ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي خەلقلەر تارىخى توغرىسىدا ئون ئىككى لېكسىيە

ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي خەلقلەر تارىخى توغرىسىدا  ئون ئىككى لېكسىيە

ئاپتورى:ۋ.ۋ.بارتولد(سوۋېت ئىتتىپاقى)

باھاسى:28.00

2010-يىلى 6-ئاي 1-نەشرى

2010-يىلى 8-ئاي 2-بېسىلىشى

تىراژى:3001-6000

ISBN:9787105101382

                                                                                كىرىش سۆز

     قولىڭىزدىكى بۇ كىتاب «ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي خەلقلەر تارىخى توغرىسىدا  ئون ئىككى لېكسىيە» ناملىق كىتاب تەرجىماننىڭ «يەتتە سۇ تارىخى ئوچېركلىرى» ، «9-12-ئەسىردىكى ئۇيغۇر دۆلەتلىرى» ،«10-14-ئەسىردىكى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي تۈزۈمى» ، «ئۇيغۇرلار ۋە غەربىي يۇرتتىكى باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ قىسقىچە تارىخى» قاتارلىق ئەسەرلەردىن كېيىنكى ، رۇسچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە سۇنغان بەشىنچى كىتابىدۇر . بۇ ئەسەرنىڭ تەرجىمىسى يېڭى جۇڭگونىڭ تۇنجى ئەۋلاد ئۇيغۇر دىپلوماتى ، رۇس تىلى تەرجىمە مۇتەخەسسىسى . شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى تارىخى پەنلىرى تەتقىقاتچىسى ئۇيغۇر سايرانى ئەپەندى تەرىپىدىن ئىشلەنگەن . بۇ ئەسەرنىڭ تەرجىمىسىنى كۆچۈرۈپ رەتلەش ، بېكىتىش خىزمەتلىرى . شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى تارىخى پەنلىرىنىڭ كاندىدات ئالىي تەتقىقاتچىسى ھەبىبۇللا خوجا لەمجىنى تەرىپىدىن ئىشلەنگەن . مەزكۇر ئەسەر «بارتولد ئەسەرلىرى» نىڭ 5-تومىغا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ ، 5-توم 1968-يىلى موسكۋادا نەشر قىلىنغان .

    1.« ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي خەلقلەر تارىخى توغرىسىدا ئون ئىككى لېكسىيە» ناملىق بۇ كىتابنىڭ مەيدانغا كېلىش ئەھۋالى :

    1926-يىلى 2-ئايدا ۋ.ۋ. بارتولد باكۇ شەھىرىدە ئېچىلغان پۈتكۈل سوۋېت تۈركولوگلار  بىرىنچى قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان ۋە قۇرۇلتايدا :«تۈركىي خەلقلەرنىڭ تارىخى ۋە ئۇنى تەتقىق قىلىشتا ئالدىمىزدا تۇرغان مۇھىم ۋەزىپىلەر» دېگەن تېمىدا مۇھىم دوكلات بەرگەن . ئۇ دوكلاتىدا تۈركى خەلقلەر تارىخىنىڭ بىر قەدەر ئۇزاقلىقى ، چېتىلىش دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقىنى پەۋقۇلئاددە ماھىرلىق بىلەن يىغىنچاقلاپ  كۆرسىتىپ بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، بۇ ساھەدىكى تەتقىقاتنى تېخىمۇ كەڭ  ، ئەتراپلىق قانات يايدۇرۇش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ پۈتكۈل تۈركولوگلارنىڭ ئالدىغا قويۇلغان مۇھىم ۋەزىپىلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان . يىغىن ئىشتىراكچىلىرى ۋە شۇلارنىڭ بىرى بولغان ئالىم س . ف . ئولدېنبۇرگ قاتارلىقلارمۇ ئاكادېمىك بارتولدنىڭ دوكلاتىغا ناھايىتى يۇقىرى باھا بەرگەن .

    دەل شۇ يىلى – 1926-يىلى 2-ئايدا تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئاكادېمىك بارتولدنى تۈركىيىگە كېلىپ ، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىدا لېكسىيە سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلغان . بارتولد بۇ تەكلىپنى مەمنۇنلۇق بىلەن قوبۇل قىلغان ۋە جىددىي ، ئەتراپلىق تەييارلىققا كىرىشىپ ، 6-ئايدا تەييارلىقنى پۈتتۈرگەن . بارتولدنىڭ ئۆزىنىڭ يېزىشىچە ، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇش مەۋسۇمى ئاخىرلاشقان مەزگىلگە توغرا كېلىپ قالغاچقا ، مەزكۇر  «لېكسىيىگە» ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچى – ئۇستازلىرى ، بىر  قىسىم ستۇدېنتلار ۋە «لېكسىيە» گە قىزىققۇچى جەمئىيەتتىكى خېلى بىر قىسىم زىيالىيلار ، ئوقۇمۇشلۇق كىشىلەر ئىشتىراك قىلغان .

تۈرى :ئۇنۋېرسال, ئۇيغۇرچە كىتابلار | خەتكۈچ :,

بۇ كىتابلارنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ :

(Kur'an-I Kerim ve Türkçe Anlamı) (Kur’an-I Kerim ve Türkçe Anlamı)
سۇنغان قىلىچ (تارىخىي رومان) سۇنغان قىلىچ (تارىخىي رومان)
توي كېچىسىنى سېتىۋالغان ئادەم توي كېچىسىنى سېتىۋالغان ئادەم
كەچ كۈزدىكى شىۋىرغان كەچ كۈزدىكى شىۋىرغان
باھار مېھرى باھار مېھرى

تورداشلارنىڭ ئىنكاسى

  1. ھازىرچە ئىنكاس يوق

  1. ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.