رۇداكىنىڭ پوئېزىيە ئىجادىيىتىدىكى يۈكسەك ئورنى توغرىسىدا

شىرىن قۇربان ، ئابدۇشۈكۈر روزى

1 . شائىرنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىي پائالىيەتلىرى

تاجىك ئەدەبىياتى تارىخىدا، ئەبۇلھەسەن رۇداكى «تاجىك كلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ ئۇلۇغ بوۋىسى»، «تاجىك كلاسسىك شېئىرىيىتىنىڭ ئاساسچىسى»، «شائىرلار شاھى» ، « شائىرلار ئىچىدىكى ئادەم ئاتا»، «شېئىرىيەت چولپىنى »، «شېئىرىيەتنىڭ قۇتۇپ يۇلتۇزى»، «ئۇستاد تىلشۇناس»، «تالانتلىق مۇزىكانت»، «داڭلىق تەرجىمان» دېگەن ناملار بىلەن ئۇلۇغلىنىدۇ ۋە ھۆرمەتلىنىدۇ .

شائىرنىڭ تولۇق ئىسمى ئەبۇ ئابدۇللا جەفەر ئىبنى مۇ ھەممەد رۇداكى بولۇپ، ئۇ جاھانغا «رۇداكى» تەخەللۇسى بىلەن تۇنۇلغان . «رۇداك» شائىرنىڭ ئانا يۇرتى ئىدى. «رۇداكى» نىڭ مەنىسى «رۇداكلىق» دېگەنلىك بولىدۇ .

رۇداكىنىڭ ھاياتى توغرىسىدا تاجىكشۇناسلارنىڭ قارىشىدا قىسمەن پەرقلەر بار . لېكىن بىرقەدەر نوپۇزلۇق ئەسەرلەر، مەسىلەن، شائىرنىڭ ئۆزىنىڭ يۇرت قەسىدىلىرى، يېقىنقى زامان تاجىك يازغۇچىسى ۋە پائالىيەتچىسى سەدىردىن ئەينى(1878-1954) نىڭ «ئۇستاد رۇداكى» ناملىق تەتقىقات ماقالىسى، تاجىك تارىخشۇناسى، ئاكادېمىك باباجان غاپۇرۇپ (1908-1977) نىڭ «ئوتتۇرا ئاسىيا تاجىك تارىخى» دېگەن ئەسىرى ھەمدە ئىران، تاجىكىستاندا چىققان تاجىك ئەدەبىياتى تارىخىغا ئائىت ئەسەرلەردىكى مەلۇمەتلارغا ئاساسلانغاندا، رۇداكى تەخمىنەن مىلادىيىنىڭ 850-يىللىرى ھازىرقى تاجىكىستاننىڭ زەرەپشان ۋادىسىدىكى پەنج كەنت رايونىنىڭ رود يېزىسىدا بىر نامرات دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.

رىۋايەت قىلىنىشىچە، رۇداكى سەككىز يېشىدىلا قۇرئاننى تولۇق يادلاپ، ئەڭ ئۆلچەملىك ئا ھاڭدا قىرائەت قىلىپ، خالايىقنى ھەيران قالدۇرغان ھەم شېئىر ئىجاد قىلىپ ئېيتىشقا باشلىغان. بۇ توغرۇلۇق 13-ئەسىر تاجىك ئەدەبىياتشۇناسى مۇھەممەد ئەۋفى مۇنداق دەپ كۆرسەتكەنىدى: «رۇداكى شۇنداق تالانتلىق ۋە پاراسەتلىك ئىكەنكى، سەككىز يېشىدىلا شېئىر ئېيتىشقا باشلىغان، شۇ سەۋەبلىك، خەلق ھەيران قېلىپ ئۇنىڭغا بارىكاللا ۋە ئاپىرىن ئوقۇغان.»

رۇداكى نا ھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىلىملىك بولۇپ يېتىشىپ چىققان . ئۇ ئەرەب تىلى، پارس-تاجىك دەرى تىلى ۋە شۇ دەۋردىكى ئەدەبىيات، پەلسەپە، تارىخ، ئاسترونومىيە ۋە ئەخلاق پەنلىرىنى نا ھايىتى ياخشى ئۆگەنگەن. رۇداكى يەنە ئوتتۇرا قەدىمكى پارىس پەھلىۋى تىلىدىكى «ئاۋېستا» قاتارلىق ئەسەرلەرنى تەتقىق قىلغان. سەنئەت جەھەتتە، رۇداكى تاجىك كلاسسىك سەنئىتىنىڭمۇ تۇنجى نامايەندىسى، ئۇ شۇ زاماننىڭ مەشھۇر تالانتلىق مۇزىكا ئۇستىسى ئەبۇل ئابباس بەختىيار دېگەن كىشىدىن مۇزىكا ئىلمىنى ئۆگەنگەن. رۇداكى قەدىمكى چالغۇلاردىن چاڭ، بەرباد، رود، ئۇد قاتارلىق ئەسۋابلارنى زور ما ھارەت بىلەن چالاتتى . شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ زامانداشلىرىدىن بىرى:

«رۇداكى چاڭ بىگرىفتۇ نەۋاخت،

بادە ئەنداز، كى ئۇسۇرۇد ئەنداخت»

(سازنى قولىغا ئالغان، ناخشىنى باشلىغان رۇداكى شەرىپىگە مەي قەدەھنى تولدۇر) دەپ يازغان .

ئۆزىنىڭ بارلىقىنى ئىلىم-ئېرپانغا ئاتىغان رۇداكى كېيىنكى چاغلاردا باي ۋە گۈزەل لېرىكىلىرى، ئەقىل-پاراسەت بىلەن تولغان پەلسەپىۋى ھېكمەتلىرى، كۈچلۈك قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە پەند-نەسىھەتلىرى، يېقىملىق ۋە ئۇرغۇلۇق غەزەل-رۇبائىلىرى، بۇلبۇل كەبى خۇش ئاۋازى بىلەن ئەل ئارىسىدا ئاتاق چىقارغان.

