قۇتادغۇ بىلىگ

ئاپتورى: يۈسۈپ خاس ھاجىپ

1985-يىلى 5- ئاي 1-نەشرى

1985-يىلى 5-ئاي 1-بېسىلىشى

تىراژى:1-700

باھاسى:39.00

                                                          قاھىرە (مىسىردا)دا ساقلانغان «قۇتادغۇ بىلىگ»  قوليازما نۇسخىسىنىڭ نەشر قىلىنىشى توغرىسىدا

    بۇ نۇسخا 5800 بېيىتتىن ئىبارەت بولۇپ ، ئەرەب يېزىقىدا خەتتى سۇلۇس بىلەن كۆچۈرۈلگەن . 1896-يىلى قاھىرە ھىدىۋلىك كۇتۇپخانىسىنىڭ شۇ زامانلاردىكى مۇدىرى – نېمىس ئالىملىرىدىن دوكتۇر مورېتىز تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان ۋە قاھىرەدە ساقلانغانلىقى ئۈچۈن قاھىرە ياكى مىسىر نۇسخىسى دەپ ئاتالغان .

    رۇس ئالىمى رادلوفنىڭ بەرگەن مەلۇماتىغا قارىغاندا ، بۇ نۇسخىنىڭ بەتلىرى 36-35 سانتىمېتىر چوڭلۇقتا ، قۇرلىرى18.5 سانتىمېتىر كەڭلىكتە ئىكەن ؛ خەتلىرى ئوچۇق ۋە ئېنىق يېزىلغان . ئەپسۇسكى ، باش ۋە ئوتتۇرا قىسىملىرىدىكى بەزى بەتلەر نەملىكتىن زايە بولغان ۋە بىر مۇنچە بەتلىرى يوقالغان . فوتو نۇسخىسىغا قارىغاندا ، بابلارنىڭ سەرلەۋھىلىرى باشقا رەڭدە . ئېھتىمال ، ئالتۇن يېزىلغانلىقى مەلۇم.

تۈركىيە تىل قۇرۇمى قاھىرەدە تۇرۇشلۇق تۈركىيە ئەلچىخانىسى ئارقىلىق بۇ نۇسخىنىڭ فوتو كوپىيىسىنى ئالدۇرۇپ كېلىپ ، 1943-يىلى نەشر قىلدى. ئەسەرنىڭ بۇ نۇسخىسىنى ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ تەتقىق قىلىشى ئۈچۈن قايتا سۈرەتكە ئېلىپ نەشر قىلدۇق

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ قەدىمكى ئەسەرلىرىنى رەتلەش, نەشر قىلىشنى   پىلانلاش رەھبەرلىك ئىشخانىسى

                                                                                     1985-يىل يانۋار

تۈرى :ئۇيغۇرچە كىتابلار, كىلاسسىك ئەسەرلەر | خەتكۈچ :

بۇ كىتابلارنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ :

قۇتادغۇ بىلىگ قۇتادغۇ بىلىگ
قۇتادغۇ بىلىگ (قاھىرە) قۇتادغۇ بىلىگ (قاھىرە)

تورداشلارنىڭ ئىنكاسى

    • تەلەت
    • 2012-يىلى 03-ئاينىڭ 4-كۈنى 15:48:26

    مەن ئالاي.قانچە ھازىر؟

    • ئۆمەرجان
    • 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى 19:16:05

    بۇ بۇ تەۋەرۈك كىتاپلارنىڭ باھاسى ھازىرما 39يۈەنمۇ ؟ مىنىڭ بۇنداق دىگىنىم شۇنداق بولسا مەن چوقۇم سىتىۋالىمەن ، ھازىر ئۇنەشىرىنى تاپماق تەس ، ھەم باھاسى قىممەت ، بىز ئوقۇغۇچىلار سىتىۋالالمايدىمەنمىز قىممەت بو بولسا .

  1. ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.