئۇ دەرەخنىڭ ئۈستىگە قاتار قونغان ياۋا كەپتەرلەرنى كۆرۈپ قالدى . ئۇ بىر ئاز جىددىيلەشكەندەك قىلىپ ، ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ ، ئىچىدىن بىر ماناپولكىنى ئالدى دە ياۋا كەپتەرنى قارىغا ئېلىپ ئوق چىقاردى . ئوقنىڭ ئاۋازىچىقىشى بىلەنلا ، بىر ياۋا كەپتەر پالاقلاپ چۈشتى . شوپۇر بېرىپ كەپتەرنى قولغا ئالدى ، كەپتەر سېمىز ئىدى ، ئۇ يەنە بېشىنى كۆتۈرۈپ دەرەخكە قارىدى . دەرەختە بىرمۇ كەپتەر قالمىغانىدى . ئۈركۈگەن كەپتەرلەر ئاللىبۇرۇن شەھەر تەرەپكە ئۇچۇپ كەتكەنىدى . كەپتەرلەر شەھەرگە ئۇچۇپ كىرىپ ، بىر تۈپ دەرەخنىڭ ئۈستىگە قۇنۇپ ئازراق دەم ئىلىۋالدى . ئاندىن كۈنپېتىش تەرەپكە قاراپ ئۇچۇپ ، بىر تۈپ دەرەخنىڭ ئۈستىگە قوندى.
دەرەخنىڭ ئاستىدىكى قورۇدا توي ئۈتكۈزلۈۋاتاتتى ، ئەرلەر ئەتىگەن ئۇزاپ بولغانىدى . مانا ئەمدى ئاياللارمۇ ئاساسەن ئۇزاپ بولدى . ئارىدىن ئىككى سائەتلەر ئۆتكەندىن كېيىن ، يىگىت ئەل – ئاغىنىلىرى بىلەن بىرگە قىزنى كۆچۈرۈپ كەلدى .
ئەركىن گۈللالەنى قولتۇقلىغان ھالدا ھۇجىرىسىغا باشلاپ كىردى . ھۇجرا بەكمۇ چىرايلىق بېزەلگەنىدى . قىزلار بىلەن يىگىتلەر ئۇزاق ئولتۇرماي ، ئۇلار ئۈچۈن دۇئا قىلىپ خوشلىشىپ قايتىپ كەتتى . شۇ ئارىدا گۈللالەنىڭ قولدىشى قەمەر ئۇنىڭ قېشىغا كېلىپ قۇلىنى تۇتتى.
تورداشلارنىڭ ئىنكاسى
ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.
ھازىرچە ئىنكاس يوق