تاجىك مۇتەپەككۇر شائىرى ئابدۇرا ھمان جامى (1414-1492) ئۆزىنىڭ ئالەمشۇمۇل «باھارىستان» ناملىق ئەسىرىدە، رۇداكى توغرۇلۇق مۇنداق خاتىرە قالدۇرغان: «رۇداكىنىڭ ئىككى يۈز غۇلامى، تۆت يۈز تۆگىلىك مال-دۇنياسى بار ئىكەن. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆتكەن شائىرلارنىڭ ھېچقايسىسى بۇنچىلىك بايلىققا ئىگە ئېرىشەلمىگەن. ئېيتىلىشىچە، ئۇنىڭ شېئىرلىرى يۈز توپلام بولغان. بىر كىتابتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇنىڭ شېئىرلىرى بىر مىليون ئۈچ يۈز بېيىت ئىكەن.»

ئۇ ھەققىدىكى رەڭگارەڭ تەرىپلەشلەر قۇلاقتىن-قۇلاققا، ئېغىزدىن-ئېغىزغا كۆچۈپ يۈرۈپ، شائىر ياشاۋاتقان زەرەپشان ۋادىسىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ئەينى زامان پەن-مەدەنىيەت مەركەزلىرى بولغان بۇخارا، سەمەرقەند، ھىرات قاتارلىق شە ھەرلەرگە يېتىپ بارغان . سامانىلار خاندانلىقىنىڭ ئەمرى ناسىر Ⅱ (مىلادىيە 914-943-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) شائىر رۇداكىنىڭ داڭقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، دەر ھال ئەلچى ئەۋەتىپ، ئۇنى ئوردىغا تەكلىپ قىلغان. شۇنداق قىلىپ، رۇداكى بىر مەزگىل خان ئوردىسىنىڭ ئوردا شائىرى بولغان. شائىر خەلق تۇرمۇشىدىن يىراقلىشىپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ يۈكسەك بەدىئىي تالانتىغا تايىنىپ، ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شوغۇللىنىپ، تەسىرلىك شېئىرلىرى ۋە مۇڭ-يېقىملىق ئاۋازى بىلەن پۈتۈن شاھ ئوردىسىنى زىلزىلىگە كەلتۈرۈپ، ئاجايىپ ماختاشلارغا ۋە سۈپەتلەشلەرگە ئېرىشكەن.

رۇداكى تۆۋەن قاتلامدىن كېلىپ چىققانلىقى، ئەركىنلىك ۋە خەلقچىلىق ئىدىيىسى كۈچلۈك بولغانلىقى سەۋەپلىك، ئۇ ئوردىدىكى ھەشەمەتلىك، ئەيش-ئىشرەتلىك، ھىيلە-مىكىرلىك تۇرمۇش ئالدىدا ئەس-ھوشىنى يوقىتىپ قويمىغان. ئەكسىچە، ئوردا شاھى ۋە ۋەزىر ئەمەلدارلىرىنى مەد ھىيىلەش بىلەن جان باقىدىغان، ئۆزىنىڭ ئىززەت-ھۆرمەت ۋە غۇرۇر-ۋىجدانىنى ساتىدىغان «ساراي شائىرلىرى » دىن روشەن پەرقلىق ھالدا، مۇ ھەببەت بىلەن نەپرىتى ئېنىق، ئىدىيىۋى مەزمۇنى ئىلغار، يۇقىرى بەدىئىي سەنئەتكە تولغان رەڭگارەڭ شەكىلدىكى شېئىرلارنى يېزىپ، ئۆزى ياشىغان دەۋرنىڭ ماھىيىتىنى، ھۆكۈمرانلار گۇرۇ ھىنىڭ ساختىپەزلىكىنى ۋە يىرگىنىشلىك كەيپى-ساپالىق تۇرمۇشىنى پاش قىلغان، ساتىرا قىلغان. ئەمگەكچى خەلقنىڭ قايغۇ-ئەلەملىك ھاياتىنى، ئۇلارنىڭ ھۆرىيەت ۋە ئەركىنلىككە تەلپۈنۈش ھېسسىياتىنى يۇقىرى بەدىئىي ماھارىتى بىلەن ئەكس ئەتتۈرگەن . شۇ سەۋەپلىك ، شائىر ئوردا ئەمەلدەرلىرى بىلەن ئوردا شائىرلىرىنىڭ دىتىغا ياقماي، ئوردىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان. تارىخىي كىتابلاردا قەيت قىلىنىشىچە، رۇداكى خان ئوردىسىدىن ئەما قىلىپ ھەيدەلگەن ۋە تۇرمۇشى تولىمۇ غۇربەتچىلىكتە ئۆتكەن.

«ئەل ئەنسىرى» ناملىق كىتابتا خاتىرىلىنىشىچە، رۇداكى ئوردىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئانا يۇرتى رۇداكقا قايتىپ كەلگەن. يوقسۇللۇق ۋە كېسەللىك دەردىدە بىر قانچە يىل غېرىپلىق تۇرمۇشىنى ئۆتكۈزۈپ، مىلادىيىنىڭ 941-يىلى 90 يېشىدا ۋاپات بولغان ۋە يۇرتى رۇداكقا يەرلىككە قويۇلغان. ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن، تەكشۈرۈش ئارقىلىق رۇداكىنىڭ قەبرىسى تېپىلغان ھەمدە قايتىدىن ياسالغان. تاجىك يازغۇچىسى سەدىردىن ئەينىنىڭ «رۇداكى قەبرىسى توغرىسىدا» ناملىق تەتقىقات ماقالىسىمۇ شۇ چاغدا يېزىپ ئېلان قىلىنغان. شائىرنىڭ «قېرىلىق پىغانى» دېگەن شېئىرىدىنمۇ رۇداكىنىڭ پۈتكۈل ھاياتىنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولىدۇ:

ناخشا ئېيتتىم ئۇ چاغدا مىسلى بۇلبۇل خۇشناۋا،

قانات قېقىپ بۈركۈتتەك، پەرۋاز ئەيلەپ سامادا.

