سېرىق ئەتىرگۈل

سېرىق ئەتىرگۈل

ئاپتورى:ياسىن ئىسمايىل  ئەلتىرەش<1-بەتتىن 202-بەتكىچە>

ئاپتورى: رەشىدە سېيىت<203-بەتتىن 423-بەتكىچە>

باھاسى:35.00

2011-يىل 7-يىل1-نەشرى

2011-يىل7-ئاي 1-بېسىلىشى

تىراژى:3000

İsbn:9787563124824.

بەت سانى:423

بىر جۈپ ئەتىرگۈل يانار ئىجاد ئىشقىدا

   يېقىندا مەن ئەدەبىيات گۈلزارىمىزدىكى گۈلى گۈلىگە ماس كەلگەن  بىر جۈپلەر- ياسىن ئىسمايىل  ئەلتىرەش بىلەن رەشىدە سېيىت خانىم نەشىرگە بېرىش ئۈچۈن تەييارلىغان بىرلەشمە شېئىرلار توپلىمى-« سېرىق ئەتىرگۈل»نىڭ يازما ئورگىنالىنى بىر قۇر كۆرۈپ رەتلەپ چىقتىم . توپلامغا ئىككەيلەننىڭ  قولىغا قەلەم ئالغاندىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر يېزىلغان بىر قىسىم شېئىرلىرى تاللاپ كىرگۈزۈلگەن ، بۇنى ئۇلار بىرلىكتە بېسىپ ئۆتكەن 30يىللىق ئىجادىيەت مۇساپىسىنىڭ مۇجەسسىمى دېيىشكە بولاتتى . شېئىرلار ئۆزىگە خاس پۇرىقى ۋە رەڭدارلىقى بىلەن مېنى زوقلاندۇرۇپ ،كۆڭلۈمگە ھوزۇر بېغىشلىدى .بىر نەچچە كۈنگىچە قولۇمدىن چۈشۈرمەي ئوقۇپ تۈگەتتىم

-ھاجى ئەھمەد كۆلتېگىن

ئاپتورنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى

   ياسىن ئىسمايىل  ئەلتىرەش 1960-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان  .1983-يىلى 2-ئايدا قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل –ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتكۈزۈپ قەشقەر ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان  .ئۇ ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى ، قەشقەر ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتى ، شېئىرىيەت ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ  ئەزاسى .

   ئاپتورنىڭ تۇنجى شېئىرى «ئەتىمىز گۈزەل »1978-يىلى« قەشقەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان . ئۇنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرى «ئۈمىدچېچەكلىرى» ، «بۇلبۇل ناۋاسى» ، «ئۆركەش» قاتارلىق كوللېكتىپ شېئىرتوپلاملىرىغا ۋە دەرسلىككە كىرگۈزۈلگەن . بەزى شېئىرلىرى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ «جۇڭخۇا شېئىرىيەت مەجمۇئەسى» ، «شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەت ئەدىبلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدىن تاللانما» ناملىق كىتابلاردا تونۇشتۇرۇلغان . بىر قانچە پارچە شېئىرى قازاقىستان مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنغان .1991-يىلى ئاپتورنىڭ «كېپىنەك قىز»ناملىق شېئىرلار توپلىمى نەشر قىلىنغان .

شائىرنىڭ «سامادىن چۈشكەن ناخشىلار» ، «ئامرىقىم» ، «سەھرا قىزى» ناملىق شېئىرلىرى ھەر  دەرىجىلىك  مۇكاپاتلارغا  ، «ماختانچاق موزاي» ، «ئارزۇيۇم» قاتارلىق شېئىرلىرى  ئەدەبىي ئوبزورچىلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن .

بۇ توپلامغا  شائىرنىڭ ئۆتكەن ئەسىردىكى 80-يىللىرىدىن ھازىرغىچە ئېلان قىلىنغان بىر بۆلۈك شېئىرلىرى كىرگۈزۈلدى .

ئاپتورنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى

رەشىدە سېيىت  1960-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان  .1983-يىلى 2-ئايدا قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل –ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتكۈزۈپ قەشقەر ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان  .ئۇ ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى ، قەشقەر ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتى ، شېئىرىيەت ئىلمىي جەمئىيىتى،تىل – ئەدەبىيات تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ  ئەزاسى .

شائىرەنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى 1978-يىل « قەشقەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «مەڭگۈ باھار يۇرتىمىزدا» ناملىق شېئىرى بىلەن باشلانغان . ھازىرغا قەدەر ئۇنىڭ 600 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى . 10 پارچىدىن ئارتۇق ئەلمىي ، نەزەرىيەۋى ماقالىسى ، 50 پارچىدىن ئارتۇق نەسىر ۋە بالىلار ھېكايىسى  ئىلان قىلىنغان . بىر بۈلۈك شېئىرلىرى «بۇلبۇللار نەزمىسى»، «ئۆركەش»، «ئارزۇ بوستانى» ، «گۈزەل ئارزۇلار» ، «سۈزۈك بۇلاق» «قەشقەردە توي» قاتارلىق شېئىرلار توپلاملىرىغا ، دەرسلىككە كىرگۈزۈلگەن . «تەبىئەت مېنى سۆي مېنى ئەركىلەت » ، «باھاردىكى نازاكەت» ، ناملىق شېئىرلىرى ، «رەڭدار چىراغلار ئارىسىدىكى تىراگېدىيەلىك ئارمانلار» ناملىق ماقالىسى ھەرخىل مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن . «بېدىلىكتىكى ھەسرەت» ، «ئىڭە ، ئىڭە قانداق جاھان بۇ» ، «تۇمارىس» ناملىق ئەسەرلىرى ئەدەبىي ئوبزورچىلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن .

بۇ توپلامغا  شائىرەنىڭ ئۆتكەن ئەسىردىكى 80-يىللىرىدىن ھازىرغىچە ئېلان قىلىنغان بىر بۆلۈك شېئىرلىرى كىرگۈزۈلدى .

تۈرى :ئۇيغۇرچە كىتابلار, شېئىر-نەسىرلەر | خەتكۈچ :,

بۇ كىتابلارنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ :

قىزلار ئەڭگۈشتەرى قىزلار ئەڭگۈشتەرى
شىنجاڭدىكى 50 يىلىم شىنجاڭدىكى 50 يىلىم
خەمسە خەمسە
ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى(1-،2-قىسىم) ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى(1-،2-قىسىم)
قىسەسۇل ئەنبىيا قىسەسۇل ئەنبىيا

تورداشلارنىڭ ئىنكاسى

  1. ھازىرچە ئىنكاس يوق

  1. ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.