سوغۇق تام
ئاپتورى:مۇھەممەتئېلى ھېلىم
باھاسى:15.50
2000-يىلى 12-ئاي 1-نەشرى
2000يىلى 12-ئاي 1-بېسىلىشى
تىراژى:1-3000
ISBN:7228062736
مۇھەررىردىن
ياش يازغۇچى مۇھەممەتئېلى ھېلىم 1968-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى بورتالا شەھىرىنىڭ تۈگمەنبېشى يېزىسىدا ئىشچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1988-يىلى بورتالا ئوبلاستلىق دارىلمۇئەللىمىننىڭ تىل ئەدەبىيات تېخنىكومىنى ، 1996 يىلى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ ئىمتىھان بەرگۈچىلەر بويىچە تىل – ئەدەبىيات ئالىي تېخنىكومىنى پۈتتۈرگەن. ھازىر بورتالا شەھەرلىك 7-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىشلەۋاتىدۇ.
ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى «بورتالا گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان «ناخشا » ھېكايىسى بىلەن باشلانغان . ھازىرغىچە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى گېزىت – ژۇرناللاردا «يولدىكى ئىلتىجا» ، «ئۈششۈك پەسلى» ، «تەبىرسىز چۈش» ، «سوغۇق تام» ، «روھىي چۈشكۈنلۈك ۋە زەئىپ ھالەت» ، «ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى زىددىيەتنىڭ رولى» قاتارلىق ئاتمىش پارچىدىن ئارتۇق پوۋېست ، ھېكايە ،نەسر ، ئىلمىي ماقالىلىرى ھەمدە«تۇماندىكى غېرىبلىق» ، «تەنھالىق» ، «دۇنيا» قاتارلىق قىرىق پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى ئېلان قىلىنغان . يازغۇچىنىڭ مىللىي روھىمىزدىكى كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان نېگىزلىك ئامىللار بىلەن كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغان ھالقىلىق ئاجىزلىقلارنى ئىنقىلاب ۋە ئورۇش سەھنىسى ئىچىگە قويۇپ يورۇتۇپ بەرگەن «قانغا بويالغان سايرام» ، رومانى نەشردىن چىققاندىن كېيىن كۆپلىگەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.
يازغۇچىنىڭ بۇ توپلامغا كىرگۈزۈلگەن «يولدىكى ئىلتىجا» ، «ئۈششۈك پەسلى» ، «سوغۇق تام» ، «ئازابلانغان ئەقىدە» قاتارلىق پوۋېست ، ھېكايىلىرىدە بىر قىسىم كىشىلەر ئارىسىدا كۈنسېرى يىراقلىشىۋاتقان ئىزگۈ مۇھەببەت ، پارچىلىنىۋاتقان ئىنسانىي تويغۇ مۇزلاۋاتقان يۈرەكلەر پايخان بولۇۋاتقان ئەقىدىلەرنىڭ يىمىرىلىشى ئازابلىق سۈكۈتلۈك بىلەن ئىپادىلەنسە «ئىسيانكار» ، «سىقىلىش» ، «تەبىرسىز چۈش» لەردە قۇرغاقلىشىۋاتقان ، ئۆزىمىزنىڭ ئەسلىي ماھىيىتىدىن چەتنەۋاتقان روھىمىزنىڭ دۇنيا بىلەن ئەقىدە جەھەتتىن سىغىنىش ھاسىل قىلالمايۋاتقان . «مۇھەممەد خىيالىي» دا ھاياتنىڭ قايغۇلۇق كۆرۈنۈشلىرى مونتاژ شەكلىدە كىرىشتۈرگەن .
يازغۇچىنىڭ بۇ توپلامغا كىرگۈزۈلگەن پوۋېستلىرىنىڭ نەتىجىلىك تەرەپلىرى بىرلا خىل ئۇسلۇبتا ئەكس ئەتكەن ، بەلكى يازغۇچىنىڭ ئىپادىلەش سەنئىتى بىر قەدەر يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكەن . رېئاللىق ، چۈش ، خىيالىي تۇيغۇ ، گۇڭگا مەنە قاتلاملىرى تەپەككۇر بوشلۇقلىرىدا چەكسىزلىك ، «تۇز تەم» لىك پەيدا قىلالىغان . خۇددى يازغۇچى ئۆزى ئېيتقاندەك : «ھەقىقىي ئەسەر يازغۇچىنىڭ ئازابلىق روھىدىن چىن ۋىجدانغا يۇغۇرۇلۇپ تۆرىلىدۇ ھەم ئوقۇرمەنلەر قەلبىدە مۇڭلۇق ئويغىنىش كۈيىنى چالالايدۇ».
تورداشلارنىڭ ئىنكاسى
ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.
ھازىرچە ئىنكاس يوق