ئىدىم پۇقرا سىردىشى، مالاي سۇلتان ئالدىدا،

خىيال چەككەن خۇراسان، بېيىتى رۇداك ياڭرىسا.

ئەر ۋە ئايال، قېرى-ياش، دوستۇ-دۈشمەن ھەممىسى،

لەززەت ئالغان شېئىرىمدىن، گۆھەر بىلىپ بىباھا.

كاتتا زاتلار مېھمان قىلىپ، بېرەر ئىدى زىياپەت،

نازۇ-نېمەت، مەي-شاراپ، تولغان ئىدى داستىخانغا.

ئۆتتى ئۇنداق زامانلار، رۇداك ئەمدى مويسىپىت،

ھاسا تاياق قولىدا، دىۋانىدۇر بىناۋا.

 

2. رۇداكى شېئىرلىرىنىڭ ھەجمى ۋە مەزمۇنى

12-ئەسىردە ئۆتكەن تاجىك شائىرى رەشىد سەمەرقەندىنىڭ رۇداكى توغرىسىدىكى تەتقىقاتىدىن قارىغاندا، «ئۇ ئۆمرىدە ئەڭ ئاز ھېسابلىغاندىمۇ، بىر مىليون 300 مىڭ مىسرا شېئىر يازغان.» 12-ئەسىرنىڭ ئاخىرى 13-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياشىغان تاجىك يازغۇچىسى مۇھەممەت ئەۋفىي «رۇداكى ھاياتىدا جەمئىي 300 شېئىرىي دىۋان يازغان.» دەپ كۆرسەتكەن. ئادەتتىكى تارىخىي كىتابلاردا رۇداكى بىر مىليون مىسرا ئەتراپىدا شېئىر يازغان دېيىلگەن.

بۇ سانلارنىڭ چىنلىقىغا بىرنېمە دېگىلى بولمايدۇ. بەزى تەتقىقاتچىلار: رۇداكى شېئىرلىرىنىڭ سانى بىر مىليون 300 مىڭ مىسراغا يېتىپ بارىدۇ. لېكىن شۇنچىۋالا زور ھەجىملىك شېئىرنى ئۇ ئۆزى يازغان بولماسلىقى مۇمكىن، باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ يازغان بولسا كېرەك دېيىشىدۇ. قىسقىسى، رۇداكى شېئىرلىرىنىڭ سانى توغرىسىدا تا ھازىرغىچە بىرلىككە كەلگەن پىكىر تېخى شەكىللەنگىنى يوق. لېكىن، رۇداكىنىڭ بىر ئۆمرىدە ئىنتايىن كۆپ شېئىر يازغانلىقى، شېئىرلىرىنىڭ سانىنىڭ ھەقىقەتەن ناھايىتى كۆپلۈكى، بۇ ھەقتە، شېئىرىيەت تارىخىدا، رۇداكىنىڭ تەڭدىشى يوقلۇقىنى ئىسپاتلايدىغان ماتېرىياللار خېلى كۆپ، بىراق، ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، جاھالەتلىك فېئۇدالىزم دەۋرىدىكى دىنىي مەزھەپلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان مەدەنىيەت تېررورلۇقى بىلەن 12-ئەسىردىكى چىڭگىزخان ئىستىلاسى كەلتۈرۈپ چىقارغان مەدەنىيەت دەپسەندىلىكى تۈپەيلى، رۇداكىنىڭ شېئىرىي مىراسلىرى ۋە باشقا ئەسەرلىرى قاتتىق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، بۈگۈنكى زامانىمىزغا ئۇنىڭ ئاران ئىككى مىڭ مىسرادىن ئارتۇقراق شېئىرىلا يېتىپ كەلگەن. شائىرنىڭ مۇشۇ ئازغىنە شېئىرىدىنمۇ شۇ دەۋردىكى شېئىرلارنىڭ ھەممە شەكىللىرىنى، ئۇنىڭ ئاجايىپ شېئىرىي تالانتىنى ھەمدە ئىدىيىۋى خاھىشىنى ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

ئىدىيىۋى مەزمۇن جە ھەتتە، رۇداكى شېئىرلىرىنىڭ تېماتىك مەزمۇنى ئىنتايىن چوڭقۇر بولۇپ، چوڭ جە ھەتتىن ئالغاندا، شائىر ئۆز شېئىرلىرىدا، ئۆزىنىڭ تەبىئەت، جەمئىيەت ۋە ئالەم قارىشىنى بايان قىلغان. ئادەتتىكى جەھەتلەردىن قارىغاندا ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا، تۇرمۇشنىڭ ئەڭ ئاساسلىق تەرەپلىرى بولغان كىشىلىك ھايات ۋە مۇناسىۋەت، ئەدەپ-ئەخلاق، مۇ ھەببەت-نەپرەت، دىنىي ئېتىقاد، پەرز-پەرھىز قاتارلىقلار چوڭقۇر ئەكس ئېتىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە شائىرنىڭ گۈزەل غايىۋى تۇرمۇش ھەققىدىكى ئىدىيىسىمۇ مۇپەسسەل ئىپادىلەنگەن. بۇنىڭدىن مىڭ يىللار ئىلگىرى، فېئۇدالىزم تۈزۈمى مۇتلەك ئۈستۈنلۈكتە تۇرغان، دىن رۇھانىيلىرى __ كالامىزم ئېقىمى ھەممە يەرنى كونترول قىلىۋالغان قىيىن مۇ ھىتتا شائىر ئىلىم-پەن، خەلقچىلىق، تەرەققىيپەرۋەرلىك ۋە ئىنسانپەرۋەرلىكنىڭ تۇغىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، كالامىزمغا قارىمۇقارىشى بولغان پەلسەپە ئىدىيىسى ۋە قارىشىنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق يازغان:

تەبىئەتنىڭ قانۇنى شۇ ئەلمىساقتىن،

چەرخى گەردىش ئايلىنىدۇ قالماس توختاپ.

