قۇتادغۇ بىلىگ

ئاپتورى : يۈسۈپ خاس ھاجىپ

1985-يىلى 5-ئاي 1-نەشرى

1985-يىلى 5-ئاي1-بېسىلىشى

تىراژى:1-700

باھاسى:20.00

ۋېنادا ساقلانغان «قۇتادغۇ بىلىگ» قوليازما نۇسخىسىنىڭ نەشر قىلىنىشى توغرىسىدا

«قۇتادغۇ بىلىگ» نىڭ بۇ نۇسخىسى ھازىرقى ئافغانىستاننىڭ ھېرات شەھىرىدە ھەسەن قارا سائىل شەمىس ناملىق كىشى تەرىپىدىن قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىغا كۆچۈرۈلگەن، كاتىپنىڭ كىتاب ئاخىرىغا يازغان ئىلاۋىسىگە قارىغاندا ، كۆچۈرۈش ئىشى ھىجرىيە 843-يىلى (مىلادىيە1439-يىلى) ، مۇھەررەم ئېيىنىڭ 4-كۈنى (يەنى 17- ئىيۇندا) تاماملانغان . بۇ نۇسخا ھېرات شەھىرىدە كۆچۈرۈلگىنى ئۈچۈن «ھېرات نۇسخىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بەزى ئالىملارنىڭ پىكرىگە قارىغاندا، بۇ نۇسخا ئەرەب يېزىقىدىكى نۇسخىدىن كۆچۈرۈلگەن ۋە كاتىپنىڭ سەۋەنلىكىدىن بىر مۇنچە ئىسىملا خاتالىرىغا يول قۇيۇلغان ؛ جۈملىدىن باشقا نۇسخىلارغا قېرىغاندا ، بىر مۇنچە بېيىتلار كەم چىققان .

بۇ نۇسخا ھىجرىيە 879-يىلى (مىلادىيە 1474-يىلى) ئافغانىستاندىن تۈركىيىگە كەلتۈرۈلگەن ۋە 1795-يىلى ئاۋسترىيىلىك شەرقشۇناس ھامىر پۈرگىستال بۇ نۇسخىنى ئاۋسترىيىگە ئېلىپ كەتكەن، ھازىر ۋېنا كۇتۇپخانىسىدا ساقلانماقتا.

«قۇتادغۇ بىلىك» نىڭ ئىلىم دۇنياسىغا ھەممىدىن بۇرۇن مەلۇم بولغان نۇسخىسى مۇشۇ ۋېنا نۇسخىسىدۇر. چۈنكى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن ئېتىبارەن ، شەرقشۇناسلار تۇنجى قېتىم مۇشۇ نۇسخا ئاساسىدا «قۇتادغۇ بىلىگ» تەتقىقاتىنى باشلاشقا مۇۋەپپەق بولغان . دەسلەپتە ۋېنگرىيلىك تۈركولوگ ئارمىن ۋامبىرى بىلەن رۇس ئالىملىرىدىن ۋىلھىلىم رادلوۋ مۇشۇ نۇسخىغا .ئاساسلىنىپ «قۇتادغۇ بىلىگ» نىڭ تۇنجى تىرانسىكىرىپسىيىسى بىلەن بىر قىسىم تەرجىمىسىنى ئېلان قىلدى. 1879-يىلى دانىيە تۈركولوگلىرىدىن ۋىلھىم تومىس يۇقىرىدىكى ئىككى ئالىمنىڭ تىرانسىكىرىپسىيە بېرىشتە سادىر قىلغان خاتالىرىنى تۈزىتىپ چىقتى ۋە شۇنىڭدىن ئېتىبارەن «قۇتادغۇ بىلىگ» نىڭ قاھىرە نۇسخىسى بىلەن پەرغانە نۇسخىسى تېپىلىپ ، بۇ تەتقىقاتتا تېخىمۇ كەڭ زېمىن يارىتىلدى.

ئەسەرنىڭ بۇ نۇسخىسى ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ تەتقىق قىلىشى ئۈچۈن ، تۈركىيە تىل جەمئىيىتى تەرىپىدىن 1943-يىلى نەشر قىلىنغان فويىن نۇسخىسىدىن قايتا سۈرەتكە ئېلىپ نەشر قىلدۇق ۋە مالوۋ ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ نەمۇنىلىرى سۈپىتىدە «قۇتادغۇ بىلىگ» نىڭ ئاخىرىغا «ئوغۇزنامە» نىڭ پارچىسى ، بىر قەسىدە، تۆمۈر قۇتلۇق خاننىڭ يارلىغى قاتارلىقلارنى ئىلاۋە قىلغان . بىز شۇ پېتىچە قوشۇپ ئالدۇق.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ قەدىمكى ئەسەرلىرىنى رەتلەش نەشر قىلىشنى پىلانلاش رەھبەرلىك ئىشخانىسى

1985-يىل يانۋار

 

تۈرى :ئۇيغۇرچە كىتابلار, كىلاسسىك ئەسەرلەر | خەتكۈچ :

بۇ كىتابلارنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ :

قۇتادغۇ بىلىگ  قۇتادغۇ بىلىگ
قۇتادغۇ بىلىگ (قاھىرە) قۇتادغۇ بىلىگ (قاھىرە)

تورداشلارنىڭ ئىنكاسى

    • ئاتابىك
    • 2012-يىلى 02-ئاينىڭ 15-كۈنى 12:18:00

    ماڭا [ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىن قىسقىچە سۆزلۈك] ناملىق كىتاب بىلەن [قۇتادغۇ بىلىك] ناملىق كىتاب لازىم ئىدى باھاسىنى يوللاشقا بۇلامدىكىن؟

    • ئالىم
    • 2012-يىلى 01-ئاينىڭ 2-كۈنى 21:31:09

    ‹‹ قۇتادغۇ بىلگ ›› دىگەن بۇ كىتاپنىڭ باھاسى قانچە پۇل ؟ ماڭا ئېنىقراق قىلىپ باھاسىنى ئېيتىپ
    باقسىڭىز ؟

  1. ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.