قۇتادغۇ بىلىگ (قاھىرە)

ئاپتورى: يۈسۈپ خاس ھاجىپ

1985-يىلى 5- ئاي 1-نەشرى

1985-يىلى 5-ئاي 1-بېسىلىشى

تىراژى:1-700

باھاسى:39.00

قاھىرە (مىسىردا)دا ساقلانغان «قۇتادغۇ بىلىگ» قوليازما نۇسخىسىنىڭ نەشر قىلىنىشى توغرىسىدا

بۇ نۇسخا 5800 بېيىتتىن ئىبارەت بولۇپ ، ئەرەب يېزىقىدا خەتتى سۇلۇس بىلەن كۆچۈرۈلگەن . 1896-يىلى قاھىرە ھىدىۋلىك كۇتۇپخانىسىنىڭ شۇ زامانلاردىكى مۇدىرى – نېمىس ئالىملىرىدىن دوكتۇر مورېتىز تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان ۋە قاھىرەدە ساقلانغانلىقى ئۈچۈن قاھىرە ياكى مىسىر نۇسخىسى دەپ ئاتالغان .

رۇس ئالىمى رادلوفنىڭ بەرگەن مەلۇماتىغا قارىغاندا ، بۇ نۇسخىنىڭ بەتلىرى 36-35 سانتىمېتىر چوڭلۇقتا ، قۇرلىرى18.5 سانتىمېتىر كەڭلىكتە ئىكەن ؛ خەتلىرى ئوچۇق ۋە ئېنىق يېزىلغان . ئەپسۇسكى ، باش ۋە ئوتتۇرا قىسىملىرىدىكى بەزى بەتلەر نەملىكتىن زايە بولغان ۋە بىر مۇنچە بەتلىرى يوقالغان . فوتو نۇسخىسىغا قارىغاندا ، بابلارنىڭ سەرلەۋھىلىرى باشقا رەڭدە . ئېھتىمال ، ئالتۇن يېزىلغانلىقى مەلۇم.

تۈركىيە تىل قۇرۇمى قاھىرەدە تۇرۇشلۇق تۈركىيە ئەلچىخانىسى ئارقىلىق بۇ نۇسخىنىڭ فوتو كوپىيىسىنى ئالدۇرۇپ كېلىپ ، 1943-يىلى نەشر قىلدى. ئەسەرنىڭ بۇ نۇسخىسىنى ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ تەتقىق قىلىشى ئۈچۈن قايتا سۈرەتكە ئېلىپ نەشر قىلدۇق

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ قەدىمكى ئەسەرلىرىنى رەتلەش, نەشر قىلىشنى پىلانلاش رەھبەرلىك ئىشخانىسى

1985-يىل يانۋار

 

تۈرى :ئەدەبىي ئەسەرلەر, ئۇيغۇرچە كىتابلار | خەتكۈچ :

بۇ كىتابلارنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ :

قۇتادغۇ بىلىگ  قۇتادغۇ بىلىگ
قۇتادغۇ بىلىگ قۇتادغۇ بىلىگ

تورداشلارنىڭ ئىنكاسى

  1. ھازىرچە ئىنكاس يوق

  1. ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.