ئاغرىق-سىلاق دەردكە داۋا بولۇر دورا،

ئەمما يەنە كەلتۈرەر ئۇ باشقا ئازاب.

كائىناتتا ئۆتتى كۈن-تۈن تېز ئالمىشىپ،

كونا ئورنىنى يېڭى باستى دەرھال شۇ تاپ.

بىنا بولدى باياۋاندا گۈل-چىمەنزار ،

تولدى قۇمغا ئەزار بوستان بولدى خاراب.

شائىرنىڭ ئىنساننىڭ ماھىيىتى، ئورنى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك تەلىماتى، ئىنساننىڭ بەخت-سائادىتى، ئىلىم-پەننىڭ ئىنسانىيەت ھاياتىدىكى بۈيۈك رولى توغرىسىدىكى ئىدىيىسى ۋە نەسىھەتلىرى بايان قىلىنغان مەسنەۋىيلىرى ئۇرغۇلۇق جۈملە ۋە گۈزەل ئەقلىيىلەر بىلەن تولغان، شۇڭا ئۇ كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش تىلىغا ئايلىنىپ قالغان. مەسىلەن:

*

بولدى شېئىرىيەت خەزىنىسى ئاتەشلىك قەلبىم مېنىڭ،

نىشانەم ۋە ئىزلىرىم بولۇر ئاددىي شېئىرىم مېنىڭ.

*

 

ئادەمدىن يۇقىرى تۇرىدۇ ئالەم،

بىلىم توپلىماققا موھتاجدۇر ئادەم.

*

 

ئادەملەر ئەقلىنىڭ چىرىقى __ ئىلىم،

بالادىن ساقلىنىش يارىقى __ ئىلىم.

*

 

ئىلىمدىن يۇقىرى خەزىنە بولماس،

قولۇڭدىن كەلگۈنچە يىغالمىساڭ، بەس.

*

 

ئۇ بىلىم ئېلىش ھەققىدە كىشىلەرگە نەسىھەت قىلغاندا، مۇنداق يازغان:

 

ئەقىدە بىلەن ھەردەم ھاياتتىن ئالمىساڭ تەلىم،

جاھاندا تېپىلمايدۇ ساڭا ئۇستاز ۋە ئالىم.

*

 

دىلىڭدا جان قىلىپ ساقلىساڭ ئۇنى،

ھاياتىڭ دېمەكتۇر جەننەتنىڭ ئۆزى.

*

شائىرنىڭ تەبىئەت مەنزىرىسى ھەققىدىكى تەسۋىرىي شېئىرلىرى ئىنتايىن سەمىمىي ۋە گۈزەل بولۇپ، ئوقۇغاندا ئادەمگە بىر خىل ئېستېتىك زوق بېغىشلايدۇ. بۇ ئۇنىڭ «يېڭى باھارغا مەدھىيە»، «ئاپئاق قار»، «گۈل»، «يايلاق»، «شەبنەم»، «تۇلپار»، «قەلەم» قاتارلىق شېئىرلىرىدا ئالاھىدە گەۋدىلىنىدۇ .

*

باھاردا بۇلۇت ياش تۆكسە بول شادىمان،

بۇ سۈپەت يىغىنىدىن ھەممە ياق بوستان.

*

رۇداكىنىڭ مۇھەببەت لىرىكىلىرىدا ئەمگەكچى خلق ئاممىسىنىڭ پاك-ساپ ئىنسانىي مۇ ھەببىتى گۈزەل مىسرالار ئارقىلىق تولىمۇ ھېسسىياتلىق ئىپادىلەنگەن. فېئۇداللىق نىكاھ تۈزۈمى قاتتىق ئەيىبلەنگەن. بۇنىڭغا شائىرىڭ «كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان ئايال شاھ»، «مۇھەببەتنىڭ تەمى»، «كۆز قىيمىغان ئايرىلىش»، «پۇشايمان»، «مۇ ھەببەت دانىشمىنى»، «مۇ ھەببەت ۋە قەسەميات» قاتارلىق لىرىكىلىرى مىسال بولالايدۇ.

رۇداكىنىڭ شېئىرىيەتتىكى يۈكسەك تالانتى بىلەن ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى تاجىك خەلقى ئارىسىدا كەڭ تارقالغان رۇداكى ھەققىدىكى رىۋايەتلەر ئىچىدىكى مۇنۇ قىزىقارلىق رىۋايەتتىنمۇ كۆرگىلى بولىدۇ .

