ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىدىن تامچە

ئاپتورى:مەمتىمىن يۈسۈپ

باھاسى:20.00

2000-يىلى7-ئاي 1-نەشرى

2000-يىلى7-ئاي 1-بېسىلىشى

ISBN:710504047

نەشرىياتتىن

مەمتىمىن يۈسۈپ 1927-يىلى قەشقەر شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن . باشلانغۇچ مەكتەپنى دارىلئېتامدا ئوقۇغان . 1943-يىلى قەشقەر پېداگوگىكا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ، ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان . 1956-،1957-، 1958-ۋە 1981-يىللىرى بېيجىڭدا مەركىزىي ئالىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ماركسىزملىق پەلسەپە ، سىياسىي – ئىقتىساد سىنىپىدا ئوقۇغان . 1945-يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتناشقان . ئىلگىرى ئاخىرى ئەخمەتجان قاسىمى نامىدىكى ئىلى تېخنىكوم مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى ، «ئويغان» گېزىتىدە مۇھەررىر بولغان . ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ بىخەتەرلىك بۆلۈمىدە ئۇيغۇرلارنىڭ جاھانگىرلىككە قارىشى تۇرۇش ۋە ئىدېئولوگىيە تارىخىنى تەتقىق قىلىش خىزمىتىگە قاتناشقان . 1950-يىلى 1-ئايدىن 1992-يىلى 1-ئايغىچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ، ئاپتونوم رايونلۇق پەلسەپە – ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر پەلسەپە ، ئىجتىمائىي ئىدېئولوگىيە تارىخى تەتقىقات ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئون ئىككى مۇقام تەتقىقاتى جەمئىيىتىنىڭ ، ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىيات فوندى جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن .

مەمتىمىن يۈسۈپ ئىنقىلابقا قاتناشقان چېغىدىن باشلاپلا ئۆزىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقات ھاياتىنى باشلىغان . ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «تۈنۈگۈن ۋە بۈگۈن» ، «تارىخىي ساۋاق» ، «بىلىم ۋە زىيارەت» ، «قەشقەر ساڭا » ، <«قۇتادغۇ بىلىك»نىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى يەشمىسى> ، «بەھرام گۆر» ، «دىۋانى مەشھۇرى»، «دىۋانى قىدىر» ، «باياز»(1) «باياز»(2) «ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى جەۋھەرلىرى» قاتارلىقلار بار .

يۇقىرىقى كىتابلار ئىلگىرى كېيىن مىللەتلەر نەشرىياتى ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ۋە قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىدا نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى . مەملىكەتلىك ۋە ئاپتونوم رايونلۇق گېزىت – ژۇرناللاردا 68 پارچە ئىلمىي ماقالىسى ، 76 پارچە شېئىرلىرى «بۇلاق» ، «تارىم » «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى » «غەربىي رايون تەتقىقاتى »، «شىنجاڭ گېزىتى» قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىندى .

مەمتىمىن يۈسۈپ 1986-يىلىدىن 1993-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئامېرىكا ، گېرمانىيە ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ، لىتۋا قاتارلىق ئالتە دۆلەتتە ئىلمىي زىيارەتلەردە بولۇپ ، خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ۋە ئىلمىي پائالىيەتلەرگە قاتناشتى ھەمدە بۇ خەلقئارالىق ئىلمىي يىغىنلاردا «ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدىن قىسقىچە بايان» ، «ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ شەرق ۋە غەرب بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى توغرىسىدا»، «<قۇتادغۇ بىلىك> جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى » ، «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى» قاتارلىق ئىلمىي ماقالىلىرىنى ئوقۇغان .

1996-يىلىدىن بۇيان 60 نەچچە نەپەر ھەر مىللەت ئالىم مۇتەخەسسىسىنى تەشكىللەپ ، «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى» (13 توم) ناملىق زور ھەجىملىك كىتابنى تۆت يىلدا ئۇيغۇرچە ، خەنزۇچە ، لاتىنچە نەشر قىلدۇرغان . 1992-يىلىدىن بۇيان ھەر مىللەت ئالىم ، مۇتەخەسسىسلىرىنى تەشكىللەپ ئون ئىككى مۇقام ۋە ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدىن 60 نەچچە خىل ، جەمئىي 77 مىڭ 800 دانە كىتابنى نەشر قىلدۇرغان . ئۇ بۇ كىتابلارنىڭ مۇھەررىرلىكىنى ، تەھرىر ھەيئەت مەسئۇللۇقىنى ئۈستىگە ئالغان .

كۆپ يىللاردىن بۇيان مەمتىمىن يۈسۈپ جۇڭگو ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ، ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ پەلسەپىسى قاتارلىق تەتقىقات ساھەلىرىدە قان – تەر ئاققۇزۇپ ،جاپالىق ئىشلەپ ، ئىلىم ئاشۇرۇش پائالىيەتلىرى ۋە يىغىنلىرى تەشكىللەپ ، قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىپ نەشرگە تەييارلاپ ، كۆپلىگەن ئەسەرلەرنى ئېلان قىلغان ، زور نەتىجە ياراتقان . ئۇ تەشكىللىگەن ھەر خىل ئىلمىي يىغىنلار ۋە ئېلان قىلىنغان ئىلمىي ماقالىلەر ، نەشر قىلدۇرغان كىتابلار يۇقىرى ئىلمىي قىممەتكە ، ئىجابىي ، تارىخىي ، رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە ، ئىجتىمائىي تەسىرى ياخشى بولۇپ ، ھەر مىللەت ئالىم ، مۇتەخەسسىسلىرى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن قارىشى ئېلىشىغا ئېرىشتى .

مەمتىمىن يۈسۈپ ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى ئۈچۈن كۆپ ئەجىر سىڭدۈرۈپ ، جاپالىق تەر ئاققۇزغان ھۆرمەتكە سازاۋەر تەتقىقاتچىدۇر . ئۇ «دۇنيا مەدەنىيىتىدە نەتىجە ياراتقان مەشھۇر كىشىلەر قامۇسى» نىڭ ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ۋە «دۇنيا مەدەنىيىتىدىكى مەشھۇر كىشىلەر» ناملىق قامۇستا تونۇشتۇرۇلغان .

تۈرى :ئەدەبىي ئەسەرلەر, ئۇيغۇرچە كىتابلار | خەتكۈچ :

بۇ كىتابلارنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ :

شەھلانىڭ شەھىرى شەھلانىڭ شەھىرى
يېڭى ھايات يېڭى ھايات
ئامەت ۋە ئاپەت ئامەت ۋە ئاپەت
سىرلىق ئەرۋاھ سىرلىق ئەرۋاھ
توي كېچىسىنى سېتىۋالغان ئادەم توي كېچىسىنى سېتىۋالغان ئادەم

تورداشلارنىڭ ئىنكاسى

  1. ھازىرچە ئىنكاس يوق

  1. ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.