رىۋايەت قىلىنىشىچە، سامانىيلار سۇلالىسىنىڭ شاھى ناسىر ئىبنى ئەھمەد سامانى ( مىلادىيە 913 —- 943-يىللار تەختتە ئولتۇرغان) بىر قېتىم كۆڭۈل ئېچىش مەقسىتىدە بۇخارادىن ھىراتقا كېلىپ، ئۇزۇنغىچە تۇرۇپ كېتىدۇ. ئوردا ۋەزىرلىرى، ئەمەلدارلىرى ۋە باشقا ئابرويلۇق زات-مۆتىۋەرلەر ھىراتقا كېلىپ، شاھنى بۇخاراغا قايتىش ھەققىدە كۆپلىگەن دەۋەتلەرنى قىلغان بولسىمۇ، ھېچقايسىسى ئاقمىغان. بىر كۈنى ئاقىللاردىن بىرى رۇداكىنى شاھقا نەسىھەت قىلىشقا ئەۋەتىش تەكلىپىنى بېرىدۇ. رۇداكى شاھ بىلەن كۆرۈشىدۇ ھەم شاھنى سۈپەتلەپ بىر شېئىر تۇقۇپ ئوقۇپ بېرىدۇ. شاھ شېئىرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، دىلى باشقىچە يايراپ، ھاياجانلانغىنىدىن ھەتتا بىر پاي ئۆتۈكىنى كىيىشنىمۇ ئۇنتۇپ قېلىپ، تۇلپارىغا مىنىپ، بۇخاراغا قاراپ يولغا ئاتلىنىدۇ.

شېئىرنىڭ تېكىستى مۇنداق:

ئەسلىدۇق سېنى دىللاردا، قېنى جۇئى مۇلىيان،

ئايرىلىپ قالغاچقا بىزدىن، ئاشۇ يار-دوست مېھرىبان.

ئاشۇ جەيھۇن قۇملىرىدە ماڭمىقىمىز بەكمۇتەس،

سەزدىم ئۇنى ئاستىمدا گويا ئەتلەستەك بۇئان،

قېنى ئەي جەيھۇن تەييارلان: دوستنى كۈت بولغىن خۇشال،

سەكرىسۇن دولقۇنلىرىڭدىن ئارغىماقلار شادلىنىپ.

ئەي بۇخارايى شەرىف سەن، ناخشا ئيتقىن ساز چېلىپ،

چۈنكى ساڭا خۇش بېقىپ، شا ھىم كېلۇر خۇشال-خۇرام .

شاھىمىز ئايغا مىسالدۇر، سەن گويا چەكسىز دالا،

ئاي نۇرى پارلار دالادا، تۈن كېچىدە بىگۇمان.

سەن چىمەن بولساڭ بۇخارا، شاھ گويا شەمشاد ئۆزى،

كۈت خۇشال شەمشەدنى سەن، ئەي چىرايلىق گۈل ماكان.

 

دەرۋەقە، بىر پۈتۈن ساپ ئالتۇن بولمىغىنىغا ئوخشاش، مۇتەپەككۇر شائىر رۇداكىنىڭ شېئىرلىرىدا پاسسىپ ئامىللارمۇ يوق ئەمەس. شائىرنىڭ ئىجتىمائىي ئورنىنىڭ ئۆزگىرىشچانلىقى تەبىئىي ھالدا ئۇنىڭ ئىدىيىۋى كۆز قارىشىدا قىسمەن پاسسىپ ئامىللارنى ئېلىپ كەلگەن. بۇ تەرەپ ئۇنىڭ شا ھلار قەسىدىلىرىدە گەۋدىلىك كۆرۈلىدۇ. رۇداكى گۇمانىزملىق شائىر بولسىمۇ، بەزىدە يەنە «تەقدىرچىلىك» پاتقىقىغىمۇ پېتىپ قالغان. لېكىن بۇلار شائىرنىڭ شانۇ-شەۋكىتىگە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. چۈنكى شائىر شۇ زامان ۋە ماكاندىن ھالقىپ كېتەلمەيدۇ.

3 . رۇداكىنىڭ شېئىرىيەتتىكى تۆھپىسى ۋە تەسىرى

مىلادىيە 9-ئەسىردىن 11-ئەسىرگىچە خۇراسان تاجىك شېئىرىيىتىنىڭ مەركىزى ئىدى. ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئىراننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدىن كۆپلىگەن ئاتاقلىق شائىرلار خۇراسانغا توپلاشقانىدى. تاجىك شېئىرىيىتى تارىخىدا، مۇشۇ دەۋردىكى شېئىرىيەت «خۇراسان شېئىرىيىتى»، مۇشۇ دەۋردە بارلىققا كەلگەن شائىرلار «خۇراسان شائىرى»، مۇشۇ دەۋرنىڭ شېئىرىيەت ئۇسلۇبى «خۇراسان ئۇسلۇبى» دەپ ئاتالسا، شائىر رۇداكى «خۇراسان شېئىرىيىتىنىڭ ئاتىسى»، «خۇراسان شائىرلىرىنىڭ سەركەردىسى»، «خۇراسان ئۇسلۇبىنىڭ ياراتقۇچىسى» دەپ سۈپەتلىنىدۇ. شۇ سەۋەپتىن، مۇشۇ دەۋر شېئىرىيىتى تارىخىدا «خۇراسان ئۇسلۇبى» بىلەن «رۇداكى ئۇسلۇبى» مەنىداش ئۇقۇملار سۈپىتىدە قوللىنىلىدۇ.

رۇداكى ئۇسلۇبىنىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى شۇكى، شېئىرلىرىنىڭ قۇرۇلمىسى ئاددىي، مەركىزىي ئىدىيىسى ئېنىق، تىلى راۋان، شەكلى ئىخچام.

شائىرنىڭ تاجىك-پارىس شېئىرىيىتىدىكى تۆھپىسى تۆۋەندىكى نۇقتىلاردا ئىپادىلىنىدۇ:

بىرىنچىدىن، رۇداكى شېئىرلىرىنىڭ ئەسلىدىكى ئاساسى مول ۋە رەڭگارەڭ تاجىك ئەنئەنىۋى ئەل ئەدەبىياتىدىكى كۆپلىگەن شېئىرىي شەكىللەردۇر. ئۇ مۇشۇ شېئىرىي شەكىللەرنى ئىسلاھ قىلىپ ۋە ئۇلارنى ئومۇميۈزلۈك راۋاجلاندۇرۇپ، تاجىك يازما شېئىرىيىتىنى بېيىتتى. شۇڭا تاجىك شېئىرىيەت تارىخىدا، رۇداكى شېئىرلىرى تاجىك شېئىرىيىتىنىڭ خەلق نەخشا-قوشاقلىرىدىن ئۈلگە-ئۆرنەك ئېلىپ، يازما بەدىئىي شېئىرىيەتنىڭ يەنىمۇ گۈللىنىشكە قەدەم تاشلىغانلىقىنىڭ يارقىن ئىپادىسى دەيمىز. ئۇ تاجىك شېئىرىيىتىدە بۇرۇلۇش ھاسىل قىلغانلىقى ئۈچۈن، «تاجىك شېئىرىيىتىنىڭ بوۋىسى» نامىغا ئېرىشكەن.

ئىككىنچىدىن، خۇددى يۇقىرىدا ئېيتقىنىمىزدەك، رۇداكى تۇنجى قېتىم تاجىك ئەل ئەدەبىياتىدىكى ئەنئەنىۋى شېئىر شەكىللىرىنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئۆزگەرتىپ، قەسىدە، غەزەل، رۇبائىي، مەسنەۋى، ساتىرا قاتارلىقلارنىڭ تۇراقلىق شەكىل ئەندىزىسىنى تۇرغۇزدى ۋە مۇكەممەللەشتۈردى. ئۇ تاجىك يازما ئەدەبىياتىدا تۇنجى قېتىملىق داستانچىلىق يولىنى ئېچىپ، جا ھانغا مەشھۇر ھىندى-پارىس-ئەرەبلەرنىڭ پىرۇزا ئەسىرى «كەلىلە ۋە دەمىنە» نى داستانلاشتۇردى.

ئۈچىنچىدىن، ئۇ تاجىك ئەدەبىياتى تارىخىدا، تاجىك شېئىرىيەت تىلىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئەرەب تىلىنىڭ مونوپولىيىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا جەڭ ئېلان قىلدى. رۇداكى شەكىللەندۈرگەن دەرى تىلى تاكى يېقىنقى زامانغىچە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئەدەبىي تىلىغا ئايلانغانىدى.

تۆتىچىدىن، رۇداكى شېئىرلىرىنىڭ مەزمۇن دائىرىسى ناھايىتى كەڭ بولۇپ، ئۇنى ئەينى زامان ئوتتۇرا ئاسىيا ئىجتىمائىيىتىنىڭ بەدىئىي خاتىرىسى دېيىشكە بولىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ تەربىيىۋى رولى، بەدىئىي ئېستېتىك قىممىتى ۋە ئوتتۇرا ئاسىياشۇناسلىق تەتقىقاتىدىكى ماتېرىياللىق قىممىتى ناھايىتى زور.

رۇداكى ياشىغان دەۋر بىلەن بىزنىڭ دەۋرىمىز ئوتتۇرىسىدا 1150 يىلدەك ئۇزۇن مۇساپە بولسىمۇ، لېكىن بۈگۈنكى كۈندە، شائىرنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇغىنىمىزدا، ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ گۈزەللىكىنى، يېقىملىقلىقىنى ھېس قىلىمىز. شائىرغا بولغان ھۆرمىتىمىز، مۇھەببىتىمىز تېخىمۇ ئاشىدۇ.

رۇداكى شېئىرلىرىنىڭ ئىجتىمائىي تەسىرىگە كەلسەك، بىز بۇنىڭغا كلاسسىك ئەدىب-شائىرلىرىمىزنىڭ تىلى بويىچە جاۋاب بەرسەك كۇپايە قىلىدۇ.

9-ئەسىردە ئۆتكەن شائىر رەشىد سەمەرقەندى رۇداكىغا باھا بەرگەندە، ئۇنى شائىرلار ئىچىدىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان شائىر دەپ كۆرسىتىدۇ. ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئەگەر شېئىرىيەتتە بىرىنچى ئورۇن دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى شائىرغا مەنسۇپ بولىدىغان بولسا، رۇداكى شائىرلارنىڭ داھىيسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەڭ باشتىكى تۆردىن ئورۇن ئالىدۇ. مەن ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى سانىدىم. يۈز مىڭ مىسرادىن 13 قېتىم ۋە يەنە بىر قېتىم ساناپ چىقساڭ ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق بولۇشى مۇمكىن.»

تارىخچى ۋە شائىر ئەل بەھرامى رۇداكىغا نا ھايىتى يۇقىرى باھا بېرىپ: «شېئىرىيەت ساھەسىدە، رۇداكى زامانداشلىرى ئىچىدە بارماق بىلەن سانىلىدىغانلارنىڭ بىرى. مەيلى ئەرەبلەر، مەيلى پارسلار ئىچىدە بولسۇن ئۇنىڭغا تەڭ كېلىدىغان كىشىنى تاپقىلى بولمايدۇ » دېگەن .

تاجىك مۇتەپەككۇرى شائىرى ناسىر خىسراۋ (1004-1088) رۇداكى شېئىرلىرى ئۈستىدە توختالغاندا مۇنداق دېگەنىدى: «شېئىرلىرىمدىكى ئەقىل-پاراسەت بىلەن تولغان پەند-نەسىھەتلەرنىڭ بارلىقى ئاشۇ دانىشمەن ئەما شائىردىن كەلگەن.»

12-ئەسىردە ياشىغان شائىر ھاڭگانى (1126-1198) رۇداكى ھەققىدىكى بايانىدا مۇنداق دېگەن: «شېئىرىيەتتە مەنمۇ بىر تالانت ئىگىسى، يازغان شېئىرلىرىمنىڭ پىكرىمۇ خېلى چوڭقۇر، لېكىن رۇداكى بىلەن ئەنسارىگە سېلىشتۇرغاندا، شېئىرلىرىمدىن خىجىللىق ھېس قىلىمەن .»

دانىش شائىرلىرىمىزدىن ئەبۇلقاسىم فىردەۋسى (934-1025)، نىزامى گەنجىۋى (1141 – 1203 ) ، ھافىز شىرازى(1320 – 1389 )لارمۇ رۇداكىغا ناھايىتى يۇقىرى با ھالارنى بەرگەن ھەم ئۇنى ھۆرمەت بىلەن ئۇستاز دەپ ئاتىغان .

رۇداكى ۋاپات بولغاندا ، ئۇنىڭ زامانداش شائىرلىرىدىن بىرى مۇنداق مەرسىيە يېزىپ قالدۇرغان :

رۇداكى ئۆتتى دۇنيادىن ، ئۇنىڭ ئەقلى ھامان ئۆلمەس ،

تۆكۈلدى مۇسەللەسمۇ ، لېكىن ھىد پۇراق چاچقان .

ئۇ تەڭداشسىز بۇ ئالەمدە ، ئۇنىڭ جۈپتىن جا ھان كۆرمەس ،

ئۇنىڭدەك دانا شائىرنى قەيەردىن قايسىسى تاپقان .

 

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مائارىپ – پەن – مەدەنىيەت ئورگىنى 2007 – يىل 11 – ئايدا 34 – قېتىملىق يىغىن ئۆتكۈزۈپ ، 2008 —- 2009 – يىللىرىدا دۇنيا بويىچە 67 تارىخي شەخس ، ۋەقەلىك ۋە شە ھەرنى خاتىرىلەشنى قارار قىلدى . شائىر تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1150 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تاجىكىستان ، ئافغانىستان ، ئىران ۋە قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەر خاتىرىلەشنى ئىلتىماس قىلغان ئەبۇ ئابدۇللا رۇداكى (858 —- 941 ) ئېنگلىزچە ھەرىپ تەرتىپى بويىچە تىزىلغاندا ، تىزىملىكنىڭ 59- ئورنىغا قويۇلغان . تۈركىيە ئىلتىماس قىلغان مە ھمۇد كاشغەرى (1008 —- 1101 )بولسا تىزىملىكنىڭ 61 – ئورنىغا قويۇلغان .

رۇداكى ئەدەبىيات سا ھەسىدە يۈكسەك ئابروي ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇپلا قالماستىن ، بەلكى ئادەتتىكى خەلق ئارىسىدىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى شۆھرەت ۋە تەسىرگە ئىگە . ئۇ ۋاپات بولغاندىن تارتىپ تا ھازىرغا قەدەر ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئىران خەلقلىرى ئۇنى ياد ئېتىپ ، ئۇنى ئۇلۇغلاش ، ئەزىزلەش خاراكتېرىدىكى رىۋايەت، ناخشا-قوشاقلارنى توقۇپ، ئۇنىڭغا مەد ھىيىلەرنى ئوقۇپ كەلمەكتە. رىۋايەتلەر ئاساسىدىكى «چىڭگىزخان» ناملىق روماننىڭ باش قىسمىدىكى بىر دىئالوگدا، بىر دەرۋىش پېرسوناژنىڭ قىيىن چىرماش سوئالىغا رۇداكى سۈپەتلەنگەن بىر كوبلېت خەلق بېيىتى بىلەن جاۋاب بېرىپ مۇنداق دەيدۇ:

 

گەرچە شائىر رۇداكى —- مەشھۇر زامان شائىر.

ئەمما، غېرىپ دەرۋىشمۇ —- شائىردىن راۋان شائىر.

گەرچە رۇداكى ئۇستاز، مەپتۇنى جاھان شائىر،

ئەمما، سەھرا ئېلىگە دەرۋىش قەدىردان شائىر.

 

شائىرنى ئەسلەش يۈزىسىدىن ئىران بىلەن تاجىكىستاندا «رۇداكى كۇتۇبخانىسى»، «رۇداكى مۇزىيى» سېلىندى . ئۇنىڭ ۋاپاتىنىڭ 1000 يىللىقى تەنتەنىلىك خاتىرىلەندى.

2008-يىل ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، دۇنيا مىقياسىدا «دۇنيا رۇداكى يىلى» پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نيويوركتىكى باش شىتابىدا ئۆتكۈزۈلگەن رۇداكى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1150 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىغا ب د ت باش كاتىپى بان كىمون ۋە نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئەلچىلىرى قاتناشتى. ئىران، تاجىكىستان، ئافغانىستان، گېرمانىيە، جۇڭگو، ھىندىستان، پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە خاتىرىلەش يىغىنى، رۇداكى ئىلمىي مۇ ھاكىمە يىغىنى، سۆھبەت يىغىنى، كۆرگەزمە پائاليەتلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئىنسانىيەت پوئىزىيەت تارىخىدا 1 مىليون 300 مىڭ مىسرالىق شېئىر يازغان «شائىرلار ئاتىسى» رۇداكى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1150 يىللىقى خاتىرىلەندى.

رۇداكىنىڭ شېئىرلىرى دۇنيادىكى ئاساسلىق تىللارنىڭ ھەممىسىگە دېگۈدەك تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىندى. دۇنيادىكى چوڭ ۋە قورال خاراكتېرلىك ئەدەبىيات لۇغەتلىرى، ئىنىسكلوپىدىيىلەر، ئوكيانۇسلار ۋە مەشھۇر شەخسلەر تەرجىمىھالى لۇغەتلىرىنىڭ ھەممىسىدە رۇداكىغا ئاتاپ مۇناسىپ سەھىپىلەر بېرىلگەن.

ئېلىمىزدە رۇداكى شېئىرلىرىدىن پارچىلار خېلى بۇرۇنلا خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنىشقا باشلانغان. رۇداكى ھەققىدە نۇرغاۇن تونۇشتۇرۇش ماقالىلىرى بىلەن تەتقىقات ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان.

1958-يىلى رۇداكى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1100 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلىمىزدە «رۇداكى شېئىرلىرىدىن تاللانمىلار» مۇ نەشىر قىلىنغانىدى.

1982-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى «رۇداكى شېئىرلىرى» توپلىمىنى خەنزۇ تىلىدا نەشىر قىلىپ تارقاتتى.

2000-يىلى خۇنەن ئەدەبىيات-سەنئەت نەشرىياتى «پارىس كلاسسىك خەزىنىسى» نامىدا 18 توم (خەنزۇچە خەت بويىچە 6 مىليون خەتلىك) لۇق يۈرۈشلەشكەن كىتابلارنى خەنزۇ تىلىدا نەشىر قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە «رۇداكى شېئىرلىرى توپلىمى» (1 توم) بولۇشتىن سىرت، فىردەۋسىنىڭ «شاھنامە» سى (6 توم )، شەيخ سەئىدىنىڭ «گۈلىستان» (1توم) ۋە «بوستان» (1 توم) ئەسەرلىرى، مەۋلانە جالالىدىن رۇمىنىڭ «كۇللىيات مەسنەۋى» سى (5 توم)، ھافىز شىرازىنىڭ «غەزەل-لېرىكىلىرى» (2 توم)، ئۆمەر ھەييامنىڭ «رۇبائىيات» ى (2 توم) بار. بۇ پارىس كلاسسىك ئەدەبىي ئەسەرلىرىنىڭ جۇڭگو تىلىدا بىر قېتىمدىلا زور ھەجىمدە نەشىر قىلىپ تارقىتىلىشى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە بىر سىستېما قۇرۇلۇش جۇملىسىدىندۇر.

رۇداكى شېئىرلىرى شىنجاڭدىكى تاجىك، ئۇيغۇر، ئۆزبېك خەلقلىرى ئارىسىدىمۇ بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە. بۇ خىل تەسىر جۇڭگو تاجىكلىرى ئارىسىدا بىر قەدەر گەۋدىلىك. رۇداكىنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرى ئا ھاڭغا سېلىنىپ، ئېلىمىز تاجىك خەلق قوشاقلىرىنىڭ بىر تەركىبىي قىسمىغا ئايلانغان. ئۇنىڭ «دۈشمەن بىر بولسىمۇ ئۇنى كۆپ بىلگىن، دوستۇڭ مىڭ بولسىمۇ ئۇنى ئاز بىلگىن»، «دۈشمىنىڭ قىلدەك بولسىمۇ، پىلدەك بىل» دېگەندەك ئەقىلىيىلىرى ئېلىمىز تاجىكلىرى ئارىسىدا خەلق ماقەل-تەمسىلىگە ئەيلانغان. 1980-يىلىدىن كېيىن ئېلىمىز تاجىكلىرى ئىچىدىن بىر نەچچە تەتقىقاتچى رۇداكى ئىجادىيىتى ۋە ئۇنىڭ ئېلىمىز تاجىكلىرى ئارىسىدىكى تەسىرى توغرىسىدا تونۇشتۇرۇش ۋە تەتقىقات ماقالىلىرىنى يېزىپ ئېلان قىلدى.

 

پايدىلانغان ماتېرىياللار

1. «پارىس كلاسسىك خەزىنىسى» (18 توم)، خۇنەن ئەدەبىيات-سەنئەت نەشرىياتى 2002-يىل خەنزۇچە نەشرى.

2. جاڭ خۇي تەرجىمىسى: «رۇداكى شېئىرلىرى توپلىمى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1984-يىل خەنزۇچە نەشرى.

3 . «چەت ئەل ئەدەبىياتى»، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشىرياتى 1982-يىل 2-سان.

4 . «مەشھۇر چەت ئەل يازغۇچىلىرى»، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر نەشرىياتى، 1979-يىل نەشرى.

5 . «تاجىك ئەدەبىياتى»، تاجىكىستان دۆلەتلىك نەشرىياتى، 1959-يىل تاجىكچە نەشرى.

6 . مىرزازادە خالىق: «تاجىك ئەدەبىياتى تارىخى»، دۇشەنبە مائارىپ نەشرىياتى، 1987-يىل تاجىكچە نەشرى.

7 . شېرىن قۇربان، مەدەلىخان بالۇن، ئاتىكەن زەمىرى: «تاجىك ئەدەبىياتى تارىخى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2005-يىل ئۇيغۇرچە نەشرى.

8 . «جۇڭگو ئىنىسكلوپىدىيىسى» (چەت ئەل ئەدەبىياتى قىسمى)، 1982-يىل نەشرى.

9 . «چەت ئەل ئەدەبىياتى تارىخى»، جىلىن خەلق نەشرىياتى، 1980-يىل نەشرى.

10 . گېزىت-ژۇرناللاردىكى ئالاقىدار ماقالىلار، ئىلمىي ماقالىلار ۋە ماتېرىياللار.

مەنبە:ئوكيان

 

تۈرى :يازغۇچىلار | خەتكۈچ :

بۇ كىتابلارنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ :

ئوتلۇق نەپەسلەر ئوتلۇق نەپەسلەر
توزىماس گۈل توزىماس گۈل
ئاتامان ئاتامان
ھەزرىتى ئائىشە ھەزرىتى ئائىشە
باھادىرنامە(1~6) ناملىق تارىخى روماننىڭ يېڭى نەشىرى كەلتۈرۈلدى باھادىرنامە(1~6) ناملىق تارىخى روماننىڭ يېڭى نەشىرى كەلتۈرۈلدى

تورداشلارنىڭ ئىنكاسى

  1. ھازىرچە ئىنكاس يوق

  1. ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.